1-دائىم يېرىمكېچىدە تاماق يېگەندە، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ، چۈنكى ئاشقازان ئارام ئالمايدۇ.
2-بىر ھەپتىدە تۆتتىن ئارتۇق تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. بولمىساسالامەتلىككە زىيانلىق.
-3 توخۇنىڭ قۇيرىقىدا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى بۇقىسمىنى يېمەسلىك لازىم.
4. مېۋىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش لازىم.
5. ئاياللار ھەيز كۆرگەندە يېشىل چاي ئىچمەسلىكى، ئومۇمەن چايتۈرىدىكىلەرنى ئىچمەي، قانتولۇقلايدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
6. پۇرچاق سۈتىنى ئىچىشتە تۇخۇم ۋە شېكەرنىقوشماسلىق، شۇنداقلا ئازئىستىمالقىلىشى كېرەك.
7. پەمىدۇرنى ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىنيېيىش كېرەك.
8. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، ئۆتتە تاش پەيدابولۇشنىڭئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
9. ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن بىر نەرسە يېمەسلىككېرەك، بولمىساسەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. سۈتلۈك چاينى ئاز ئىچىش كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭئىسسىقلىق مىقدارى ۋە مايمىقدارى يۇقىرىبولۇپ، ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، ئۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمالقىلغاندا يۇقىرىقان بېسىمى، دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرگەئاسانلا گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ.
11. دۇخوپكىدىن يېڭىلا چىقىرىلغان بولكىنى دەرھاليېيىش مۇۋاپىق ئەمەس.
12. ئادەم بەدىنى زەرەتلەش قوندىقىدىن 30 سانتېمىتىردىن يىراق ئورۇنداتۇرۇشى، ئۇنىكارىۋاتقا قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
13. ھەر كۈنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك.
14. ھەر كۈنى 10 ئىستاكان سۇ ئىچكەندە، ئادەم دوۋساق راكىغا گىرىپتاربولمايدۇ.
15. سۇنى كۈندۈزى كۆپ، كەچتە ئاز ئىچىش كېرەك.
16. بىر كۈندە ئىككى ئستاكاندىن ئارتۇق قەھۋەئىچمەسلىك كېرەك. بولمىسائۇيقۇسىزلىق، ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
17. مايلىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، چۈنكى، ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭمايلىق نەرسىلەرنىھەزىم قىلىشىغا بەش سائەتتىن يەتتەسائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇھەمدە مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان قان سۇيۇقلىقى ئۈچەي، ئاشقازانغا مەركەزلىشىپ، ئادەمنى ئاسانمۈگىدىتىپ قويىدۇ.
18. چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن باشلاپ، ئاساسلىقتاماقلارنى ئازراق يېيىش كېرەك، چۈنكى سائەتبەشتىن كېيىن ئادەم بەدىنى ئۇنداق جىق ئېنىرگىيىگە مۇھتاج بولمايدۇ.
19. ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان 10 خىل يېمەكلىك: چوڭقۇردېڭىز بېلىقى، بانان، ئۈزۈم، ئاپېلسىن، بۇغداي بولكىسى، پالەك، سامساق، كاۋا، قايماقسىز سۈت، توخۇ گۆشى، گىلاس.
20. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئادەم ئېغىرلىشىپ قالىدۇ. بىر كۈندە سەككىز سائەتئۇخلاش كېرەك، چۈشتە ئۇخلاشنىئادەتلەندۈرسە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنىئالغىلى بولىدۇ.
21. ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە.
22. كۈندىلىك ئىچكەن ھاراق بىر ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، چۈنكى ئىسپىرتئانتتېلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى B ھۈجەيرىنى تورمۇزلاپ، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنىكۈچەيتىۋېتىدۇ.
23. دورا كاپسۇلىنى سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىش كېرەك. كەچتە ئۇخلاشتىن يېرىم سائەتبۇرۇن ئىچىش ھەمدە ئىچىپبولۇپ دەرھال يېتىۋالماسلىق كېرەك.
