بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[شىنجاڭ داڭلىق كىشلەر] مەۋلانا لۇتفى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
مەۋلانا لۇتفى

ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىريىتىدىكى غەزەل ژانىرىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بولغان مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى 15-ئەسىردىكى يىرىك ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى نامايان قىلغان مەشھۇر سۆز سەنئەتكارى، شۇنداقلا پارسگۇيلۇق (پارس تىلىدا يېزىش) تا بۈيۈك پارس شائىرلىرىغا تەڭلىشەلەيدىغان سۆز ئۇستىسىدۇر .
ئۇيغۇرچە ئىسمى: مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى
ۋاپات بولغان ۋاقتى: 1466-يىلى
قىسقارتىلغان ئىسمى: مەۋلانا لۇتفى       
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1367-يىلى
كەسپى: شائىر
تەخەللۇسى: لۇتفى
مۇندەرىجە


1. شەخىس ھەققىدە
ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىريىتىدىكى غەزەل ژانىرىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بولغان مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى 15-ئەسىردىكى يىرىك ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى نامايان قىلغان مەشھۇر سۆز سەنئەتكارى، شۇنداقلا پارسگۇيلۇق (پارس تىلىدا يېزىش) تا بۈيۈك پارس شائىرلىرىغا تەڭلىشەلەيدىغان سۆز ئۇستىسىدۇر. لۇتفى ئۆز ئىجادىيىتى داۋامىدا مەزمۇن ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتىن كىشىگە چوڭقۇر تەسىرات بېغىشلىغۇچى ئىلغار پىكىرگە ئىگە غەزەللىرى بىلەن ئۆز زامانىسىدا كاتتا شۆھرەت قازانغان ۋە ئۆزىدىن كېيىن ئۆتكەن شائىرلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى ئۆزىنىڭ بۈيۈك بەدىئىي ئىستىداتى ۋە مول ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر نەۋئائىغىمۇ ئۇستاز بولغان. شۇڭلاشقا نەۋئائى لۇتفىنى «مەلىكول كەلام » (سۆز سەنئىتىنىڭ پادىشاھى ) ،«ئۇيغۇر ئىبارىتنىڭ قوسھاسى » (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇستىسى ) «ئەزىز ۋە تەۋەرۈك كىشى » ،«مېنىڭ ئۇستازىم» دەپ تەرىپلىگەن. نەۋائى ئۆزىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن » (ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە) ناملىق ئەسىرىدە لۇتفىنى ئۇلۇغ پارس شائىرلىرىدىن سەئىدى ۋە ھاپىز شىرازى (مىلادىيە 1300-1389) لار بىلەن بىر قاتاردا قۇيۇپ تىلغا ئالغان. لۇتفى تەخمىنەن مىلادىيە 1367-يىلى تۇغۇلۇپ، 1466-يىلى 99 يېشىدا ھېرات (ھازىرقى ئاففانىستاننىڭ غەربىدىكى شەھەر. 15-ئەسىردە خورراسان دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان) تا ۋاپات بولغان. خوتەنلىك تارىخچى موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە : «بۇ ئەزىز مۇشۇ موغۇلىستاندىن ئىدىلەر» دەپ يازغىنىغا قارىغاندا، لۇتفى ئەسلىدە موغۇلىستانلىق بولۇپ، تىنچ ئىجادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە موغۇلىستاندىن ھېراتقا بېرىپ، شەھەرنىڭ چېتىدىكى دېھى كانار دېگەن جايغا ماكانلىشىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ جايلاردا ئىجادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم .

2. تۆھپىسى
ئۇ ئۆز زامانداشلىرىدىن سەككاكى، ئاتايى قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە پارس تىلىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىك غايىلىرى بىلەن سۇغىرىلغان گۈزەل ئەسەرلەر يارىتىپ، ئۇيغۇر شېئىريىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ھەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىدا زور تۆھپە قوشقان .

3. ئەسەرلىرى
«تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لۇتفى ئۆز ئۆمرىدە 20 دىن ئارتۇق يىرىك ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم. لېكىن ئۇنىڭ پارس تىلىدا يازغان غەزەللىرى دىۋان ھالىتىدە ھازىرغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. لۇتفىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان مۇكەممەل بىر دىۋانى بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قانچە قوليازما نۇسخىلىرى ھازىر تاشكەنت، لېنىنگراد، ئۇلۇغ برىتانىيە كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانماقتا. بۇ دىۋان 280 غەزەل، 2 قەسىدە، 18 قىتئە ۋە بىر قانچە تۇيۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لۇتفى بۇ ئەسەرلىرىدە رېئال ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىرىنى، ئادالەتنى، ھۈرلۈك-سائادەتنى، ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى، چىن ئىنسانىي مۇھەببەتنى ئاساسىي تىما قىلىدۇ. شائىر لۇتفى رېئال ھاياتقا بولغان مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى خىيالىي جەننەتنىڭ مەئىشىتىدىن يۇقىرى قۇيۇپ مۇنداق يازىدۇ :

ئەگەر سەن بولمىساڭ گۈلدەك چەمەندە ،

كىشى نېتكەي ئۇ شۇل بەيتۇلھەزەندە .

ساداقەت ۋە ۋاپادارلىققا قىزغىن مەدىھىيە ئوقۇپ، دىيانەتسىز، ۋاپاسىزلىققا قاتتىق نەپرەت بىلدۈرىدۇ :

كىشى كىم يوقتۇرۇر مېھرۇ-ۋافاسى ،

ئەگەر خۇرشىددۇر ئاندىن نە ھاسىل ؟!

لۇتفى غەزەللىرى تىلىنىڭ راۋانلىقى، مەجازى ۋاستىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغانلىقى جەھەتتىن ئالغاندا، 15-ئەسىر ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىلىرىدىن ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە ئۆزىدىن كېيىنكى مەشھۇر شائىرلارغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. لىرىك غەزەللىرىدىن باشقا «گۈل ۋە نەۋرۇز» داستانى لۇتفى ئىجادىيىتىدە سالماقلىق ئورۇن تۇتىدۇ. ئەسەردە نەۋرۇز بىلەن گۈل ئوبرازى ئارقىلىق چىن ئىنسانىي مۇھەببەت، پىداكارلىق، ساداقەت، قەھرىمانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك غايىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. شائىر ئۆز داستانىدا چىن ئىنسانىي مۇھەببەتنى ئاياغ ئاستى قىلغۇچى ياۋۇز قارا كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بولغان زالىم شاھلارنى مۇنداق قامچىلايدۇ :

"ئول رىندىدە ئىچىپ قان قانماغۇچى ،

يانار ئوتتىن يۈز ئۆرۈپ يانماغۇچى ،

ئاتى يەلدا، يۈزى يەلدا تۈنىتەر ،

كۆزى دوزاخ، بويى مەھشەر كۈنىتەر ،

ئۇنى قويمىش بۇ سەھرالاردا خاقان ،

كى سورىماسمەن ئەگەر قىلساڭ تۈمەن قان. "

ئۇنىڭدىن باشقا لۇتفىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن يەنە بىرى 15-ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرفىددىن ئەلىيەزدىنىڭ پارس تىلىدىكى "زەپەرنامە" ناملىق ئەسىرىنى ئۇيغۇر تىلى بىلەن شېئىرىي داستان شەكلىدە يېزىپ چىققانلىقىدۇر. " سەپىنە تۈش شۇئەرا " ناملىق كىتابقا " بۇ ئەسەر 20 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق مەسنىۋى شەكىلدىكى شېئىرىي داستان " دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەپسۇسكى، بۇ ئەسەر ھازىرغىچە تېپىلمىغان. [0]



پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكى 2-قىسىم



مەنبە: ئىزدە قامۇسى | http://wiki.izda.com/?a=show&id=7749

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.236685 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش