بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۆتكەن ۋە كەچكەنلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئۆتكەن ۋە كەچكەنلەر


بىر يىل مۇقەددەم ئوخشاش سافادا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىنىمچە، ئوخشاش پەنجىرىدىن ئوخشاش مەنزىرىگە كۆز تىكىپ ئولتۇرۇپ قالغىنىم ئېسىمدە

ھاياتىمدا قىسقا بىلىنگەن بىر يىلنىڭ نۇرغۇن بىر يىللار قوشۇلۇپمۇ ھەدىيە قىلمىغان سوۋغاتلاردىن بەھرىمەن قىلغىنىنى ئويلاپ قالدىم

قېلىن قار يېغىپ، تىيىنلار ئۇۋىلىرىغا يوشۇرۇنۇپ ئالغان كۈنلىرى بوسۇغىدىن يالغۇز قەدەم ئېلىشتىن قورقىدىغىنىم ئېسىمدە

سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتتەك ئىنسانىي بىزەكلىرىمنى قىممەتلىك تاشلارنى كۆرۈپمۇ باقمىغان نائۇستىلارغا تۇتقازغىنىم ئېسىمدە

روھىمنىڭ ۋۇجۇدۇمنى سۆرەپ يۈرگىنى بىلەن، ۋۇجۇدۇمنىڭ روھىمغا ئاسىيلىق قىلغىنى ئېسىمدە

تىنچ ۋە سۈزۈك مۇھىتنى خالايدىغان كۆڭلۈمنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن بوشلۇقىدىن زېرىكىپ، جاڭجال ۋە دۇغ بىلەن تولغان ئۆزگە بوشلۇقلارغا كېتىپ قالغىنى ئېسىمدە

يىراقتىن ئاڭلانغان خاتىرجەم قۇشلارنىڭ ئۈنى ۋە قوشنا ئۆگزىنىڭ مورىسىدىن چىقىۋاتقان ئاپئاق ئىس، جىمىپ قالغان تاشپاقىلار، قوزىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ سۇ ئىزلىگىلى كېلىدىغان بۇغىلار،  يىڭنە چۈشسىمۇ ئاڭلانمايدىغان يۇمشاق گىلەم،
يېڭى يۇيۇلۇپ قۇرۇتۇلغان، خۇش بۇيى كىشىگە راھەتلىك بېغىشلايدىغان كىيىملەر

  ھېكمەت ئاتا قىلغىنى ئۈچۈن مىننەت قىلمايدىغان كىتابىم

دوستۇمنىڭ بېغىدىن ئۈزۈپ كەلگەن، چىرايلىق قۇرۇپ قالغان گۈللەر ،  قېلىن قارغا ئالدىرىماي دەسسەپ ئوينايدىغان ئىزلار

كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئىشخانا،  چىنىلىرى پارقىراپ كەتكەن ئاشخانا،  تاشلىرىم بىلەن مۇڭداشلارغا شاھىت تەجرىبىخانا

بىر يىلدىن كىيىن تۇيۇقسىزلا چوڭ بولۇپ قالغان، ئۆزىگە قايتىپ قالغان،  ئۆتكەنگە قايغۇرمايدىغان، كەلگۈسىدىن غەم قىلمايدىغان، ھەر قىيىنلىقتا ئىككى ئاسانلىق بولىدىغىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان، كۈن بىلەن تۈنلەرنىڭ ئالمىشىپ تۇرىشىنى تەپەككۈر قىلغان، ياخشىلىقلارنىڭ بەزەن ياماندەك سىياقتا يامانلىقلارنىڭ ياخشىدەك سىياقلاردا كېلىدىغىنىنى بىلىپ يەتكەن، ئۆزىنى ھېكايىلىرى بىلەن قوشۇپ قۇچاقلايدىغان، بىر قىزغا ، شۇنداق بىر يىل تەقدىم ئېتىلدى

تەسلىم بولغۇچىنىڭ ئىشلىرى نەقەدەر گۈزەل ھە


-فاتىمە سەيياھ   . ئامىرىكا
مەنبە: تىۋىش سالونى    ID: Tivish

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:18 , Processed in 0.239204 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش