بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 227|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىرادە-مۆجىزە (نەسر)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئىرادە-مۆجىزە (نەسر)

خەيرىگۈل خېلىل ئىبراھىم

ھايات بېكەت ئەجەل بىلەت سېتىۋاتقان،
بىرى كېلىپ يەنە بىرى كېتىۋاتقان.
بۈگۈن كەلسە ئەتىمۇ كېلەر دېيىش تەس،
ئەجەل مەرگەن مۆكۈپ يۈرۈپ ئېتىۋاتقان.(قازاقىستان نادىر شئىرلىرىدىن)

   شۇنداق، ھاياتىمدىكى يەنە بىر گۈزەل سەھەر باشلاندى. ئۇچامداتەنتەربىيە كىيىمېنى پۇتۇمغا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يۈگۈرۈش ئايىقىمنى كىيىپ، قۇلىقىمغا ئۈنلۈك جۇشقۇن مۇزىكا قويۇلغان نائوشنىكنى تاقاپ، ئىككى تەرىپى ياپيېشىل دەل-دەرەخ گۈل-گىياھلار بىلەن تولغان، يىلان باغرى كەتكەن كىچىك يولدا، تاڭ سەھەرنىڭ ئىللىق شاماللىرى بىلەن بىرگە يۈگۈرمەكتىمەن. چاچلىرىمنى ئىللىق شامال سىيپاپ يېنىك سۆيۈپ ئۆتمەكتە. تاڭ سەھەرنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتماقتا...
چوڭقۇر-چوڭقۇر نەپەسلىرىم يۈرىكىمنىڭ ئىتتىك-ئىتتىك سوقۇشلىرى ھاياتىمدىكى يەنەبىركۈنگە تەنتەنە قىلماقتا......
قۇياشنىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلگەن ھالىتى نېمىدېگەن گۈزەل ھە!!!
12    ئاي مۇقەددەم مەن مەركىزى دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە، بۇ دۇنيادىن خۇددى ھازىرلا خوشلىشىدىغاندەك، ئاتا-ئانامنىڭ، قېرىنداشلىرىمنىڭ مەن سۆيگەن ۋە مېنى سۆيگەن يارىمنىڭ دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلىپ، ھەسرەت ياشلىرىنى ئاققۇزۇپ، كۆزۈمنى ئىچىپ ئانامنىڭ شۇ ئىللىق چىرايىنى، ھەتتا، بارلىق دۇنياغا ئۆزىنىڭ نۇرىنى تولىمۇ ئادىللىق بىلەن چېچىپ كېلىۋاتقان قۇياشنىڭ ئازراق نۇرىنىمۇ كۆرەلمەي، ھوشسىز ياتاتتىم.
  مانا ئەمدى ئانام بىلەن بىللە ناشتا قىلىپ، بۇگۈزەل سەھەردە تولىمۇ ساغلام ھالدا ئىللىق قۇياش نۇرى بىلەن يۈگۈرمەكتىمەن، شۈكرى ھاياتىمنىڭ يەنە بىر كۈنى.
ھەي ئىسىت!
   مەن ھاياتنى چۈشەنمەي، ساغلاملىقنى چۈشەنمەي گۈزەل سەھەرلەردە چېنىقماي، ھاياتىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتكەن ئاشۇ "بىگۇناھ" گۈزەل كۈنلەر، مېنى كەچۈرۈڭلار...
    شۇنداق! ھاياتىمدىكى يەنە بىر كۈن مېھرى-مۇھەببەتلىك باشلاندى، دادام ئاپام، ئۇكىلىرىم بىلەن كۈلكە-چاقچاق ئارىسىدا    بىللە ناشتا قىلىۋاتىمىز، ئاتا-ئانىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى، قېرىنداشلىقنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى، جۈملىدىن ئائىلىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە نېمە يەتسۇن!
11   ئاي مۇقەددەم ئاشۇ ئېغىر ئېغىر كېسەللەر بالنىست كارىۋىتىدا ھاياتىمدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ئاشۇ ياۋۇز كېسەلنىڭ ئىسكەنجىسىدە، ئاغرىق ئازابىدىن تولغۇنۇپ ياتقىنىمدا پەقەت ئاشۇ مېھرىبان ئانامنىڭ لەختە-لەختە بولۇپ كەتكەن يۈرىكىدىن ئىتىلىپ چىققان يىغىسى مېھرى-مۇھەببىتى، مەندىن غەيرەتلىك بولۇشنى ئۆتۈنۈپ قىلغان نالىلىرى، ئاغرىق ئازابلىرىمنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ماڭا كۈچ قۇۋۋەت بولۇپ، مېھرىبان ئانام ئۈچۈن، ئەركەكلەرنىڭ ئەركىسى، مېنى دەپ ئامالسىز ياش تۆكۈۋاتقان دادام ئۈچۈن، مېنى دەپ پاي-پېتەك بولۇۋاتقان، ئازابلىنىپ ياش تۆكۈۋاتقان، قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن چوقۇم بۇ قاباھەتلىك كېسەلنى يېڭىپ ئاشۇ مېھرىبان ئانام، دادام، قېرىنداشلىرىمنىڭ مېھرىگە قىنىپ ياشاشقا ئىرادە قىلغانىدىم. شۇنداقلا بۇ جاھىل كۈچلۈك كېسەل بىلەن كۈرەش قىلدىم.
   ھەي ئىسىت! مەن ئائىلىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى چۈشەنمەي ئەقىلسىزلىك قىلىپ، ئاشۇ مېھرىبان ئانامغا ۋارقىرىغان، دىلىنى رەنجىتكەن ۋاقىتلىرىم، مەن نېمىدېگەن ئەقىلسىز. ئاشۇ قەددى-قامەتلىك كۆيۈمچان دادامدىن ئاغرىنغانلىرىمچۇ!
ئاشۇ ئوماق قېرىنداشلىرىمنى بولمىسىكەن دەپ نىيىتىمنى يامان قىلغان كۈنلەر مەن نېمىدېگەن ئەقىلسىز.
   مېنى كەچۈرۈڭلار ئائىلەمدىكى پەرىشتىلەر .
   شۇنداق ھاياتىمدىكى يەنە بىر ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىدىغان ئۈزلۈكسىز ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، يەنە بىر كۈن باشلاندى. كۇتۇپخانىدىكى رەت-رىتى بىلەن تىزىلغان ئاشۇ كىتابلار، مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ، ئۈنچە دۇردانە سۆز ئىبارىلىرى بىلەن زىھنىمگە، تەپەككۇرلىرىمغا كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىۋاتاتتى. تەلەپچان ئۇستازىم تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ھەربىر شەيئىنى كۆزىتىپ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنى بايقاشنى، ھېس قىلىشنى، يېزىشنى، سىزىشنى ئۆگىتىۋاتاتتى .مەن نېمىدېگەن بەختلىك ھە!
6    ئاي مۇقەددەم ئاشۇ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان ۋاقىتلىرىمدا تېلۋوزۇردىن كىشىلەرنىڭ كىتابخانىلارغا بېرىپ كىتاب كۆرگەنلىكى، ھەرخىل مەكتەپ، تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم، مەستلىكىم كېلىپ يۈرىكىم سىقىلىپ تېزراق ساقىيىش ئىستىكىم كۈچىيىپ ئىرادەم چىڭىپ باراتتى .
   ھەي ئىسىت! ئاشۇ مەن بىھۇدە ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزۈۋەتكەن كۈنلەر، مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن، سىلەردىن چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سورايمەن.
   ھاياتنىڭ ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ مەمنۇن مەن.
   شۇنداق~ھاياتىمدىكى ھەمداشلىرىم، سىرداشلىرىم بىلەن ھايات توغرىسىدا ئىزدىنىپ، سىردىشىپ كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان ئىللىق بىر كۈن باشلاندى. ئاشۇ ئاچچىق-چۈچۈك گەپ سۆزلىرى، كۈلكە-چاقچاقلىرى نەسىھەت تەنبىھلىرى بىلەن مىنىڭ بالىلىقىم، ياشلىقىمغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان ھەمداش، سىرداش، ۋۇجۇدىدىن قىزغىنلىق، جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىيامەتلىك دوستلىرىم، مەن سۆيگەن ۋە مېنى سۆيگەن ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىنى بىرگە قول تۇتۇشۇپ ھاياتنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىغا بىرگە ئاتلىنىشقا ۋەدىلەشكەن ماڭا باشلامچى بولالايدىغان ئاشۇ جەسۇر ئوغلان، سىلەرنىڭ ھاياتىمنىڭ گۈزەل بىرقىسمى بولغانلىقىڭلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
   مەن ئاشۇ كېسەلخانىدا ھاياتىم، ساغلاملىقىم ئۈچۈن، كۆرۈش قىلىۋاتقان قىينىلۋاتقاندا، دەل سىلەر شۇنچە جىددىي ئىشلىرىڭلارنى قويۇپ، مېنى ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ ماڭا كۈچ قۇۋۋەت ئىرادە ئاتا قىلغانلىقىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
مەن سۆيگەن ئاشۇ ئوغلاننىڭ ماڭا مېھرى مۇھەببەتلىك قاراشلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
   ئىلگىرى دوستلىرىم، سىرداشلىرىمغا تولىمۇ يۈزەكى مۇئامىلە قىلغانلىقىمدىن قاتتىق ئۆكىنىمەن، مېنى سۆيگەن شۇ يىگىتنىڭ يۈرىكىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتنى ھېس قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆكىنىمەن.
   شۇنداقلا مەن كېسەل كارىۋىتىدا ياتقاندا ياتاقدىشىم مىھرېباننىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇپ، شۇ زېرىكىش، شۇ ئاغرىق ئازابلىرىمغا تەسەللىي بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەپسۇس، بۇ گۈزەل دوستۇم مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. تېخى ئەتىگىنى، ساپساق چىرايىدىن گۈزەل، نۇرلۇق كۈلكە بىلەن ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئىلىپ كېتىلگەنىدى، بۇ گۈزەل مېھىرلىك دوستۇم كەچ بولغاندا ئوپېراتسىيە ئۈنۈملۈك بولماي بۇ دۇنيادىن مەندىن بۇرۇن خوشلاشتى، توۋا! نەچچە ئايدىن ياقى كۈندە بىرگە بىر كېسەلخانىدا ياشاۋاتقان چىرايىدىكى مۇلايىم ئوماق كۈلكىسى بۇ قىزنىڭ ئېغىر كېسەل بىلەن تىركىشۋاتقانلىقىنى ھېچكىم ھېس قىلالمايتى. ئەزرائىل ئىنساننىڭ جىنىنى ئالماقچى بولسا ھېچكىممۇ ئامال قىلالمايدىكەن، بىزنىڭ پەقەت قىيمىغان ھالدا كۆز ياشلىرىمىز بىلەن ئۇزاتماي ئامال يوقكەن. ھاياتتا ھەممىمىز تۇغۇلىمىز، شۇنداقلا ھامان بىر كۈن كېتىمىز، ھايات ھەقىقەتەن بىر بېكەتكە ئوخشايدىكەن، ئەجەلنىڭ كىمگە بىلەت بېرىشىنى تېخىمۇ بىلگىلى بولمايدىكەن، شۇڭا ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى، ئاتا-ئانا قېرىنداش دوست بۇرادەرلىرىمىزنى قەدىرلەيلى.
   بىز شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەككى بىزدە ئىزچىللىقنى ساقلىيالايدىغان ئىرادە بولىدىكەن چوقۇم مۆجىزە يۈز بېرىدۇ. چوقۇم مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز، ھاياتىمىزدىكى گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
   دوستۇم ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ.....

armanjan.JPG (430.97 KB, چۈشۈرۈش سانى: 24)

armanjan.JPG

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +1 يىغىش سەۋەبى
A先生 + 1 ئالامەت!

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-2-16 15:12:16 | ئايرىم كۆرۈش
ئىمزا خاتا مەن ئۇقىمەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2017-2-18 11:05:09 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يىزلىپتۇ

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:22 , Processed in 0.246694 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش