Wubi دىگەن نىمە
Wubi بولسا Windows based Ubuntu Installer سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ، مەخسۇس Windows ئابونتلىرى ئۈچۈن ubuntu قاچىلاپ بىرەلەيدىغان قورال.
Wubi نىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار
Wubi سىزگە خۇددى سىز Windows تا تۇرۇپ پىروگىرامما قاچىلىغانغا ئوخشاش ئاڭ ئاددى ئۇسۇلدا Ubuntu Linux قاچىلاش مەخسىتىڭىزگە يەتكۈزىلدۇ. سىزنىڭ ھەرقايسى دىسكا رايۇنىڭىزغا ھېچقانداق خەۋىپ يەتمەيدۇ، فورماتلىشڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. Ubuntu نى ئۈچۈرۋېتىشكى توغرا كەلسە Windows مۇھىتىدا تۇرۇپلا Wubi ئارقىلىق ئۈچۈرۋەتسڭىز بۇلىدۇ.
Wubi دا تۇرۇپ ubuntu-10.10 نى قاچىلاش باسقۇچلىرى
قاچىلاشتىن بۇرۇن ubuntu-10.10 نى توردىن چۈشۈرۈپ مەلۇم دىسكىمىزغا يېيىپ تەييارلىۋالىمىز ياكى UltraISO ئارقىلىق مەۋھۇم دىسكا ئۇقىغۇچقا ئەكىرىۋالىمىز.
يۇقارقى تەييارلىق خىزمەتلەر تۈگىگەندىن كىيىن Wubi.exe نى قوزغىتىمىز.
قوزغىلىش رەسىمى تۆۋەندىكىچە
قاچىلىماقچى بولغان رايۇننى تاللىغاندىن كىيىن، سېستىما پارولىنى تولدۇرۇپ قاچىلاشنى باشلىسىڭىز بۇلىدۇ.(دىسكىڭىزغا ھېچقانداق خەۋپ يەتمەيدۇ)
قۇقارقى قاچىلاش مەشخۇلاتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇڭ. قوزغىلىش جەريانىدا ئىككى خىل تاللاش چىقىدۇ. ئۈستىدىكى سىزنىڭ ئەسلى سېستىمىڭىز يەنى Windows، ئاستىدىكى Ubuntu. ئاستىدىكى Uuntu نى تاللاپ ئاپتۇماتىك قاچىلاش باسقۇچلىرىنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بۇلىدۇ.
ubuntu نىڭ ئۈستەل يۈزى كۆرۈنىشى
ubuntu دىكى بىلىملەرنىڭ كۆرۈنىشى
قېنى قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىڭ. ubuntu نىڭ تور سۈرىتى تىزمىكەن؟ بىلىملەر تورىنى ئاچسىڭىز ubuntu شارائىتىدىمۇ ئۇيغۇچە خەت نۇرمال كۆرۈنىۋېرىدۇ. شۇڭا بىلىملەر تورىنى ئېچىپ تور سۈرىتىنى سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.