سوراش
ئاپىس : مەن ساڭا بىر نەچچە قېتىم دېدىم ، بىلمىسەڭ مۇئەللىمدىن سورا دەپ ، يەنە نېمىدەپ گەپ ئاڭلىمايسەن ؟
بالىسى : سورىدىم ئاپا ، لېكىن مۇئەللىم دەپ بېرىشكە ئۇنىمىدى .
ئاپىسى : قاچان ؟
بالىسى : تۈنۈگۈن تىل - ئەدەبىيات دەرسىدىن ئىمتىھان ئالغاندا •
كەمچىلىك
مۇئەللىم ئۇيقۇچان بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ :
-دەرىس ۋاقتىدا ئۇخلاشنىڭ ناچار تەرىپىنى بىلدىڭمۇ ، يوق ؟
ئوقۇغۇچى : بىلدىم
مۇئەللىم ؛ خۇش ، قانداق بىلدىڭ ؟
-كەمچىلىكى شۇكى ، كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلىغاندەك راھەت بولمايدىكەن •
نەتىجىسى قانداق
ئوقۇتقۇچى : ساۋاقداشلار ، بۈگۈن سانلارنى ئېلىشنى ئۆگىنىمىز ، ئەلى، سەن دەپ باقە ، ئاكاڭنىڭ بەش ئالمىسى بار• سەن ئۇنىڭدىن ئۈچنى ئېلىۋالساڭ ، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ ؟
ئەلى : نەتىجىسىما ، … ئۇ چوقۇم مېنى كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇرىدۇ •
تەجرىبىخانىدا
خېمىيە مۇئەللىمى ئوقۇغۇچىلاردىن :
مۇنۇ تەڭگە پۇلنى كىسلاتاغا تاشلىسام ئېرەمدۇ ؟- دەپ سوراپتۇ •
ياق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بىر ئوقۇغۇچى •
ئېرىمەيدىغانلىقىنى قانداق بىلدىڭ ؟
ئېرىپ كەتسە سىز تەڭگە پۇلنى كىسلاتاغا تاشلىمايتتىڭىز-دە •
ئىجاد قىلىش
بالىسى :
ئاپا ، ئىجاد قىلىش دىگەن نىمە ؟
ئاپىسى:
- باشقىلار قىلمىغان ئىشنى قىلساڭ ، بۇ ئىجاد قىلىش بولىدۇ •
بالىسى :
ھە ، چۈشەندىم ، سېنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە يامغۇر ياغقاندا بالكوندىن يۇندە تۆككىنىڭ ئىجادىيەت ئىكەن - دە •