بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 10349|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[يېقىنقى زامان تارىخى] «پىرئەۋىننىڭ قارغىشى» راسىتمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
مىسىرنىڭ سىرلىق تۇپىرىقىدا دۇنيانىڭ قەدىمى مەدەنيىتى ئاپىرىدە بولغان ھەم نۇرغۇن سىرلىق رىۋايەتلەر  پەيدا بولغان. پىرئەۋىننىڭ قەبىرسى نۇرغۇن بايلىقلارغا تولغان خەزىنە بولغانلىقتىن، مەدەنيەتتە دائىم تىلغا ئىلىندىغان «پىرئەۋىننىڭ قارغىشى» نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان يېشىش تەس بولغان سىر بولماقتا، ئۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن پىر ئەۋىننىڭ قەبىرسىنىڭ ئەمىنلىكىنى ساقلىماقتا. شۇنداقلا قەبىرىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنغانلارنى جازالىماقتا.
    1922- يىلى تۇتامكاميوننىڭ قەبىرسىنى قىزىشقا يىتەكچىلىك قىلغان ئارخېئولوگ خوكارد كات قەبىرىدىكى بىر نەچچە جايدا تەسۋېرى ئويما يىزىقنى بايقىغان، بىر جايغا «كىم پىر ئەۋىننىڭ قەبىرسىنى قالايمىقان قىلىدىكەن، ئۆلۈم ئۇنىڭ بىشىغا كىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. يەنە بىر جايغا «قەر قانداق يامان نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بۇ قەبىرىگە كىرگەنلەرنىڭ بوينىنى قاغىنىڭ بوينىنى بوغقاندەك بوغىمەن» دەپ يېزىلغان ئىكەن.  كىيىن  تۇتامكاميوننىڭ قەبىرسىنى ئېچىشنى چۆرىدىگەن ھالدا نۇرغۇن سىرلىق ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.  ئەينى ۋەقىتتا ئاخپارات ساھەسىدىلەر بۇ ۋەقەلەرنى «پىرئەۋىننىڭ قارغىشى» دەپ قارىغان. تۇنجى قېتىم قارغىشقا ئۇچىرغىنى ئارخئولوگىيە ھەۋەسكارى گىراف كاناف، ئۇ تۇتامكاميۇننىڭ قەبىرسىگە كىرگەندە پاشا چېقىۋالغانلىقتىن، ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىر ئارخئولوگمۇ نېرۋىسى قالايمىقانلىشىش كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەن. پىرئەۋىننىڭ مۇمىياسىنى تۇنجى بولۇپ X نۇرى بىلەن سۈرۈتكە ئالغۇچى، X نۇرى مۇتەخخەسسىسى دوگلاس رېدمۇ ئۇزاق ئۆتمەي پىرئەۋىننىڭ قەبىرسىنىڭ «قۇربانلىقى» بولغان. 1924- يىلى ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى مىسىرلىق بىئولۇگ ۋايىت پىر  ئەۋىننىڭ قەبىرسىگە كىرگەن، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان. ئۇ ۋەسىيەتنامىسىدە ئۆزىنىڭ ئۆلۈۋىلىشىغا پىرئەۋىننىڭ «قارغىشى» سەۋەپ بولغانلىقىنى يازغان. قاھىرە مۇزىيىنىڭ باشلىقى كامىل مەھلىر «قەبىرە تېشىنىڭ قارغىشى»غا ئىشەنمەي، «مەن مىسىرنىڭ قەدىمى قەبىرلىرى بىلەن ئالاقە قىلغىلى ئۇزۇن يىل بولدى، ھازىرغىچە ساغلام تۇرمامدىم؟» دېگەن سۆزنى قىلىپ تۆت ھەپتىدىن كىيىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن.

     بۇ بىر قاتار ۋەقەلەردىن كىيىن يىل ئىچىدە قىزىشقا قاتناشقانلاردىن 22 سى سەۋەپسىزلا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ پىر ئەۋىننىڭ قەبىرسىنىڭ «قوربانلىقى» بولغانلىقى توغىرسىدىكى خەۋەر ئۈزۈلمىگەن. قەبىرە تېشىدىكى ئەپسۇن ھەقىقەتەن توغىرا چىقامدۇ؟ بەزىلەر : قەبىرە يولدىكى تامدا بىر قەۋەت ھال رەڭ رە سۇس يېشىل رەڭلىك نەرسە بار، بۇ قەۋەت ئۆلتۈرگۈچ نۇر تارقىتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ جىننى ئىلىشى مۇمكىن، دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان. ئەمما رادىئاتسىيە ئالىمىلىرى پىرئەۋىننىڭ قەبىرسىنىڭ رادىئاتسىيە تارقىتىشىنى ئۆلچىگەندە ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.  يەنە بەزى ئالىملار: قەدىمكى مىسىر ئۆتكۈر زىيانداش ھاشارەت ياكى زەھەرلىك قورالغا ئىگە بولغان، بۇ قورال ئارقىلىق مىسىر ھۆكۈمراننىڭ قەبىرسىنى قوغدىغان، دىگەن كۆز قاراشقا مايىل بولغان. 1956- يىلى جۇغراپىيە ئالىمى ۋايتىس، رۇكابلىنىڭ قەبىرسىنى كولىغاندا شەپەرەڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئوچىرغان، شۇڭا بۇ قاراش ھاشارەتشۇناسلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرغان.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىسمەن بىئۇلوگىيە ئالىملىرى پىر ئەۋىننىڭ «قارغىشى» ئارقىلىق ئۆلۈپ كېتىش ھادىسلىرىنى بىئولوگىيە پېنى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. قاھىرا ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ بىر بىئولوگىيە ئىلىمى دوكتورى 1963-يىلى موزىيدىكى ئارخىلوگلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرگەندە ، ئۇلارنىڭ مۇسكۇللىرىدا قىزىتمىنى ئۆرلىتىۋىتىدىغان بىر خىل ۋېرۇسنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭ نەپەس يولىنى يۇقۇملاندۇرۇپ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئىلىپ باردىغانلىقىنى بايقىغان. ئامما قەبىرىدىكى بۇخىل ۋېرۇسنىڭ ھاياتى كۈچى شۇنچىلىك چوڭمۇ؟ مۇمىيا بىلەن 4000 يىلدىن ئۇزاق ۋاقىتقىچە بىللە تۇرالامدۇ؟ ئالىمىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن.
     1983 -يىلى فىرانسىيىلىك بىر ئايال دوختۇر : پىرئەۋىننىڭ ھەمدەپنە بويۇملىرىنىڭ چېرىشىدىن كۆز بىلەن ئاسان كۆرگىلى بولمايدىغان بىر خىل زەھەرلىك باكتىريە پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىگە نەپەس يولى ئارقىلىق كىرگەندىن كىيىن ، نەپەسنى قىيىنلاشتۇرۇپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەپ چۈشەندۈرگەن.  ئەمما تۇنجى قېتىم قەبىرىنى قازغۇچى قازغۇچى ئارخئولوگ خوكارىد  ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن. ئۇ قەبىرە قىزىشقا قاتنىشىپ 27 يىل تېنىچ ياشىغان. ھەتتا ئايال پادىشاھنىڭ قەبىرسىنى قىزشىقا قاتناشقان. ئۇماقالە ئېلان قىلىپ : «مىسىرلىقلارنىڭ دىنى ئەنئەسىدە قارغاشقا روخسەت قىلىنمايدۇ» دىگەن.  «پىرئەۋىننىڭ قارغىشى» راسىمۇ؟ ھىلىقى تەسۋىرى ئويما يىزىقتىن قارىغاندا ، ئۇچوقۇم مەۋجۈت، بىراق ئالىملار ھازىرغا قەدەر يەنىلا بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نىمە دىيەلمەيدۇ.
مەنبە: «جۇڭگو ياشلىرى ژورنىلىدىن»

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2011-4-26 11:03:44 | ئايرىم كۆرۈش
تىتانىك ماركىلىق پاراخۇتنىڭ چۈكۆپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغىنىمۇ مىسسىردىكى بىرمەلىكىنىڭ مۇممىياسنىڭ ئەشۇ پاراخۇتغا ئوغۇرلىقچە قاچلانغانلىقىدىن دەپ يۈرگەن كۆز قاراشدىكى ئالىملارمۇ بار.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-4-26 11:15:15 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش xahnur نىڭ يازمىسى

مەنمۇ مۇشۇ ئەلئېھرام ھەققىدە نۇرغۇن ماتىرياللارنى كۆردۈم. ئىشقىلىپ ئادەم ئەقلى يەتمەيدۇ بۇنىڭ سىېغا جۇمۇ...
مەن يەر شارىنى ئىلگىرى ھازىرقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە بىر تەرەقىي قىلىپ قايتا ھالەك بۇلۇپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگەنمىكىن دەپلا ئويلايمەن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2011-4-26 13:13:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش admin نىڭ يازمىسى

ماڭا ئوخشاش ئويلايدىكەنسىلە!!!تەرمىلەر ژورنىلىدا شۇنىڭغامۇناسىۋەتلىك بىر بايان بار ئىكەن.يەنى 5000يىل ئىلگىرى گانگى دەريا ۋادىسىدا زور پارتىلاش بولغانىكەن،تارىخىي رىۋايەتلەردە تەسۋەرلىنىشچە:‹‹ئاسماندىن بىر تۆمۇر چاقماق چۈشتى!!ئۇيەرگە تىگىشى بىلەن كىشلەر كۆرمەس بولدى،شەھەر لاۋۇلداپ كۆيدى›› دىيىلگەنىكەن.بۇتەسۋىر ھازىر قى ئاتوم بومبىسىنىڭ تەسۋىرىگە ناھايىتى يېقىنكەن.
مەنمۇ بىر زامانلاردا بۇنىڭدىنمۇ يۈكسەك تەرەققىيات بولۇپ توپان بالاسىدا ھالاك بولغانمىكەن دەيمە!!بۇنىڭغا قىزىقساڭلا‹‹نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ كېمىسىنىڭ سىرى›› دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ چىقىڭلا!!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2011-4-26 13:15:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش xahnur نىڭ يازمىسى

شۇتىتانىكقا ئېلىپ چىققان مومىيانىڭ ئىسمى‹‹گىلۇزا››مىسىر مەلىكىسىكەنتۇق.كىنونىڭ ئاخىردىمۇ 2سىكۈنتلۇق يېرىدە دېڭىزنىڭ تىگىگە چۈكۈۋاتقان ئاق كىيىملىق بىر جەسەت چىقىدۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2011-4-26 16:03:47 | ئايرىم كۆرۈش
razwitqik يوللانغان ۋاقتى  2011-4-26 13:15
ئىنكاس قايتۇرۇش xahnur نىڭ يازمىسى

شۇتىتانىكقا ئېلىپ چىق ...

ۋۇ ،،،قايتا كۆرەي شۇيەرلىرىنى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2011-4-26 23:29:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش razwitqik نىڭ يازمىسى

ھە~~~!!!   بۇ كىتاب نەدە بادۇ..
ماۋۇ كىتابخانىلاردا ساتامدۇ..  مەن بەك قىزىقاتتىم مۇشۇنداق كىتابلارغا...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2011-4-28 14:30:44 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش tanhaqq نىڭ يازمىسى

ساتىدۇ،شنخۇا كىتاپىانىسىدا ساتىدۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2011-5-26 14:59:14 | ئايرىم كۆرۈش
ۋوي ئۇنداق  كۇچى با ئادەم ئولمسە بوممدا ھەمنى بىر ئاللا  بىلدۇ  بۇ پەقەت توغرا كىلىپ قېلىش  ئاللا  ھەمگە  قادىر {:soso_e104:}

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
ۋاقتى: 2011-5-27 18:56:20 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش razwitqik نىڭ يازمىسى

مىنىڭ قارىشىمدا فىرانسىيەلىك ئايال دوختۇرنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا دەپ قارايمەن   


مۇشۇ مەزمۇندىكى ياكى رازۋىدكا خاراكتىرلىك كىتابلار بولسا ئورتاقلاشساق   (ئىلگىرى كىچىك ۋاقتىمدا مەندە بىر كىتاپ بولىدىغان ئىسمى سۇنغان قىلىچمۇ ياكى قوش خەنجەر ياكى سۇنغان خەنجەر چەتئەلنىڭ رازۋىدكا ھىكايىلىرى ئىدى )
رازۋىدكا ھىكايىلىرى بولسا ئىسمىنى ئېيتىپ بىرىڭلار تورداشلار

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
ۋاقتى: 2011-9-25 14:28:10 | ئايرىم كۆرۈش
رازۋىدكا ھىكايىلىرى بولسا ئىسمىنى ئېيتىپ بىرىڭلار تورداشلا

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
12#
ۋاقتى: 2011-9-25 16:06:54 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تازا ئىشەنمەيمەن جۇمۇ فىرئەۋىننىڭ قارغىشىغا .


بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
13#
ۋاقتى: 2011-9-25 20:18:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئىشەنچىلىك ئىسپات بولمىغان تەپەككۈر كىشىنى ئاسانلا خاتالاشتۇرىشى مۇمكىن .....

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
14#
ۋاقتى: 2011-12-26 09:33:59 | ئايرىم كۆرۈش
ھەرقانداق كىشىنىڭ قەۋرىسىنى يامان نىيەتتە ئچىپ قېدرىش روھلارنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ ، بۇنداق كېپەن ئوغرىللىرى ھامان بىرەر بالا-قازاغا ئۇچرىماي قالمايدۇ ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن پاكىتلار بار . بۈركۈت ئەپەندى ، ئەگەر  سىزنىڭ قاغىغا ئۆزگىرىش ئارزۇيىڭىز بولسا بىرەرسىنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ .

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
15#
ۋاقتى: 2012-3-5 19:38:06 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ غەرىپلىكلەرنىڭ ئىتقات قارىشى خالاس. ھەممىنى بىلگۈچى يىگانە بىر ئاللاھ دۇر.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.274720 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش