ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكەر
بىر كۈنلۈك كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقى ئادەتتە ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە باغلىق بولىدۇ. ئەمما بەزىدە تۈرلۈك چارچاشلار تۈپەيلى ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا يېمەكلىك ئارقىلىقمۇ ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. قېنى ئەمسىە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ، سىزگىمۇ ياردىمى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن.
1.بانان ئادەتتە «ئۇيقۇ دورىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بەدەندىكى سېروتونىن ۋە قارا پىگمېنتلارنى تۇراقلاشتۇرغاندىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ماگنىي ئىېلېمېنتىمۇ بار.
2.سەبدە(جۇخار گۈلى) چېيىنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچسە، تېنچلاندۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇ نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە بىئاراملىقنى تۈگىتىشتىكى تەبىئىي ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ.
3. ئىلىمان سۈت ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە تېنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كالتىسي بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ترىپتوفاندىن تولۇق پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىلىمان سۈت يەنە بالىلارنى تېخىمۇ تېتىكلەشتۈرۈش رولىنمۇ ئوينايدۇ.
4.ئۆرۈك مېغىزى ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ترىپتوفان ۋە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ماگنىي ئېلېمىنتى بار.
5.ئىلىمان سۈتكە ياكى خۇش پۇراق چايلارغا ئاز مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
مەنبە:
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2965