بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1503|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[يېقىنقى زامان تارىخى] ئۇلۇغ ھېيتىمىز قۇربان ھېيت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
     قۇربان ھېيت  ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ ، قىرغىز ، تاجىك ، ئۆزبېك ، تاتار ، دۇڭشياڭ ، سالا ، باۋئەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك ھېيىتى . قۇربان ئەرەب تىلىدىن ئېلىنغان سۆز بولۇپ ،‹‹ قۇربانلىق قىلىش›› مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ . قۇربان ھېيت بىلەن روزى ھېيت ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ھېيىتى ھېسابلىنىدۇ . ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12–ئاينىڭ 10– كۈنى قۇربان ھېيت بولىدۇ . ئىسلام شەرىئىتىدە ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12– ئاينىڭ باشلىرى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پەرىزىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن مەككە مۇھەررەمگە بېرىپ تاۋاپ قىلىش ۋاقتى قىلىپ بەلگىلەنگەن . ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ( يەنى 12–ئاينىڭ 10–كۈنى ) قوي ، كالا سويۇلۇپ ، ھېيت تەبرىكلىنىدۇ . بۇ دەل روزى ھېيتتىن كېيىنكى 70– كۈنگە توغرا كېلىدۇ . قۇربان ھېيتتا مال سويۇپ ، قۇربانلىق قىلىش ئەسلىي ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى ئىدى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىگە ئاللاھتائالاھ زاھىر بوپتۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مىلاد تېغى جىلغىسىغا بېرىپ ، ئوغلى ئىسمايىلنى ئۆز قولى بىلەن ئولتۈرۈپ ، ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ .ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ ، ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ، ئاللاھ پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر كۆك قوچقارنى ئەۋەتىپ ، ئاللاھ سېنىڭ ئاللاھغا بولغان ساداقىتىڭنى مەقبۇل كۆردى ، ئەمدى كۆك قوچقارنى ئۇنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن ، دەپتۇ . مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ، ئەرەبلەر ئارىسىدا ھەر يىلى مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن . كېيىنچە ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھېيتىغا ئايلانغان . ئىسلام دىنى كالېندارى بىلەن ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا 11 كۈنگە يېقىن پەرق بار . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مىلادىيە كالېندارىدىكى ھەر يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ۋاقتى مۇقىم ئەمەس . ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ، ھېيىتتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر ئويئىچى ، ھويلا –ئاراملىرىنى پاك – پاكىز قىلىپ تازىلاپ ، يېڭىلاپ چىقىدۇ ھەم ھېيتلىق ئىگىن تەييارلايدۇ . ئاياللار ساڭزا سېلىپ ، ياغلىق توقاچ – نانلارنى يېقىپ ، تۈرلۈك تاتلىق –تۈرۈملەرنى پىشۇرىدۇ ، ھەر خىل پېچىنە – كەمپۈت ، مېۋە –چېۋە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ، ھېيتقا ئوبدان تەييارلىق قىلىدۇ . ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ، ئىخلاسمەن ئىسلام مۇخلىسىلىرى يۇيۇنۇپ ، ئىگىن يەڭگۈشلەپ ، مەسچىتكە بېرىپ ھېيت نامىزى ئۆتەيدۇ . ئاندىن تۇپراق بېشىغا چىقىپ ، ۋاپات بولغانلارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ ،ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قوي سويۇپ ، گۆش پىشۇرۇشقا باشلايدۇ . يەنە بەزىلەر كالا ، تۆگە سۆيىدۇ . قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى سېتىشقا بولمايدۇ . بەلگىلىمە بويىچە قوينىڭ تېرە– ئۈچەيلىرىنى مەسچىتكە بەرگەندىن باشقا ، گۆشى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويىلىدۇ ۋە ئۇرۇق - تۇغقان ، دوست –يارەنلەرگە بېرىلىدۇ . ھېيت مەزگىلىدە ھەممە ئۆينىڭ داستىخىنىغا ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تاۋاق گۆش بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بولسا يېمىش تەخسىلىرىگە ۋە چىرايلىق ۋازىلارغا قاچىلانغان تۈرلۈك پېچىنە – پىرەنىك ، تاتلىق يېمەكلىكلەر ، كەمپۈت ۋە مېۋە– چېۋىلەر تىزىپ قويۇلغان بولىدۇ . ھېيىت كۈنلىرى كشىلەر ئەڭ چىرايلىق ئىگىنلەرنى كىيىپ ، ئەڭ ئېسىل بېزەكلىرىنى تاقاپ ، ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ ، پەتىلىشىىدۇ ، ھېيتلاپ كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ . بۇرۇن ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ھېيتتا يۈز كۆرۈشكەندە چىرايلىق ھال– ئەھۋال سورىشىدۇ ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ كۈندىن باشلاپ ، بۇرۇىقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، قايتا ياخشى ، خوپ بولۇشۇپ قالىدۇ، ھېيت كۈنلىرى يەنە تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ . بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن كىشلەر شادلىنىپ ، كۈلۈشۈپ ، ناخشا ئېيتىشىپ ، ئۇسۇل ئوينىشىپ ، پۈتكۈل ئايەم كۈنلىرىگە ئاجايىپ تەنتەنىلىك ، قىزغىن تۈس كىرگۈزىدۇ . دۆلەتنىڭ بەلگلىمسىگە ئاساسەن ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىسى قۇربان ھېيتتا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ .





ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2012-1-11 10:35:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسىلكەنغۇ > "" “” '
بىلىملەر تورى كۈنسىرى تەرەقىي قىلغاي !

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:01 , Processed in 0.248425 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش