بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 4405|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[خەنزۇچە] ھەقسىز ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئوپتېك دېسكا ئويۇش قورالى ImgBurn

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
گەرچە Windows XP دىن باشلاپلا، مىكروسوفت ئاللىقاچان سېستىمىغا دېسكا ئويۇش ئىقتىدارىنى قوشۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىدارى زىيادە ئاددى بولغاچ ھەمدە Nero غا ئوخشاش كەسپىي ھەقلىق يۇمشاق دېتاللارنى ھەممە ئادەمنىڭ سېتىۋېلىشىغا قۇربى يەتمىگەچ بۇ خىلدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغان بىر ھەقسىز يۇمشاق دېتال ئىزچىل كەملىك قىلىپ تۇراتتى. ناۋادا مۇشۇ تۈردىكى سىغىمى كىچىك ۋە ھەقسىز، ئىقتىدارى كۈچلۈك بىرەر يۇمشاق دېتال بولغان بولسا قالتىس ئىش بولاتتىدە؟
بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان ImgBurn بولسا دەل مۇشۇ تۈردىكى يۇمشاق دېتال. Nero غا ئوخشاش سىغىمى ھەددىدىن زىيادە چوڭ، توردىن چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۈچۈن بىرمۇنچە ۋاقىت ئالىدىغان ھەقلىق يۇمشاق دېتاللارغا قارىغاندا، ImgBurn ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ باش قېتىنچىلىقىنى ئىنتايىن ياخشى ھەل قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. ImgBurn ئوپتېك دېسكىدىكى ھۆججەتلەرنى تۇتۇپ ئېلىپ تەسۋىرگە(ISO) ئايلاندۇرالايدۇ، يەنە ياندۇرۇپ تەسۋىر ھۆججەتنى ئوپتېك دېسكىغا ئويالايدۇ. ھازىرقى مودا بولىۋاتقان ئوپتېك دېسكا ئوقۇغۇچ ۋە تەسۋىر ھۆججەتلىرىنى ئاساسەن تولۇق قوللايدۇ، XP دىن تارتىپ Windows7 گىچە بارلىق سېستىمىلاردا ئىنتايىن نورمال خىزمەت قىلالايدۇ، سىغىمى 2M كېلىدىغان بىر يۇمشاق دېتالنىڭ بۇنچىلىك قۇدرەتلىك بولۇشى ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە.
ImgBurn نىڭ ئاساسلىق كۆرۈنمە يۈزى
ImgBurn نۆۋەتتە BIN/CDI/CDR/DI/DVD/GCM/GI/IBB/IBQ/IMG/ISO/LST/MDS/NRG/PDI/UDI/BD قاتارلىق تەسۋىر ھۆججەت فورماتلىرىنى قوللايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە Nero قاتارلىق كەسپى يۇمشاق دېتاللارنىڭ دېسكا ئويۇش ماتورلىرىنى سىرتتىن ئېسىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ! سىز ImgBurn ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا قوش قەۋەتلىك DVD پلاستىنكىسى ئويالايسىز، توردىن چۈشۈرگەن 720P لىق فىلىملەرنى DVDRip قىلىپ ئويىۋالالايسىز.
ImgBurn نى ئىشلىتىش:
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ImgBurn نىڭ كۆڭۈلدىكى كۆرۈنمە يۈز ئېنگلىزچە، ناۋادا ئېنگلىزچە سەۋىيەرىڭىز ياخشى بولمىسا، بەت ئاستىدىكى چۈشۈرۈش ئورنىدىن خەنچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ، ImgBurn قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى language ھۆججەت قىسقۇچىغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىزلا كۇپايە، ئاندىن ImgBurn نىڭ تىزىملىك قىسمىدىن تەرتىپ بويىچە tools ئاندىن setting قىسمىغا كىرىپ، language قىسمىدىن خەنچە بولاقنى تاللاپ قويسىڭىزلا بولدى.
ئەلۋەتتە نۆۋەتتە تېخى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق، ناۋادا سىزنىڭ ئېشىنچە ۋاقتىڭىز بولسا، مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستى قىسمىدىكى خەنچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ، Windows ئۆزى تەمىنلىگەن خاتىرە دەپتەر(NotePad) پروگراممىسىدا ئېچىپلا، تەرجىمە قىلىپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مەن بۇ يەردە تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈشىگە تەمىنلەپ بەرسەم بولىدۇ، ياكى بىۋاستە ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ كېلەركى نەشىرىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ قوشۇپ تارقىتىلىشىنى قولغا كەلتۈرسەكمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە سىزنىڭ بۇ يەردىكى خالس ئەمگىكىڭىز ئۈچۈن تورداشلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
خاتىمە
نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ImgBurn يېڭى يۇمشاق دېتال تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئاددى، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھەقسىز ۋە قوللاش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، چوقۇم سىزنىڭ ئالدىنقى تاللىشىڭىز بولالىشىغا ئىشىنىمەن. ئويلاپ بېقىڭ، نۇرغۇن ۋاقىت ياكى پۇل سەرپ قىلىپ ئاجايىپ ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئاجايىپ ھەيۋەت بىر دېسكا ئويۇش يۇمشاق دېتالى چۈشۈرسىڭىز، ئەمما نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى ئارتۇقچە ساقلىنىپ ئىشلىتىلمىسە بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ؟ بۇ خۇددى «كالا پىچىقىدا قۇچقاچ سويغاندەكلا» بىر ئىش بولىدۇدە؟ ئۇنداقتا نېمىگە قاراپ تۇرىسىز، ئىككىلەنمەي ImgBurn غا مۇراجىئەت قىلىڭ، ئۇ ئىنتايىن قىسقا سۈرئەتتە سىزنىڭ ئوپتېك دېسكا ئويۇش ۋە تەسۋىرگە ئېلىش ھاجىتىڭىزدىن چىقالىغۇسى!
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش ئادرېسى:يۇمشاق دېتال خاراكتېرى: ھەقسىز يۇمشاق دېتال
يۇمشاق دېتال تىلى: كۆپ خىل تىللىق
ئورگان تور بېكىتى: http://www.imgburn.com





ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-6-27 00:16:06 | ئايرىم كۆرۈش
ھىچقايسى ئادرىستىن چۈشمىدى بۇ.

باھا سۆز

ئادمىن ئەپەندىم مۇنبەرگە دىتال يوللىسا قايسى ئورۇنغا يوللايدۇ ؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2017-2-9 11:27
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2017-2-9 11:27:23 | ئايرىم كۆرۈش
بولكا يوللىغان ۋاقتى  2016-6-27 00:16
ھىچقايسى ئادرىستىن چۈشمىدى بۇ.

ئادمىن ئەپەندىم مۇنبەرگە دىتال يوللىسا قايسى ئورۇنغا يوللايدۇ ؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:58 , Processed in 0.257819 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش