بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1670|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك] چوخنەك

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
تۆۋەندە ئۇنتۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر تائاملىرىمىزدىن چوخنەكنىڭ ئېتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز:

  [خۇرۇچى]

  بىر جىڭ بۇغداي ئۇنى، ئىككى جىڭ يېڭى قوي گۆشى، بىر دانە يەرلىك تۇخۇم، 10–15 دانە گۈلە (ئۈرۈك قېقى)، بىر باش پىياز، ئىككى باش چامغۇر، بىر دانە پەمىدۇر (شوخلا)، تۇز، پىننە قاتارلىقلار.

  [ئېتىش ئۇسۇلى]

  ئالدى بىلەن ئاق ئۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە تۇخۇم قۇيۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن چىڭ خېمىر يۇغۇرىمىز، (خېمىرنى ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك چىڭ يۇغۇرىمىز)، گۆشنى گۈلە چوڭلىقىدا، پىيازنى يالپاق، پەمىدۇرنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز. قازانغا ئىككى سەر سۇ ماي قۇيۇپ قىزدۇرغاندىن كېيىن، گۆشنى سېلىپ چالا قورۇغاندىن كېيىن پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇيمىز، ئاندىن تۇز ۋە پەمىدۇرنى سېلىپ پەمىدۇر ئېزىلگۈچە قورۇپ سۇ قۇيۇپ، قاينىغاندىن كېيىن ئۇششاق توغرالغان چامغۇر، گۈلە قاتارلىقلارنى سېلىپ قازاننىڭ سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز. ئاشنىڭ سۈيى تەييار بولغۇچە خېمىرنى تۇخۇم چوڭلىقىدا ئۈزۈپ، ئالقىنىمىزغا ئېلىپ كۈچ بىلەن ئۇۋۇلاپ، كىچىك پىلتە قىلىۋالىمىز. ئاشنىڭ سۈيى پىشقاندىن كېيىن پىلتىنى چىلان چوڭلۇقىدا ئۈزۈپ يۇمۇلاقلىغاندىن كېيىن، باش بارمىقىمىز بىلەن يىمىرىپ باسساق، كىچىك خېمىرچە خۇددىي قۇلۇلە قېپى شەكلىگە كىرىدۇ. شۇ خىل ئۇسۇلدا بىر – بىرلەپ ئۈزۈپ يىمىرىپ قايناۋاتقان قازانغا تاشلايمىز. ئاش پىشقاندىن كېيىن ئۈستىگە پىننە سېپىپ ئۇسسۇيمىز.

  بۇ خىل سۈيۈق تاماق سەپەردىن كەلگەنلەرگە ھاردۇق ئېشى سۈپىتىدە ئېتىلىدۇ.

  [ئالاھىدىلىكى] مېزىلىك، قۇۋەتلىك، خورىغان قۈۋەتنى تولۇقلاش رولىغا ئىگە

  ئۇيغۇر تائاملىرىمىز بولسا، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى، تەملىكلىكى، تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئېتىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، قۇۋۋەتلىكلىكى، مىزاجنى تەڭشەشتىكى دورىلىق قىممىتى شۇنداقلا خۇرۇچلىرىنىڭ بىر – بىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرماقتا. ئەمما تەرەققىياتنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىزمەت جىدىىيلىكى سەۋەپلىك، ھازىرقى ئائىلىلەردە ئېتىلىۋاتقان تاماق تۈرلىرىمىز پەقەت بىر نەچچە خىل بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تائاملىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كەتتى ۋە ئۇنتۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-9-4 14:24:26 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.241614 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش