بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 7714|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[يېقىنقى زامان تارىخى] ئۇيغۇر مەشھۇر شەخىسلىرىنى تونۇۋېلىڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

ئابباس بۇرھان: پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، تەتقىقاتچى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن: سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، رەسسام.
ئابدۇكېرىم راخمان: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.
ئابدۇكېرىم خوجا: ئاتاقلىق شاىر، ئەدەبىي تەرجىمان.
ئابدۇقادىر داموللا: 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن دىنىي ئالىم.
ئابدۇللا تىمەن: زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر سىياسىونلىرىنىڭ بىرى(تەيۋەن).
ئابدۇقادىر تاش: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ژۇرنالىست.
ئابدۇراخمان ئابلىكىم: بوكس تۈرى بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولغان.
ئابدۇراخمان قاھار: يازغۇچى، «ئىلى دولقۇنلىرى» قاتارلىق بىرقاتار رومان-پوۋېستلارنى يازغان.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدى: ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى (قازاقىستاندىن، مۇراد ئەخمىدىنىڭ ئاتىسى)
ئابدۇرەھىپ پولات تەكلىماكانىي: ئەدەبىياتشۇناس، تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا)
ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى.
ئابدۇرېشىت توختى: شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مول ھوسۇللۇق كومپوزىتورى.
ئابدۇرېشىت زۇنۇن: كىيىم لايىھىلەش بويىچە ئالىي ئىنژېنېر.
ئابدۇروسۇل ئابدۇللا: مېتېورولوگىيە بويىچە ئالىي ئىنژېنېر.
ئابدۇشۈكۈر كېرىم: شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسسامى.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىجتىمائىي پەن ئالىمى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شاىرى.
ئابلەق ئاۋامىسلىم: مول ھوسۇللۇق كومپوزىتور.
ئابلەت ئابدۇرېھىم: ئوتلاقچىلىق مۇتەخەسسىسى (شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى)
ئابلىمىت ئابدۇقادىر: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن، بىئولوگىيە پېنى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى.
ئابلىز ھېزىموف: يازغۇچى (قازاقىستان)، قازاقىستاندا نۇرغۇن ئىاجدىيىتى بارلىقى مەلۇم، ۋەتەندە «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمى نەشر قىلىنغان.
ئابلىز شاكىر: مۇقامشۇناس (شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن)
ئادالەت ئەخمەتجان: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى)
ئادىل ھوشۇر: داڭلىق دارۋاز (شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىدىن)
ئادىلجان جۇڭگودىكى ۋاسكېتبول چولپىنى، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ دۆلەتلىك ترېنېرى.
ئالىجان ئىبراھىموف: قازاقىستاندىن، كاتتا كارخانىچى.
ئامىنە غاپپار: تىلشۇناس.
ئارسلان ئابدۇللا: تىلشۇناس، پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
ئايشەم ئەخمەت: يازغۇچى.«ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق رومانلارنى يازغان.
ئايشەم ھوشۇر: مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى.
ئازاد سۇلتان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەىسى.
بىلال ئىلياس: ماتېماتىك، ياپونىيىدە.
بوغدا ئابدۇللا: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شاىر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
چىمەن يۇنۇس: باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
دىلبەر يۇنۇس: دۇنياغا تونۇلغان دولقۇنسىمان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى.
دىلمۇراد كۇزىيېف: كاتتا كارخانىچى، قازاقىستاندا.
دىلنار ئابدۇللا: ئۇسسۇل سەنئەتكارى.
دىلناز ئەخمىدى: ناخشا چولپىنى (مۇراد ئەخمىدىنىڭ قىزى، قازاقىستاندا)
دىلشات ئابلا: نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى..
دىلشات ھېۋىزۇللا: كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيال ئىنژېنېرى (ئەنگلىيىدە)
دىلشات سۇلتان: ئەدەبىي تەرجىمان، ئالىي مۇھەررىر.
دولقۇن رەھمىتۇللا: تېببىي مۇتەخەسسىس (ئامېرىكىدا)
ئەكبەر غۇلام: ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى.
ئەكرەم ئەلى: ئاگرونومىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئەل فارابى: 10-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن، پەيلاسوپ، تېببىي ئالىم، مۇزىكىشۇناس.
ئەلى ئەسمىتۇللا: قاتناش-ترانسىپورت تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئەلىشىر ناۋاىي: 15-ئەسردە ياشاپ ئىجاد قىلغان، مۇتپەككۇر شاىر.
ئەنۋەر ھەسەن: ھايۋانات ئوزۇقشۇناسلىقى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئەنۋەر مۇھەممەت: شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى، ئاتاقلىق سېھىرگەر.
ئەركىن سىدىق: ئوپتىكا پەنلىرى ئىنژېنېرى (ئامېرىكىدا)
ئەسەت سۇلايمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
ئەخەت تۇردى: يازغۇچى، ژۇرنالىست.
ئەخمەت تۆمۈر؛ ئاسارئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى، «جۇڭگودىكى يىغىپ ساقلاش چولپىنى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
ئەختەم ئۆمەر: يازغۇچى.
ئەزىزوف قاسىم: گېنېرال.
غازباي: مىلادىيىدىن ئىلگىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېببىي ئالىم، قەدىمىي ھىندىستان مەنبەلىرىدە نامى تىلغان ئېلىنغان.
غازى ئەمەت:رەسساملىق كەسپى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن.
غەنى باتۇر: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانى.
غەنى غوپۇر: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
غەنىزات غەيۇرانى: لۇغەتشۇناس، شاىر، ئار تىل-يېزىق كومىتېتىدىن.
غەيرەتجان ئوسمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
ھاجئەكبەر ئەيسا: بايلىق خىمىيىسى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن.
ھىسام قۇربان: زامانىمىزدىكى “نەسىردىن ئەپەندى”.
ھوشۇر ئەلى: رەسسام، خەتتات، بىرىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى.
ھوشۇر ئىسلام: پروفېسسور، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
ھۈسەنجان جامى: ئاتاقلىق تەمبۇرچى، مۇزىكا ئىجادچىسى.
ھۈسەنجان تۇنىياز: ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئىبراھىم مۇھتى: زامانىمىز ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى، تەتقىقاتچى.
ئىدرىس ئابدۇروسۇل: ئارخېولوگ، تەتقىقاتچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالىغۇچى.
ئىليار شەيخىدىن: ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئىمىن تۇرسۇن: ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتچىسى، شائىر، تىلشۇناس.
ئىمىننىياز ئىسمائىل: كومپوزىتور، تۇرپان ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن.
ئىسراپىل يۈسۈپ: ئارخېولوگ، قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى.
ئىززەت ئىلياس: ناخشىچى، شىنجاڭ ئوپەرا ئۆمىكىدىن.
جالالىدىن بەھرام: يازغۇچى، رەسسام. «لېيىغان بۇلاق»، كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى. مۇشۇ كىشىلەر قاتارىدىكى مۇسا سايرامىنىڭ رەسىمىنى جالالىدىن ئەپەندى سىزغان.
ئابدۇۋەلى جارۇللايېف: ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى.
جيەن بوزەن: تارىخشۇناس، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.
جيەن يىڭخەي: جۇڭگودىكى مەشھۇر كارخانىچىلارنىڭ بىرى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.
كۈرەش ئىبراھىم: فىزىكا ئالىمى، قېتىشىش ھالەت فىزىكىسى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىدىن.
لىتىپ توختى: تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
لۇتپۇللا مۇتەللىپ: ئىنقىلابىي شائىر.
مۇھەممەت باغراش: يازغۇچى، ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن.
مۇھەممەتجان سادىق: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شائىر (ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن)
ماھىنۇر ھاجىياقۇپ: كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمانى.
ماھىنۇر نىياز: دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا.
مەھمۇد كاشغەرى: 11-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن تىلشۇناس.«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتورى.
مەھمۇد خالىق: بىئولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
مۇھەممەت شاۋدۇن: ژۇرنالىست، شائىر.
مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق): مائارىپچى، شائىر.
مەمتىلى زۇنۇن: شاىر، دراماتۇرگ. «ھېيتگاھ تۇمانلىرى»، «مەسلىھەت چاي»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق دراما-ئوپېرالارنى ۋە نۇرغۇن نادىر ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان.
مەمتىمىن بارات:گېن ۋە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى   


مەنبە :http://www.nur.cn/html/news/9324.shtml

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2012-1-12 02:42:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئالىم ئەھەت ئەپەندىم يوقكەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2012-3-2 15:22:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئابلىز شاكىر بار يەردە ئابدىريىم ئۆتكۈر ، تىيىپجان ئېلىيوفلار بولىشى كېرەكتىغۇ ؟  پاشا ئىشانغا مەشھۇرلىق تەگمىگەن يەردە ئىززەت ئىلياسقا نىمە قويۇپتۇ ؟ قارىغاندا ، يۇقارقى تىزىملىكتىكى كۆپ سانلىق ‹ مەشھۇر›لارنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا ‹ مۇناسىۋىتى › بەكرەك رول ئويناپ كەتكەنمۇ قانداق ؟ بۇنىڭدىن باشقا غوجانىياز ھاجى ، مەخسۇت مۇھىتى ، ئەخمەتجان قاسىمى ، زۇنۇن قادىرى ، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلار ، يۈسۈپخاس ھاجىپ ، نېمشھىت ئارمىيە ئېلى داموللا ، زوردۇن سابىر ، مەمتىمىن ھوشۇرلارچۇ ؟ بۇلار قانداقسىگە ‹ مەشھۇر ›لارنى تاسقىغان غەلۋىرىڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىپ قالدى ؟

باھا سۆز

مەنمۇ شۇنداق قارايمەن...  ۋاقتى: 2012-11-15 14:15
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-3-2 15:32:43 | ئايرىم كۆرۈش
Talki--Yar يوللىغان ۋاقتى  2012-3-2 15:22
ئابلىز شاكىر بار يەردە ئابدىريىم ئۆتكۈر ، تىيىپجان ئېل ...

مەنمۇ شۇ توردا ئۇچرىتىپ قالغان  ... تورداشلار بىلىپ قالسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم  .....     كېلەر قېتىم ئۇ شەخىسلەرمۇ بوپ قالار   .....

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2012-3-11 19:08:05 | ئايرىم كۆرۈش
كېلەر قېتىم تاللىغان چېغىڭلاردا ‹ مەشھۇر › دىگەن سۆزنىڭ ۋەزنىنى ئومدانراق دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن ، شۇ زات مۇشۇ نامغا لايىقمۇ ئەمەسمۇ  بۇنىمۇ ئومدانراق دەڭسەپ تاللىساڭلار ، بولمىسا : ‹ ئىشۇ بىرنىمىلەر مەشھۇر بولغان بولسا مەشھۇرلۇقمۇ چاغلىق نىمىكەن › دەيدىغانلار چىقىدۇ-دە ، مەشھۇر بولغاننىڭ  ‹ ۋاي › دىەىچىلىگى قالمايدۇ .

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-3-12 11:34:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەم بىرە نەرسە يوللاپ بوغىچە ئۇنى بۇنى دەپ كوچىلاپ يۈرگەن  ...   شۇڭا تەرەققى قىممايمىز بىز ئۇيغۇرلار ....  ئاجايىپ ئادەملەر بار جۇمۇ     

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2012-11-14 21:34:20 | ئايرىم كۆرۈش
بىز سىلەركە تۇزىتىپ بىرىۋاتساق سىلەر ئەكسىچە بىزدىن كورىۋاتامسىلەر قززىق ئادەملە با دېسە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2012-11-15 11:15:55 | ئايرىم كۆرۈش
توغرا سىز نى ئانچە مۇنچە كوچىلىمىسىمۇ بولمۇغۇدەك ،  ئۈزىڭىز يازماپسىز ، باشقىلارنىڭكىدىن كۈچۈرۈپ ئەكەپسىز ،لىكىن قاراپ ،نەرى خاتا ،نەرى توغرا  قاراپ تۈزىتىپ يوللىمامسىز ،  خەقنىڭكىنى ئىلغىماي يەۋەگەچكە تەرەققى قىلمايمىز بىز

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:01 , Processed in 0.256929 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش