ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى...ماڭا جىددى ياردەم كىرەك ئىدى .
بۈگۈن 支付宝غا پۇل قاچىلاش ئۈچۈن خىلى كۆپ ئىتىشىپ ،قەتئى بانكا كارتامدىن پۇل قاچىلىيالمىدىم .شۇنىڭ بىلەن بازاردىن 100يۈەنلىك كۆچمە خەۋەرلىىشىش قىممەت تولۇقلاش كارتىسىدىن بىرنى ئىلىپ كەلدىم،支付宝باشبىتىگە كىرىپ پۇل قاچىلاشتىن قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ئارقىلىق پۇل قاچىلاش تۈرىنى تاللاپ ،ھازىرچە 100يۈەننىڭ 50يۈەن پۇلىنى قاچىلىغاچ تۇراي دەپ ،50يۈەننى تاللاپ باسسام كارىڭىزدا 100يۈەن باركەن دەپ چىقتى قايتىپ 100يۈەننى قاچىلاي دەپ كىرسەم بۇكارتىنىڭ پۇلىنى قاچىلاپ بولغان ،باشقا نەرسە ئارقىلىق قاچىلاڭ دەپ تۇرىۋالدى.ئەمما كارتىدىمۇ پۇل ھازىر بارمۇ يوق بىلمىدىم،ئەمما 支付宝ھىساۋاتىمغىمۇ پۇل كىرمەپتۇ ،زادى قانداق قىلىشىم كىرەك .تورداشلارنىڭ ياردەم قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ياكى كومپىيۇتىرداىكى مەسىلىمۇ بىلەلمىدىم . ياردەم قىلغان بولساڭلار بوپتىكەن . ئۆتكەن بىر قىتىم چچ غا قاچىلايمەن دەپ 30كويلۇق كا ئەكەلسەم ،نىمىسى نىمە بولدى ،ئۇمۇ قاچىلانماي يوق بولدى . چاتاق نەدىلىكنى قەتئى بىلەلمىدىم .
[qq]641567638[/qq]
مەسىلىنىڭ جاۋابى :سىز قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش گۆھىرىگە پۇل قاچىلىماقچى بولغىنىڭىزدا قىممەت تولۇقلاش كارتىڭىزدا قانچە پۇل بولسا چوقۇم شۇ پۇلنىڭ ھەممىنى بىر قىتىمدىلا قاچىلىشىڭىز شەرتكەن،ئەگەردە ماڭا ئوخشاش 100يۈەنلىك كارتا ئىلىپ،50يۈەننى قاچىلاپ باقاي دىسىڭىز كارىڭىز توڭلىتىپ قويىلىدىكەن ،ئاندىن 4-5كۈندىن كىيىن ئىچىلىدىكەن. بايا ئادمىنجان ياردەم قىلىپ،پۇل تۆلەش گۆھىرى مۇلازىمەتچىسى بىلەن سۆزلىشىپ ،ئۇلارنىڭ 6-چىسلا سائەت 9 دىن كىيىن قىممەت تولۇقلاش كارتامنى ئىچىپ بىرىدىغانلقى،شۇ چاغدا كارتا ئىچىدىكى پۇلنىڭ ھەممىنى قاچىلىشىم كىرەكلىنى ئىيتتى. بۇمۇ بىر بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ساۋات بولغاچقا ،تىمامنى تەھرىرلەپ جاۋابىنىمۇ يىزىۋەتتىم.
بۇيەردە بىكەت قۇرغۇچىسى ئادمىنجانغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى burkut001نىڭ مىكرو بلوگى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا burkut001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-4 12:51