بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 10601|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[خانىم - قىزلار] قوساقتىكى بالىنىڭ قىز - ئوغۇللىقىنى پەم قىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
[tekshi]ھەكىم سۇلتان ئەلىنىڭ دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى.
يەركەن سەئىدىيە خانلىق زامانىسىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ھۆكۈما (تېۋىپ) سۇلتان ئەلى ھەزىرەت تەرىپىدىن  1520-1533 -يىللىرى سۇلتان سەئىد باھادىرخاننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن يېزىلغان <<دەستۇرىل ئىلاج>> ناملىق كىتاپ دەسلىپىدە شۇ زامانلاردىكى ئەدەبىي تىل پارىس تىلىدا يېزىلغان، كىيىن يەنە مەزكۇر كىتابنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە سۇلتان سەئىدخاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا يېزىلغان.  
بويىدا قالغانلىقنىڭ ئالامىتى: جىنسىي ئەزا قۇرۇق بولىدۇ ھەم كىچىك بولىدۇ.جنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن سوغۇقتا توڭغاندەك ھېس قىلىدۇ. جنىسىي ئىشلار مەيلى ئاز بولسۇن ئادەت كۆرۈش توختايدۇ، ئەمچەكنىڭ ئۇچى قارا، كۆزنىڭ ئېقى كۆكۈش  بولىدۇ.كۆڭلى ئاچچىق -چۈچۈك نەرسىلەرگە تارتىدىغان بولىدۇ.
  بالا ئوغۇل ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايال كىشىنىڭ رەڭگى چىرايلىق، ئوبدان بولۇشى بىلەن كۆكرىكى قىزىل بولىدۇ. بالنىڭ ھەرىكىتى ئوڭ تەرەپتە سىېزىلىدۇ. كۆكرىكنىڭ ئوڭ تەرىپى سول تەرىپىدىن چوڭ بولىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق سۈيدۈكى رەڭلىك بولىدۇ. قورسىقى كۆپىنچە ئېگىز بولىدۇ. ئايال ئىشتھالىق بولىدۇ.
بالا قىز ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايالنىڭ رەڭگى ئۆچەك بولىدۇ. بالا كىچىكىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى سول تەرەپتە سېزىلىدۇ، كۆكرىكى قارا بولىدۇ. سول تەرىپى چوڭ بولىدۇ. سۈيدىكى ئاق، قورىسقى پەستىرەك بولىدۇ. لاي، كۆمۈر، توپا،گەجدەك نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلدىغان بولىدۇ. بەك ئىشتىھالىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بالنىڭ قىز ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ، بۇقرات ھەكىم ئايال كىشىنىڭ بويىدا بارلىقى گۇمان بولسا، 20گرام ھەسەلنى سوغۇق سۇدا ئېزىپ، ياتار چاغدا بەرسە كىندىكى تولغاپ ئاغرىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز. يەنە بىر كۈن تاماق يىدۈرمەي ئۇدقا ئوخشاش خۇشپۇراق نەرسىلەرنى پۇرىتمىز، پۇرىمىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز.
يەنە بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقنى مەلۇم قىلدىغان بەلگىلەردىن زىراۋەننى سوقۇپ، ھەسەل بىلەن خىمىر قىلىپ، يۇڭ بىلەن جىنسىي ئەزاسىغا قويىمىز. ۋاقىت توشقىچە ھىچ نەرسە يىمەيدۇ. ئەگەر ئاغزىدا تاتلىق مىزە تەم بولسا بالا ئوغۇل، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قىز دۇر. ئەگەر ئاغزىدا ھىچقانداق تەم بولمىسا ھامىلدار ئەمەستۇر.
ئۇندىن باشقا ھامىلدار ئاياللارنىڭ سۈيدۈكى سۈزۈك بولىدۇ، ئۈستىدە دانچىلار بولىدۇ. كۆپىنچە نۇقۇت سۈيىدەك ياكى باپىچى سۈيىدەك بولىدۇ. ئۇنىڭ سېرىقلىقى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە مايىل كىلىدۇ.چۆكمە بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىپىدە سۈيدۈكتە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ، داۋالغۇتسا، دۇغلىشىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ ئۈستىدە ئاق، نىپىز پەردە بولۇپ پۈتۈن سۈيدۈكنىڭ يۈزىنى ياپسا، قورساقتىى بالا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ بىر قىسمى يېپىلسا، بالا قىزدۇر. ئاق پەردىدە ئازراق دانىچە كۆرۈلسە، قورساقتا بالا يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، يەلنىڭ بەلگىسىدۇر.2~3 بولغان ھامىلدار ئايالنىڭ سۈيدۈكى سۇيۇق، سۈزۈك بولىدۇ.
4 ئايلىق بولغاندا سۈيدۈك قىزلىغا مايىل، لېكىن بىر ئاز دۇغراق كېلىدۇ. ئەگەر دۇغلۇقى كۆپەيسە، ھامىلنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ ئاز بولۇپ، بوتۇلكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتسە، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ بوتۇلكىنىڭ ئۈستىدە بولسا، بۇ يەلنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ھامىلنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.



ئۇنىڭدىن باشقا يەنە << ئەبۇ ئەلى سىنا نىڭ جەۋھەرلىردىن تاللانما >> باملىق قوليازما ئەسەردە خاتىرلىنىشچە :
1. ھامىلدار ئايالغا سۇت پەيدا بولغاندا بىر قاچىغا ساغسا ( سۇت ) ئىتتىك ئۇيۇسا بالا قىز تۇغۇلىدۇ. ئىتتىك ئۇيۇمىسا بالائۇغۇل تۇغۇلىدۇ.  ۋە ۇەنە ئەينەكنى ئاپتاپتا قىزىتىپ ھامىلدار ئايالنىڭ سۇتىنى ئەينەككە تېمىتسا ئەگەر سۇت ئۇنچىگە ئوخشاش بۇلۇپ قالسا ئۇغۇل تۇغىدۇ،  ئەينەك ئۇستىگە سۇت يېيىلىپ كەتسە قىز تۇغىدۇ.

2. ھامىلدارئايالنىڭ تۇمۇرلىرى ئادەمگەبىلىنگىدەك ھالدا قىزىل بولسا ئۇغۇل تۇغىدۇ، ئەگەر تۇمۇرى تىگى- تىگىدىن كۇكۇش بولسا قىز تۇغىدۇ.

3. كېلەنىڭ ئۆتىنى قۇرۇتۇپ ، ئازىراق ئىپار زەفەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئايال كىشى  شىياف قىلىپ يېقىنچىلىق قىلسا بالىسى ئۇغۇل تۇغۇلىدۇ. دەپ خاتىرلەنگەن .


ماقالە ئەسلى مەنبەسى : ئەل ھېكمەت تور بىكىتى [/tekshi]

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2010-12-28 12:13:48 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى  بىلىۋالدىم  رەخمەت سىزگە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.261690 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش