ئەسسالام ئەلەيكۇم !
بىلىملەر تورى ئىزچىل ياخشى بولغان قولايلىق، ئىشلىتىشچان سېستىمىلارنى يېزىپ ھەقسىز تارقىتىۋاتىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بىز بىلىملەر تورى مىكرو بلوگ سېستىمىسى 1.0 نى تارقاتقان ئىدۇق. بەلكىم تۈنجى قېتىملىق تارقىتىشى بولسا كىرەك، نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكلەر بار ئىدى. بۇ قېتىم يېزىپ چىققان 1.5 نەشىرى كۈزىتىشىمىزچە بىر قەدەر مۇكەممەل ھەم ئەتىراپلىق تۈزۈلدى دەپ قارايمىز.
1.5 نەشىرىدە تۈزۈتەلگەن ھەم قوشۇلغان ئىقتىدارلار:
يېڭىلىڭلار:
1. ئۇسلۇب css+div ئارقىلىق تۈزۈلدى.
2. كۆپ ئىشلىتىلدىغان ie6، ie7، ie8، firefox، opere، Chrome قاتارلىق تور كۆرگۈچتە تامامەن ئوخشاش، نۇرمال كۆرۈنىدۇ.
3. بىكەت پەقەت بىرلا index.asp دىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، بوشلۇقنى تەڭشەش ئارقىلىق index.asp نىڭ ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ سېستىمىنىڭ كېڭەلگەن نامىنى يوشىرالايسىز.
4. سېستىما ئالاھىدە كىچىك ئايىھەلەندى. ئېدىتورنى ھېسابلىمىغاندا سېستىما پەقەت 600kb لا كېلىدۇ.
5. بىكەت ئۇچۇرلىرىنى ئارقا باشقۇرۇشتىن بىۋاستە قوشالايسىز. (بىكەت نامى، ئادىرىسى، icp، ئالاقىلىش ۋاستىسى، سىتاستىكا كودى، بىكەت ھەقىدە )
6. بلوگ يازغۇچىلارنى خالىغانچە قوشالايسىز، ئۈچۈرەلەيسىز، تەھرىرلىيەلەيسىز.
7. يازمىنى ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن يوللىيالايسىز. شەخىسى ماتىرياللىرىڭىزنى يوشۇرۇن يوللىسىڭىز پەقەت باشقۇرغۇچى نامىڭىزدا كىرگەندىلا كۆرۈنىدۇ.
8. سېستىمىغا مۇكەممەل ھەم كۆركەم بولغان kindeditor ئېدىتور سەپلەندى.
9. بلوگغا ئىككى ئۇسلۇب سەپلەندى. تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قاراپ داۋاملىق كۆركەم بولغان ئۇسلۇبلارنى تارقىتىمىز.
10. بىكەتكە eot ئۇلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچە خەت نۇرمال كۆرۈنىدۇ.
تۈزۈتۈلگەن مەسىللەر:
11. يازمىلارنى تەھرىرلىگىلى بولماسلىق مەسلىسى تۈزۈتۈلدى.
12. يازمىلارنى بەت ئايرىپ كۆرسەتكىلى بولماسلىق مەسلىسى ھەل قىلىندى.
13. ئېدىتورنىڭ مېدىئا قوشقىلى بولماسلىق مەسلىسى ھەل قىلىندى. (swf، wmv، wma، mp3 قاتارلىقلار)
14. ie دىن باشقا تور كۆرگۈچلەردىكى نۇرمالسىزلىق ھەل قىلىندى
15. باشقۇرۇش ئىسىم ۋە پارولنى بىۋاستە ئۆزگەرتكىلى بولماسلىق مەسلىسى ھەل قىلىندى.
16. بىكەت ئوختۇرۇشىنى ئارقا باشقۇرۇشتىن ئالماشتۇردىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
يەنە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلار بار، چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ ...
بىلىملەر تورى مىكرو بلوگ 1.5 نەشىرىنى سىز مەيلى بلوگ قىلىپ ئىشلىتىڭ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ ياكى ئاددى ماقالە بەت قىلىپ ئىشلىتىڭ تامامەن ماس كېلىدۇ.
بىكەت ئىشلىتىش كىلىشمى
بىلىملەر تورى مىكرو بلوگ 1.5 نەشىرىنى مەن 0 دىن باشلاپ يېزىپ بىركۈندە ئاران پۈتتۈرۈپ بولدۇم، ئەلۋەتتە تورداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۇنچىلىك جاپا ھېچ گەپ ئەمەس. تورداشلارغا قاتتىق ئەسكەرتىدىغىنىم بلوگ ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى Powered by Bilimlar! T1.5 نى قەتئىي ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ. قەتئىيلا. ئەگەر بايقالسا ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە.
سېستىمىنى چۈشۈرۈش
سىناق كۆرۈش ئادىرىسى:
http://web.bilimlar.com/t
سېستىمىنى چۈشۈرگەندە بىلىملەرگە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرىپ چۈشۈرۈڭ، ئامال بار 迅雷 نى ئىشلەتمەڭ.
Bilimlar_T1.5.zip
(670.56 KB, چۈشۈرۈش سانى: 744)
باشقۇرۇش ئىسىم ۋە پارول: admin
داۋاملىق ياخشى سېستىمىلارنى ئىشلىتىشنى خالامسىز؟
بىلىملەر تورىنىڭ داۋاملىق ياخشى بولغان قوللىنىشچان سېستىمىلارنى تارقىتشىنى خالامسىز. ئۇنداقتا بىكىتىمىزگە ھەر بىر كىرگەندە ئۈستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. پەقەت بىر نەچچە سېكونتلۇق ۋاقتىڭىزنى ئالىمىز. بىزنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەيىمىز ئاشۇ ئېلان بىلەنلا. شۇڭا قوللاپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز. رەھمەت !
بىلىملەر تورى مىكرو بلوگ سېستىمىسى 1.5 گە قارىتا تەكلىپ ۋە پىكىر بولسا ئاستىغا ئىنكاس قىلساڭلار بولىدۇ. css دە ئۇسلۇب تۈزەلەيدىغان تورداشلار بولسا ئۇسلۇب تۈزۈپ يوللىسڭلار بىللە پايدىلانساق بولىدۇ.
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى adminنىڭ مىكرو بلوگى