بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2514|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[خانىم - قىزلار] مانا بۇ ھەقىقى ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
مانا بۇ ھەقىقى ئايال

[img]




مېھرىنى ھەممىگە ، سۆيگۈ-مۇھاببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىغان ئايال ھەقىقى مۇھاببەتلىك ئايال .

ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان ،ھەم روھى جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقى قۇدەرەتلىك ئايال .

ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمىغان ، ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقى ئەخلاقلىق ئايال .

گۈزەللىكىنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان ،ئەمما بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقى نۇمۇسلۇق ئايال.

كۆڭلى بولمىسا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ ، ئىشقى باغلانسا كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقى ئىپەتلىك ئايال .

ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان،ھەم يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلدىغان ئايال ھەقىقى ۋاپادار ئايال .

راستنى ھامان راست دەيدىغان ،لىكىن ئۆزىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلەشنى بىلدىغان ئايال ھەقىقى سەمىمى ئايال.

ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان ، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى ،يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقى سالماق ئايال.

چوغنى پۇۋلەپ ئوت قىلىپ ، مۇزلاپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان  ،لىكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقاماي چىچىپ ،ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقى ئەقىللىق ئايال .

ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەرگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان ،ئۆزىنى خارلىغانلارغا باتۇرلارچە قارشى كۆرەش قىلالىغان ئايال ھەقىقى غورۇرلۇق ئايال.

ھىجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان ، بىشىغا جۇدالىق كەلسە ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ ، ھاياتنى يىڭىباشتىن  قايتا سۆيەلىگەن ئايال ھەقىقى ساداقەتمەن ئايال .

بالا ئۆچۈن، ئانا زىمىندەك بارلىق ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈپمۇ ئىڭرىمايدىغان ،ھەتتا قۇرساقتىكى بالىسىنىڭ ساق سالامەت تۇغۇلىشى ئۈچۈن ، كۈلۈپ تۇرۇپ جان بىرەلىگەن ئايال ھەقىقى پىداكار ئايال .

پەرزەنتىنى تۇنجى ھەم ئۆمۈرلۈك ئۇستازى سۈپىتىدە تەربىيلەشنى بىلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقى كۆيۈمچان ئايال.

مانا بۇ سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سەندە تاكامۇللاشسا ، سەن ھەقىقى ئايال كۆيۈمچان ئايال ....ھەن ئەڭ ھەقىقى ھەقىقى ئايال .



مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى .


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2013-2-23 12:47:41 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-23 13:27:10 | ئايرىم كۆرۈش
سەبى يوللىغان ۋاقتى  2013-2-23 12:47
رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز{:4_91 ...

ئەرزىمەيدۇ...{:5_116:}

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2013-2-23 15:39:40 | ئايرىم كۆرۈش

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:00 , Processed in 0.309328 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش