قېتىقنى ئاچ قورساق ئىچمەسلىك كېرەك. ئادەم ئاچ قورساق چاغدا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ PH قىممىتى 2 دىن كىچىك بولىدۇ، ئەمما قېتىقتىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىنىڭ PH قىممىتى 5.4 تىن يۇقىرى بولغان ئاجىز كىسلاتالىق مۇھىتتىلا ياشاپ، كۆپىيىپ ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر ئاچ قورساق قېتىق ئىچكەندە PH قىممىتى 2 دىن كىچىك بولغان كۈچلۈك كىسلاتالىق مۇھىتتا سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ.
قېتىق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزنى چايقاش كېرەك. بولمىسا ئېغىزدا قالغاندا سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى ئېغىزدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئېچىتىپ، كىسلاتا پەيدا قىلىپ، چىشنى چىرىتىۋېتىدۇ.
قېتىق ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرىسى 10 سېلسىيە گىرادۇستىن 20 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا ئۇنىڭ تەمى، پۇرىقى ۋە سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ياز كۈنلىرى تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ ئىچسە بولىدۇ.
قېتىقنى قىزىتىپ ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەنسېرى ئورۇقلۇق قىممىتى ۋە سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ.
ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كەتكەنلەر قېتىقنى باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىچىشى كېرەك.
ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىچىۋاتقان كىشلەر دورا ئىچىپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن قېتىق ئىچسە بولىدۇ،