24. قارىئۆرۈك قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ياشلىقنى ساقلايدۇ، چۇس مىجەز كىشىلەر كۆپرەكئىستېمال قىلسا پايدىلىق.
25. چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى: تۈنەش، بېسىم، ھاراق _ تاماكا، مەززىلىك توخۇ قوۋۇرغىسى، ئاچچىق _ چۈچۈك قازان شورپىسى، مايلىق يېمەكلىك، تېتىتقۇ كۆپ سېلىنغان تائاملار.
26. چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كاللەكبەسەي، تۇخۇم، پۇرچاقتۈرىدىكىيېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمالقىلىپ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ( بولۇپمۇ كەمپۈتنى ) ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
27. كۈندە بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ياكى ئاپېلسىنسۈيى ئىچكەندە تېرىنى ئاقارتىپلاقالماستىن، يەنە قارا داغلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
28. ئالمىنى كۈندە بىر تالدىن يەپ بەرگەندە ئۆپكىنى تازىلاپ تۇرغىلى بولىدۇ.
29. تاماكا چىكىپ تۇرۇپ ۋىتامىن (B كاروتىن، يەنىۋىتامىن A نىڭ بىر تۈرى) نى يىگەندە راكنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭابالدۇر تاماكاتاشلاش سالامەتلىككە پايدىلىق.
30. ئاياللارنىڭ چاي ئىچىشكە بولمايدىغان بەش مەزگىلى: ھەيز كۆرگەندە، ھامىلدار بولغاندا، تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا، تۇغۇشتىن كېيىن، ياش ئالمىشىش مەزگىلىدە.
31. تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ئۆپكە راكى، كالپۇك راكى، تىل راكى، كېكىرتەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، شۇنداقلا دوۋساق راكى بىلەنمۇمۇناسىۋەتلىك.
32. ھاراق ئىچىش جىگەر قېتىششنى پەيدا قىلىپ، جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
33. سىپارا يېگەندە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تالالىشى ۋە ئېغىز بوشلۇقى راكىنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ.
34. تالاسى چىقىرۋېتىلىپ، نەپىس ئىشلەنگەنيېمەكلىكلەرنىڭ ماي مىقدارى كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇماي ھالىتىدە ساقلىنىدىغان خولېسترىن ئاشقازان راكىنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
35. يېمەكلىك ھەددىدىن ئارتۇق يىرىك بولسا، ئوزۇقلۇقيېتىشمەي، قىزىلئۆڭگەچراكىنى، ئاشقازانراكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
36. يېمەكلىكتىكى ئافلوتوكسېن ، نىترات كىسلاتا تۈرىدىكى ماددىلار راك پەيدا قىلىدۇ.
37. تاماكا چەكمەسلىك ھەم باشقىلار چېكىپ قويغان تاماكىنى تېخىمۇ چەكمەسلىك كېرەك.
38. ھاراقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش، ئۇزاقمەزگىلگىچەئىچمەسلىك، مەست بولغۇچە ئىچمەسلىك كېرەك.
39. تۇزلىغان، ئىسلىغان، كاۋاپ قىلىنغانيېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
40. كۈندە يېڭى سەي _ كۆكتات ۋە مېۋىلەر بىلەنئوزۇقلىنىش كېرەك.
41. كۈندە يۇقىرى تالالىق دانلىق زىرائەتلەر ۋەپۇرچاق تۈرىدىكىلەربىلەن ئوزۇقلىنىش كېرەك.
42. كۈندە يېمەك _ ئىچمەكلەرنى تەڭشەپ ئوزۇقلىنىش، مىقدارىنىئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك.
43. نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، ھەددىدىن ئارتۇق سەمىرىپكەتمەسلىك لازىم.
44. تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى ساقلاش زۆرۈر.
45. ئازادە، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش.
46. توغرا تاماق يېيىش ئادىتى: ئەتىگەندە قۇۋۋەتلىك يېيىش، چۈشتەتويغۇدەك يېيىش، كەچتەئاز يېيىش