بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1578|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[يېقىنقى زامان تارىخى] ھېكمەت دۇردانىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
چاكىنا كىشىلەرنىڭ چىن سۆزلىرى ــ يالغان دەپ قارىلىدۇ ، ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ يالغان سۆزلىرى ــ سىياسەت دەپ سانىلىدۇ .
   * ئەخمەقلىق — ئۆز ئارا دۈشمەن بولغان ئىككى كىشىنى تەڭ دوست تۇتۇش .

   * دۈشمەنسىز بولۇش ــ كامىللىق ئەمەس ، كامىللىق ــ ھەقلىق ئورۇندا دۈشمەنلىك بولۇش .

   * كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىڭنى يامان كىشىلەردىن قوغدىغاندەك ، قىممەتلىك كىتابلىرىڭنى يوچۇن كۆزلەردىن نېرى قىل .

   * دۈشمەننى يېڭىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال ــ ئۇنىڭغا ئىزگۈلۈك كۆرسىتىش .

   * نادان باي ــ ئالىملار سورۇنىدا تىلسىز ئادەم .

   * نادانلارنىڭ ئالىملاردىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىگە قارىغاندا ئالىملارنىڭ نادانلاردىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى كۆپرەك بولىدۇ .

   * مەستلىك ــ ئادىمىيلىكتىن چىقىپ ، ھايۋانىلىققا ئۆتۈش ھالىتىدۇر .

   * ئىشلەپ ھارغانلارنىڭ بىكار يۈرۈپھارغانلارغا قارىغاندا ھاردۇقى تېز چىقىدۇ .

   * توغرا يولدا ماڭغان كىشىنىڭ ئۇتۇق قازىنىش يولى ھەم قىسقا ھەم داغدام بولىدۇ .

   * سالامەتلىكىڭنى ساقلىغىڭ كەلسە ، ھەر بىر ئىشىڭدە ساق بول .

   * كۆرۈنۈش ئۈچۈن ماڭىدىغان خوتۇنلار كۆرۈش ئۈچۈن ماڭىدىغان خوتۇنلاردىن كۆپرەك بولىدۇ .

   * بەزىلەر چىشى بىلەن چاينايدۇ ، بەزىلەر تىلى بىلەن چاينايدۇ .

   * ياخشى ئىشلىرىڭنى خەلق ئۇنتۇمايدۇ ، يامان ئىشلىرىڭنى ئۆزۈڭ ئۇنتۇما .


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2012-1-11 10:35:03 | ئايرىم كۆرۈش
ساقلىۋالغۇدەك ھىكمەتلەركەن. رەھمەت دوستۇم جاپا چەكتىڭىز.تىخىمۇ تىرىشىڭ...
ئىسىلكەنغۇ >
ئىزچىل سىزنىڭ يازمىڭىزغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، داۋاملىق تىرىشىڭ
!بىلىملەر تورىغا ئەزا بولۇپ ياخشى قىلىپتىمەن !

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-12 20:40:32 | ئايرىم كۆرۈش
burkut001 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-11 10:35
ساقلىۋالغۇدەك ھىكمەتلەركەن. رەھمەت دوستۇم جاپا چەكتىڭ ...

سىزگىمۇ رەھمەت  ... ئورتاق تىرىشايلى  ...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2012-2-2 23:09:03 | ئايرىم كۆرۈش
چاپلىۋالغىدەك ھېكمەت دۇردانىللىرىكەن ...
قارىغاندا ، نادانلارنىمۇ ئانچە ئەيىپلەپ كەتمىسەك بولغىدەك ، چۈنكى ئالىملارنىڭ ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغانلىرى كۆپكەن ئەمەسما ، نادانلار بولمىسا ئلىملار كىمدىن ئۆگىنەتتى دەيسىلەر

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:01 , Processed in 0.249003 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش