بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 29665|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[رېتسىپلار] بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ 8 خىل رىتسىپى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ 8 خىل ئاددىي رېتسىپى
1) 40گرام سۆلەپ مىسرى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.
2) 40گرام كۈندۈر، 20گرام زەنجىۋىل ئايرىم- ئايرىم سوقۇلۇپ، 200گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە بىر- ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ.
3) 100گرام تەرەنجىۋىل (يانتاق شېكىرى) مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئېرىتمە سۈزۈۋېتىلىپ 300گرام يېڭى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سۇس ئوتتا قويۇلغۇچە قاينىتىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىچىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق، تولا چۈش كۆرۈش، ئورۇقلۇق ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
4) 20گرام نوقۇت، 20گرام سۆلەپ مىسرى يۇمشاق سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، مەنى تۇتالماسلىققىمۇ شىپا بولىدۇ.
5) 20گرام شاقاقۇل مىسرى، ئون گرام كاۋاۋىچىن، ئون گرام سەۋزە ئۇرۇقى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئەر- ئاياللاردىكى سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ.
6) ئالدى بىلەن 50گرام بادام مېغىزى، 50گرام پىستە مېغىزى، 30گرام پىياز ئۇرۇقى، 20گرام ئۇسۇڭ ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن بادام مېغىزى بىلەن پىستە مېغىزى ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ سوقۇلۇپ، 300گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قىتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، سەۋدادىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.
7) 50گرام ياڭاق مېغىزى، 50گرام ئاقلانغان كۈنجۈت، 20گرام چامغۇر ئۇرۇقى، 20گرام زەنجىۋىل، 20گرام بىدە ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزى بىلەن كۈنجۈت ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇلۇپ، 400گرام ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئېستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.
8) 30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. يۇقۇرقى رېتسىپلارنى ئەرلەرلا ئىشلىتىپ قالماستىن، ئاياللار ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، دورا ئىستېمال قىلغۇچى دورىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ياش قۇرامى، بەدەن قۇۋۋىتىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشى لازىم. دورىلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ھەسەلنى قاچىغا ئېلىپ، قاچىنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ھەسەلنى ئېرىتىپ، ھەسەلنىڭى كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ ھەسەل قولنى كۆيدۈرمىگىدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىش، مەلھەم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغىچە قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق كېرەك. بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا سوغۇق سۇ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل4 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2011-8-9 13:14:48 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىملەردە سەرخىل بىلىملەرمۇ  بارئىكەندە ...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2011-10-25 13:08:22 | ئايرىم كۆرۈش
  مۇنداق بىلىملەرمۇ بار دەڭلا... ھې ھې

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2012-3-11 11:12:37 | ئايرىم كۆرۈش
يۇقارقى رېتسىپلادىكى بىر ئورتاقلىق ، ھەممىسىدە ھەسەل ئاساسلىق خۇرۇچ قىلىنىدىكەن ، شۇڭا دورا تەييارلاش خوش ياقمىغانلار ھەسەل ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ بولغىدەك ، لېكىن ھازىر ساپ ھەسەل تاپماق ، ھەقىقەت تاپماقتىنمۇ بەتتەر تەسلىشىپ كەتتى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2012-4-17 11:48:37 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ساۋاتلاركەن،رەخمەت.

باھا سۆز

بەكياخشى ىكەن كۇپلەپ كىرگۇز گەيسىلە رەخمەت  ۋاقتى: 2012-4-26 08:15
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2012-6-13 21:54:07 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يىزىپسز

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2012-6-13 22:16:54 | ئايرىم كۆرۈش
قىين ئشيوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە،ساپ ھەسەلنى ئىزدەپبىقىڭ

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2012-7-30 00:24:46 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ياساپ باقاي         خې خې   خې   خې  

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2012-7-30 00:25:11 | ئايرىم كۆرۈش

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
ۋاقتى: 2012-9-15 20:05:47 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىملەردە سەرخىل بىلىملەرمۇ  بارئىكەندە ...{:soso_e113:}

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
ۋاقتى: 2012-9-26 19:20:18 | ئايرىم كۆرۈش
زاۋۇتلاردا ئشلەنگەن (سۇنئى ھەسەل) لەردە قانداق بۇلار  ..؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
12#
ۋاقتى: 2012-10-4 13:03:05 | ئايرىم كۆرۈش
زاۋۇتلاردا ئشلەنگەن (سۇنئى ھەسەل) لەردە ياخشى بولمايدۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
13#
ۋاقتى: 2012-11-3 11:14:54 | ئايرىم كۆرۈش
    بىلىملەر تورغا رەھىمەت    بۇ بەك ياخشى تىمكەن{:soso_e182:}

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
14#
ۋاقتى: 2012-12-14 20:40:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇۇم  قىرقنداشلار يۇقارقى دورىلارنى ياساشقا كىتىدىغان ئىشەننچلىك ھەسەل مەندە بار قىرغىزىستاندىن ئەكەلدۇرگەن ،قەشقەردىكى دوسلارغا لازىم بولسا ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ بىرىمەن  ئەگەر ھەسەلنىڭ سۇپىتدە مەسىلە بولسا بىرگە ئون ھەسسە تولەيمەن باھاسى؛ كىلوسىى 50يۇەن.
تىلفۇن نۇمۇرۇم؛13899116037

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
15#
ۋاقتى: 2012-12-22 04:56:36 | ئايرىم كۆرۈش
سەۋەپ قىلسىا سىۋەتتە سۇ توختايدۇ........

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.303778 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش