بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1960|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[شىنجاڭ جۇغراپىيىسى] فۇكاڭ شەھىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
      فۇكاڭ شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي شىمالىي، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە جىمىسار ناھىيىسى، غەربتە مىچۇەن شەھىرى، جەنۇبتا ئۈرۈمچى ناھىيىسى، شىمالدا بورۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 819 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 76 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 8247.6  كۋادرات كىلومېتىر. تەۋەسىدە ئۈچ بازار، ئۈچ يېزا، ئۈچ مەھەللە باشقارمىسى، 6 ئاھالە كومىتېتى، 22 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق 222 - تۇەن - مەيدانى ۋە يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ئۈرۈمچى شەھىرىگە 62 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدكى ئومۇمىي نوپۇسى 141 مىڭ 200، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار% 11.4، ئۇيغۇرلار% 5.61 نى، خەنزۇلار 74.02% نى، باشقا مىللەتلەر% 8.90 نى ئىگىلەيدۇ.   فۇكاڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئارقا قاڭقىلغا تەۋە بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەېرىدە بېشبالىق ئايمىقىغا قاراشلىق تېنگىر ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چەنلوڭنىڭ 41 - يىلى (1776) ناھىيە قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. گۇاڭشۈينىڭ 10 - يىلى (1884) ئۈرۈمچى مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو دەۋرىدە ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان، 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1992 - يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر قۇرۇلغان.   يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، جەنۇبىي قىسمىدا ئېگىز تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، شىمالىي قىسمى بولسا كەڭ كەتكەن چۆللۈك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق% 15.5، تۈزلەڭلىك% 19.3، قۇملۇق، چۆللۈك% 65.2 نى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا 54 مۇزلۇق بار، دەريالاردىن شۈيمۇ دەرياسى، سەنگۇڭ دەرياسى، سىگۇڭ دەرياسى، گەنجېزى دەرياسى، بەيياڭ دەرياسى، شىگو دەرياسى، خۇاڭشەن دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 334 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 718 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، بۇلغۇن، سۈلەيسۈن، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋ دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قار لەيلىسى، سوغىگۈل، كىرەش، قان تېپەر، پەربۇن، چۈچۈك بۇيا، چىڭ قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، ھاك، تۆمۈر فوسفور، شور قاتارلىقلار بار.   فۇكاڭ شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 6.6، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 2933 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 174 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 187.5 مىللىمېتىر. يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2064.1 مىللىمېتىر.   مەزكۇر شەھەرنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 19 مىڭ 400 گېكتار (291 مىڭ مو)، ئورمان 49 مىڭ 500 گېكتار (742 مىڭ 500 مو)، ئوتلارق 183 مىڭ گېكتار (1 مىليون 624 مىڭ 500 مو). يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 133 مىڭ گېكتار بوز يەر (1 مىليون 55O مىڭ مو)، ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 151 مىڭ 300 گېكتار بوز يەر (2 مىليون 270 مىڭ  مو) بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقۇناق، شال، كېۋەز، قىزىلچا، مايلىقدان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن قوي، ئات، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى ئولتۇراقلاشقان. سانائىتىدىن كۆمۈرچىلىك، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، قۇيمىچىلىق، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 216 دۆلەت يولى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ياسىلىۋاتقان تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى مەزكۇر شەھەردىن ئۆتىدۇ. ئۈرۈمچى - گەنخېزى تۆمۈر يولى مەزكۇر شەھەرنىڭ گەنخېرزى بازىرىدىن باشلىنىدۇ. شەھەر - يېزا تاشيولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. تېلگراف - خەۋەرلىشىش ۋە سانلىق مىكرو دولقۇن ۋە نۇر كابېل ئارقىلىق يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 10 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.   مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇلو قۇرۇل شەھەر خارابىسى ۋە يېلى قۇرۇل شەھەر خارابىسى بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن مەشھۇر بۇغدا كۆلى ۋە بۇغدا چوققىسى بار.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-5-23 09:55:06 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ مەلۇمات يەنە بىر بىلىمگە ئگە قىلدا.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.293851 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش