سىلەر كۆرىۋاتقان بۇ تېمېنى مەن مىسرانىم تورىغا يوللىغان.قارىسام بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىسلامچە ناخشا ياكى كىنولار بولسا يوللاپ بەرسەڭلار دەپتىكەن شۇڭا بۇ تېمامنى مۇشۇ يەردىمۇ قالدۇرۇپ قوياي دىدىم.
تاشقى قىياپىتىدىن غەربلىكلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان، ئەمما ئەسلى يۇرتى لىۋانلىق ناخشىچى ماھىر. زەيىن مەيدانغا چىقىپ ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۆزىنىڭ ئىسلامى ناخشىلارنى ئېيتىش تالانتىنى نامايەن قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىدا چاقنىغان يورۇق يۇلتۇزغا ئايلاندى. ئۇ ئەرەپ ناخشا چولپانلىرىدەك پەقەت ئەرەپ تىلىدىلا ناخشا ئېيتىشتەك ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېنگىلىز تىلى بىلەن ئەرەپ تىلىدا ناخشا ئېيتىشتەك ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئالقىشلىنىپ، ئەڭ بازارلىق ئىسلام ناخشىچىسى سەمى يۈسۈپنىڭ ئورنىنى باستى. ئۇ ئۆز ناخشىلىرىغا چىن ھېسسىياتىنى ھەم يېقىملىق ئاۋازىنى شۇنداقلا چوڭقۇر مەزمۇنلۇق پەلسەپىۋىي ناخشا تېكىستلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېيتقانلىقتىن، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ قەلبى لەرزىگە كەلمەي قالمايدۇ، ئۇ ناخشىلىرىدىكى بۇنداق ئەۋزەللىك بىلەن تۇنجى چىقارغان پىلاستىنكىسى«ئىنشائاللا» بىلەنلا داڭ چىقىرىپ، ئەرەپ تىلىسىز ئېيتىلغان ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ سېتىلىشىدا رېكورت ياراتقان. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئىسلامچە مودا مۇزىكىلىرى ئىچىدە ئەڭ چاقنىغان يۇلتۇز بولۇپ قالغان.
بۇنىڭ ئىككى ناخشىسىنى
شاھ ئۇيغۇر تورى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقىتى .
1
. ئىنشائاللاھ( ئاللاھ خالىسا )
2. قۇلۇمنى تۇت كۆرۈش مەنزىلى :
http://shahblog.net/archives/440
قالغان ناخشىسىنى خەنزۇلار خەنزۇچە خەتلىك قىلىپتىكەن شۇڭا قالغانلىرىنى بىۋاستە ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
1. كۆزۈڭنى ئاچ
2. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرى
3. پەلەستىن ھامان ئازات بولىدۇ
4.مۇسۇلمان
5.被选中的人
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaynam69 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-9 21:56