بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2988|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[بىلۋېلىڭ] تاياققا لايىق 10 خىل ئايال ۋە تاياققا لايىق 10 خىل ئەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
تاياققا لايىق 10 خىل ئايال ۋە تاياققا لايىق 10 خىل ئەر


مۇتەخەسسلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا . كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇنۇ 10 خىلدىكى ئاياللارنى (خانىم-قىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تاياققا لايىق دەپ قارىغان.1. پۇلى يوق ، مودا قوغلىشىدىغان ئاياللار.   

بۇلارنى گاھىدا تىللاپ ، گايىدا ئۇرسىڭىز بولىدۇ، قولىڭىزنى قاتتىق قىلماڭ. مودا قوغلىشىش ئاياللارنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن. «مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز دەل مۇشۇ تىپتىكى ئاياللار ئۈچۈنلا مەخسۇس چىقىرىلغان.

2.باشقا ئاياللارنى مەنسىتمەيدىغان، ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان ئاياللار.

ئۇرسىڭىز تامەن بولىدۇ، لېكىن قولىڭىزنى قاتتىق قىلماڭ. «قوڭىدا ئىشتان يوق ، ئېتىم مارجان بۈۋى» دېگەندە بۇلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ، پوپاڭ سۆزلەش، رەڭۋازلىق قىلىش دېگەندە.  بۇلار « دەرىجە كېنشكىسى » ئالغان، ئېسل كيىملەرنى كىيىپ، ئاغزىدا قارسلدىتىپ سېغىز چايناپ ، ئەتراپقا سوغۇق قاراپ، ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئالىيجاناپ سانايدىغان ئاياللار دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر .

3.قېرىغىننى تۇيمايدىغان ، ئۆزىنى ياش قىزلاردەك چاغلايدىغان ئاياللار.

ئۇلارنىڭ قېرىغىننى تۇيماي، ياش قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرگىننى، گىرىم-پىرىم دېگەننى لايىقىدا قىلماي قېرى مايمۇنلاردىن ئېشىپ چۈشكىننى كۆرسىڭىز  ئۇلار ئۈچۈن خىجىل بولۇپ يۈزىڭىز چىملداپ كېتىدۇ، لېكىن ئامال يوق، سىز قىزارغىنىڭىز بىلەن ئۇلار قىلغۇلىقىنى قىلىۋېرىدۇ. ئۇلار دېگەن يېشى بىلەن نوپۇس دەپتىرىدىكى يېشىى ماس كەلمىسە ساقچىخاندىكىلەر بىلەن ئاتا-ئانىسىدىن رەنجىشى بار، مۇشۇ تەرىپى  ھەممدىن كۈلكىلىك.

4.يالغاندىن كۆز يېشى قىلىپ  ھېسداشلىقىنى بىلدۈردىغان ئاياللار.

بۇلارنى تازا سېلىڭ. بۇنداق ئاياللار بەك خەتەرلىك، «تىمساقنىڭ كۆز يېشى » دېگەن سۆز دەل مۇشۇ تىپتىكى ئاياللار ئۈچۈنلا چىقىرىلغان ۋە شۇلار ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، مەخسۇس پاتنېت ھوقۇقى بار سۆز بۇ .
بېشىڭىزغا سەل كېلشمەسلىك كەلسە بۇنداق ئاياللار سىزدىن بەكرەك يىغلايدۇ. ئاندىن« تولا يىغلاپ بەدىنمدىكى سۇ مىقىدارى ئازلاپ كەتتى» دەپ تازا ئوخشىتىپ دەملەنگەن قەھۋەرىڭىزنى ئىچمىگىچە سىزنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ.

5.ئاياللىق سۈپىتىنى ساقلاپ يۈرمەيدىغان ئاياللار.

مۇنداقلارنى مۇشتۇمىڭىزنى لازا-ئاچچىقسۇغا چىلاپ تازا سالمىسىڭىز بولمايدۇ. .
مۇنداقلارنىڭ تىشىغا قاراپ ئاياللىقىنى بىلەلەيسىزيۇ ، لىكىن قىلىپ يۈرگەن ئىشىلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئاياللىقىقى ئۇياندا قالسۇن ئادەملىكىدىنمۇ گۇمان قىلىپ قالىسىز.

6.بەتخەج ئاياللار.
   
ئۇرۇپ ئاغزى-بۇرنىدىن قان كەلتۈرۋېتىڭ. كىچىككىنە پۇل تاپسا كىيم -كېچەك ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدىغانلار ، ئۆينىڭ ئەھۋالى بىلەن ھېساپلاشمايدىغان ئاياللار.

7.ھەدىدىن زىيادە رومانتىك ، ئوماقلىقىنى قوغلىشىدىغان ئاياللار.   

بىر-ئىككى كاچات سالسىڭىز بولار، ئۇلار بىلەن بىر سورۇندا بولۇشتىن، قوغلىشىشىتىن ساقلىنىڭ. سورۇن تاللىماي ئەركىلەپ يۈرسە، مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئۆز خىيالىدىكى، تېلۋېزورلاردىكى رومانتىك تۇرمۇشنى چۈشەپ يۈرسە تەبىئيكى يۈزىڭىز چۈشۈپ، مۇھەببىتىڭىز بۇزۇلىدۇ.

8.چەتئەل مەستانىلىرى.
   
ئېسىپ قويۇپ قامچا بىلەن سېلىڭ. چەتئەلنىڭ كوچا لۈكچەكلىرى توپىدىكى قىزلار كىيىۋالىدىغان كىيىملەرنى كىيىۋالدىغان. كۆڭلىكى كىندىكىنى ياپالمايدىغان ، چېچىنىڭ رەڭگى بىلەن تىلىدىن ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتىڭىزدىن ئىكەنلىكىدىن گۇمانغا سېلىپ قويىدىغان، ھە دېسە ئۇ چولپاننى ئويلاپ، بۇ چولپان بىلەن خىيالىي تويلاپ چىقىدىغان ئاياللار، ئۇ خەققە چەتنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كىيىملىرى، مەدەنىيتى شۇنداق ئىلغار كۆرىنىدىكى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى شۇنچىلىك مەتۇ ھېساپلىنىدۇ.

9. مۇھەببەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار.

قامچا بىلەن تازا ئۇرۇڭ، ئاندىن ئاپتاپلىق يەرگە باغلاپ قويۇڭ. «داننى ئۆيدىن يەپ سىرتقا كاكىلايدىغان مېكىيان» مىجەز تىپىدىكى ئاياللارنىڭ تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلەرنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ، نۇرغۇن سەبىئىي بالىلار يېتىملىك كوچىسدا چۆرگىلەۋاتىدۇ.

10. ئۆز يولدىشىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، مەنسىتمەيدىغان ئاياللار.   

قامچىنى لازا سۈيىگە چىلاپ تازا ئۇرۇپ، ئاندىن قامچا ئىزىغا تۇز سۈركەپ ، ئاپتاپلىق جايغا باغلاپ قويۇڭ.
بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىززەت-ئابرويى، ھۆرمىتى بولىدۇ. باشقىلار تەرپىدىن ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىششى ، يول قويۇشى بىلەن ئائىلە ئائىلە بولۇپ، بەخىتكە چۆمىدۇ.

قوشۇمچە سۈپتىدە

مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ« ئەرلەر ئۇنداق ، مۇنداق» دەيدىغانلارمۇ تاياققا لايىقتۇر، چۈنكى ئەرلەرنىڭ تاياققا لايىقلىرى بىر قېتىم يىزىلىپ بولغان، شاتۇتى مىجەزلىك ، بىر گەپنى تولا تەكرارلايدىغانلامۇ مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن ئوخشاشلا تاياققا لايىق.



تاياققا لايىق 10 خىل ئەر


1. پۇلى يوق ، بايۋەتچە بولۇۋالىدىغان ئەر كىشى . ئوتتۇراھال ئۇرسىڭىز بولىدۇ .   

پۇلى يوق ،ئولتۇرۇشتىن قالمايدۇ .ئويلايدىغىنى قىز قوغلاش. پۇلى يوق ئاپتۇبۇسنى ياراتماي تاكسىغا ئولتۇرىدۇ. پۇل ھېساپلىغۇچتا 23.5كوينى كۆرسەتسە، 20 كوينى تەڭلەپ ،تېخى قايتۇرماڭ دەيدۇ.

2.باشقا ئەرلەرنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى كۆتۈرىدىغان ئەرلەر

بەك ئۇرۇۋەتمەڭ ، ئاياللارنىڭ ئالدىدا باشقا ئەرلەرنى چۈشۈرۈپ ،ئۆزىنى ماختايدۇ. ئاقساللىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. ئۇچراپ قالسا ئويلانمايلا بېرىپ ئۇرۇش كېرەك. لېكىن ئازراقلا ئۇرسىڭىز بولىدۇ.

3. يالغاندىن باشقىلارغا ھېسىداشلىق قىلىدىغان بولۇۋالغان ئەرلەر

ئاغزى -بۇرنىدىن قان چىقىرىۋېتىش كېرەك . دىۋانىغا 2 كوي بېرىپ ئاپتۇبۇسقا چىقىتىم دەپ بىر كوي قايتۇرۋالىدىغان بۇنداق ئەرلەرنى ئۇرمىسا قانداق بولىدۇ ؟
   
4. 30-40 ياشقا كىرىپ قېلىپمۇ ئۆزىنى كىچىك بالا چاغلايدىغان ئەرلەر
   
ئۇلارنىڭ <بىزدەك بالىلار>دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز ئۈستىڭىزدە يىلان ئۆمىلەۋاتقاندەك ھېسياتقا كېلىسىز. ئۇرماي ئامال يوق  .

5. تاپقان پۇلىنى ئۆيىگە خەجلىمەي ، سىرتتا ئاشنا ئوينايدىغان ئەرلەر     

ئۇرۇپ نېمە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ .

6. قارىسىڭىز ئەرمۇ -ئاياللىقىنى بىلگىلى بولمايدىغانلار ؛

ئەلۋەتتە دەسلەپتە سىز ئۇنىڭ ئەرلىكىنى ئۇقمايسىز .لېكىن ئۇقۇپ قالسىڭىز ......

7. ئوماق بولىمەن دەپ قىز بالىدەك ئەكىلەپ يۈرىدىغانلار ؛
   
ھەرگىز ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يەپ قالماڭ ، گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالسىڭىز يەۋاتقان تامىقىڭىزنى قۇسۇۋەتمەي ئامال يوق.ئۇنىڭدىن كىيىن 2كاچاتنى سالمايمۇ ئامال يوق .

8. چەتئەلگە ياكى ئىچكىرىگە بىر قېتىم بېرىپ كېلىپلا ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلار ؛

تېخى ئۇ يەرلەردە ئۇزاق تۇرۇپ ئادەتلىنىپ قاپتىمەن دەپ قويىشى بار. بۇنداقلارنى كوللىكتىپ ئۇرۇش كېرەك.

9. ئايال كىشىنى ئۇرىدىغان ئەرلەر

گېپىم يوق .   

10 . تېما يوللىسا ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلار ياكى قۇسۇر تاپىدىغانلار، شۇنچە جاپا تارتىپ تېما يوللىسا ، كۆرىدىغاننى كۆرۈپ بولۇپ ، گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتكەنلەر.  بۇ دېگەن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ - دە ، تاياققا ئەڭ لايىق !

مەنبە  : ئىنتىل تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umudwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-21 16:45  


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2012-1-21 15:17:16 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭ تاياق يېگۈم يوق ، شۇڭا  ئىنكاس يازاي...
ئەمما  نېمە دەپ  باھا بېرىشنى بىلەلمىدىم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-21 15:26:29 | ئايرىم كۆرۈش
sawdayi يوللىغان ۋاقتى  2012-1-21 15:17
مېنىڭ تاياق يېگۈم يوق ، شۇڭا  ئىنكاس يازاي...
ئەمما  نېمە ...

يازغىنىڭزمۇ بىر ئىنكاسقۇ ئەنە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2012-1-21 15:49:58 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ جۇمۇ بۇ تېما ... ئەمما قىزلارنىڭ ئالامەي يېزىلىپتۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-21 16:08:55 | ئايرىم كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-21 15:49
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ جۇمۇ بۇ تېما ... ئەمما قىزلارن ...

ھې ھې ھې  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!
دەھشەت تېما ئىكەن شۇڭا  ئەپكەلدىم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2012-1-21 18:06:05 | ئايرىم كۆرۈش
كۈلۈپ كىتىپتىمەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2012-1-21 18:14:08 | ئايرىم كۆرۈش
9نىڭ ھەممىسىگە چۈشۈدىكەمەن ، تاياق يېمەسلىكنىڭ ئامالىنى قىلىپ ئاستا ئىنكاس يېزىپ قاچاي

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2012-1-21 18:40:13 | ئايرىم كۆرۈش
ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا
ما تىمىدىكى قىز-ئاياللار ئاجايىپ كەپتۇ جۇما .نەخ گەپلەرنى قىپتۇ ،مۇشۇنداق ئەر ئاياللار چوقۇم تاياققا لايىق،كۆزنى يۇمبىلىپ تازا سىلىش كىرەك. {:soso__1329030854366471218_4:}

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2012-1-21 18:41:47 | ئايرىم كۆرۈش
ساقلىۋالدىم.كىيىنچە مۇشۇنداقلارنى ئۇچۇرتۇپ قالسام ،مۇشۇ تىمىنى كۆرسىتىپ قويارمەن .
بايا رەھمەتنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن.ئەمدى قوشۇپلا دەۋىتەي. جاپا تارتىپسىز. رەھمەت جۇمۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-21 18:45:21 | ئايرىم كۆرۈش
burkut001 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-21 18:41
ساقلىۋالدىم.كىيىنچە مۇشۇنداقلارنى ئۇچۇرتۇپ قالسام ،م ...

سىز  گىمۇ كۆپ رەھمەت  ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاس قايتۇرۇپسىز
تاياق يىيىشتىن قورقىپسىز  ھە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
ۋاقتى: 2012-1-21 22:31:43 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ساقلىۋالدىم.رەخمەت سىزگە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
12#
ۋاقتى: 2012-1-22 11:28:30 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى تىماكەن مەن ساقلىۋالدىم رەخمەت سىزگە بۇتىمىنى كۆپرەك كىشىلەرگە تەۋەسيە قىلاي

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
13#
ۋاقتى: 2012-1-23 22:10:46 | ئايرىم كۆرۈش
ھې ھې ھەممىسىلا دەسسەپ چەيلەيدىغان ئۇسۇللاركەنغۇ...  مۇشۇنداق قىلغاندا ئوڭشىلىدۇ دەپ قويۇڭ..

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
14#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-24 10:13:30 | ئايرىم كۆرۈش
买买提艾力 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-22 11:28
بەك ياخشى تىماكەن مەن ساقلىۋالدىم رەخمەت سىزگە بۇتىمى ...

ياخشى قىلىپسىز !!!!!!!!!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
15#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-24 10:14:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئافغان يوللىغان ۋاقتى  2012-1-23 22:10
ھې ھې ھەممىسىلا دەسسەپ چەيلەيدىغان ئۇسۇللاركەنغۇ...  مۇ ...

راس دەيسىز  
جەمىيىتىمىزدە مۇشۇنداق نېمىلەر بەك كۆپ بوپ كەتتى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 06:59 , Processed in 0.267416 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش