بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1184|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[باشقا] بۇنداق دوسلۇق كىمدە بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئاتىسى ئوغلىدىن :‹‹بالام سېنىڭ قانچە دوستۇڭ بار؟›› دەپ سۇراپتۇ.

ـ ناھايىتى كۆپ، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلى .

ـ ئۇنداق بولسا سەن مېنىڭ دېگىنىم بۇيىچە ئۇچاڭدىكى  كىيىمنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرنى  يىرتىپ ، ئاندىن بېرىپ شۇ دوسىتلىرىڭنى ئىزدەپ،  ئۇلارغا ‹‹مەن ئادەم ئۇرۇپ قويدۇم›› دېگىن ۋە ئۇلارنىڭ ساڭا توتقان   پۇزىتسىيەسىگە قاراپ باققىن .

دەرۋەقە ئوغلى ئاتىسىنىڭ ئېيىتقىنى بويچە ئىش كۆرۇپتۇ ۋە ئۆزى      بىلەن ئەڭ ياخشى ئۆتىدىغان دوستىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ.

   ـساڭا نىمە بولدى ؟كۆڭلىكىڭ قان بۇلۇپ كېتىپتىغۇ؟

ـ مەن ئادەم ئۇرۇپ قويدۇم،پۇل بېرىپ تۇرساڭ بۇپتىكەن ؟

ـ يېقىندىن بۇيان قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى، بولمىسا  سەن باشقا      دۇسىتلىرىڭدىن سۇراپ باققىن ....

ئۇ بۇ ئاغىنىسنىڭ يېنىدىن  ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا قايتىپ چىقىپتۇ ۋە 2- دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ،ئىشىكنى  چېكىپتۇ.

ـ كىم ؟

ـ مەن .

ـ بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟

ـ مەن  ئادەم ئۇرۇپ قويدۇم ،ماڭا پۇل بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن ؟

ئۇنىڭ بۇ دوستىمۇ  ئالدىنقى  دوستىغا ئوخشاشلا جاۋاب بېرىپ،ھەتتا ئىشىكنىمۇ  ئېچىپ بەرمەي ئۇنى يولغا  سېلىپ قويۇپتۇ.

ئۇ ئوخشاشلا  ئىزدگەن  بارلىق  دوسىتلىرى  تەرپىدىن رەت قىلىنىپتۇ.

روھى چۇشكۈن ھالەتتە ئۆيىگە قايىتقان ئۇۈۇل،ئىشنىڭ جەرياننى     ئاتىسىغا  سۆزلەپ بېرىپتۇ.

ـ بالام ،سەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا  بېرىپ مېنىڭ ئىككى دوستۇمنى ئىزدىگىن .   ئۇ ناھايىتى تېزلا  ئاتىسنىڭ دېگىنى  بۇيىچە ئاتىسىنىڭ

بىر  ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىنى تېپىپتۇ .

ـ بالام ، ساڭا نىمە بۇلدى؟

ـ تاغا مەن ئادەم ئۇرۇپ قويدۇم.

ئۇ تاغسىدىن پۇل سوراپ بولغۇچە، ئاتىسىنىڭ دوستى ئۇنىڭغا بىر    ۋاراق پۇل چېكىنى تۇتقۇزۇپ،دەرھال ئۆزنى مەلۇم قىلىشنى ۋە يارىلانغۇچىنى داۋالاتقۇزۇشنى  تاپىلاپتۇ .

ئوغۇل شۇ ھامان ئاتىسىنىڭ ئاغىنىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئۇ ئاتىسىنىڭ گېپى بويىچە ئاتىسىنىڭ  يەنە بىر ئاغىنىسىنى           ئىزدەپ بېرىپتۇ .

ئۇ تېخى گەپ باشلىماي تۇرۇپلا  ئاتىسىنىڭ ئاغىنىسى   ئۇنىڭ  

تۇرقىغا  قاراپ  ئۇنى تارىتكىنىچە ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋاپتۇ.

ـ بالام ساڭا نىمە بۇلدى؟

ـ تاغا ،مەن ئادەم ئۇرۇپ قويدۇم .

ـ تېزدىن كىيىملىرىڭنى يۆتكىۋەتكىن !

ـ كىيىملىرىمنى يۆتكەپ نىمە قىلىمەن ؟

ـ مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ يېشى سېنىڭ يېشىڭ بىلەن ئانچە پەرىقلىنىپ    كەتمەيدۇ، سېنىڭ كىيىملىرىڭنى ئوغلۇمغا كىدۈرۇپ قۇيايلى ،

مەن ساقچىغا ھازىرلا تېلېفۇن بېرەي ،ئوغلۇم  سېنىڭ جىنايىتىڭنى

ئۆز ئۈستىگە ئالسۇن ،سەن بۇ يەردە بىر مەزگىل يوشۇرۇنىۋالغىن .

ئوغۇل بۇ ئادەمنىڭ  گېپىنى ئاڭلاپلا  يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە بىر     

دەمدىن  كېيىن ئاتىسىنىڭ دوستىغا بۇ ئىش تۇغىرىسىدا  چۈشەنچە   بېرىپتۇ .

ئۇ ئۆيىگە قايىتقاندىن  كېيىن پوشايمان قىلغان ھالدا  ئاتىسىغا     بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ  قالايمىقان دوسىت تۇتۇپ،ۋاقىتنى       ئىسراپ قىلمايدىغانلىقى توغىرىسىدا  ۋەدە بېرىپتۇ .

   


مەنبە:ئەلكىن مۇنبىرى



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2012-4-12 11:20:16 | ئايرىم كۆرۈش
پىيازنىڭ پوستى تولا ، ئەخمەقنىڭ دوستى .............................دىگەن شۇ   

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2012-4-12 11:21:44 | ئايرىم كۆرۈش
قىيىن كۈنلەردىمۇ دوسلۇقنى يەتكۈزەلەيدىغان ، كۈلگەندە تەڭ كۈلەلەيدىغان ...يىغلىغاندا تەڭ يىغلىيالايدىغان دوس ھەقىقى دوس ھىساپلىنىدۇ .

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2012-4-12 13:54:13 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھە مانا  دوست دىگەن،  مەن ئەتىراپىمدىكىنىڭ ھەممىنى دوست چاغلاۋەرمەيمەن،  دەل مۇشۇنداق چاغدا سىنىلىپ قالىدىچۇ بۇلار.  
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن. (ئىنكاس تېلفوندا يېزىلدى)

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2012-4-12 17:00:50 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي ~~ ئاشۇنداق ھەقىقى دوستىن بىرنى تاپقۇچە نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرىدۇ ئادەم~

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2012-4-12 19:09:34 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭمۇ شۇنداراق بىر دوستۇم بولىدىغانتى ، نەلەدىكىن يوقاپلا كەتتى ئىچكىرگە ئوقۇشقا كىتىپ

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2012-12-23 21:47:41 | ئايرىم كۆرۈش
سۇغا سال،مۇزغا سال،توڭدۇم دېسە دوستۇم دىمە،
ئوتقا سال،ئاتەشكە سال،كۆيدۈم دېسە دوستۇم دېمە.

ھەقىقى دوست باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:22 , Processed in 0.255751 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش