بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئىشلىتىش قىممىتى بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئىشلىتىش قىممىتى بارمۇ؟


نۆۋەتتە يانفۇن پەقەتلا ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماستىن يەنە رەسىم تارتىش، تورغا چىقىش، ئىلىكتىرونلۇق ھەق تۆلەش قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلات. يانفۇن بىزنىڭ تۇرمىشىمىزگە شۇنچىلىك كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇن يانفۇنلارغا ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى (يانفۇننى تېپىش ئىقتىدارى) قوشتى. بۇ ئىقتىدارنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى قانداق؟ ئۈنىمى بارمىدۇ ؟



1. يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى

يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئېچىش ئادەتتە خىيالىمىزغىمۇ كەلمەيدۇ، ئەمما يانفۇن يۈتكەندە ئىسىمىزگە كىلىدۇ.

ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: (1) ئوغرىدىن ساقلىنىش قاتتىق دىتالى سەپلەش (2) ئوغرىدىن ساقلىنىش يۇمشاق دىتالى.

يانفۇنغا ئوغرىدىن ساقلىنىش قاتتىق دىتالى سەپلىگەندە، يانفۇن بىلەن ئوغرىدىن ساقلىنىش مەخسۇس ئۈسكىنىسىنىڭ ئارلىقى بەلگىلەنگەن ئارلىقتىن ئېشىپ كەتسە، ئاپتۇماتىك سىگىنال بېرىدۇ.  ئوغرىدىن ساقلىنىش يۇمشاق دىتالى بولسا يانفۇننىڭ سېستىمىسى ۋە يۇمشاق دىتال ئارقىلىق يانفۇننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش، سىگنال چىقىرىش، كارتا ئالماشتۇرۇش ئۇقتۇرىشى، ئۇچۇر يۇيۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى يۈرگۈزگىلى بولىدۇ.

ئادەتتە يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارلىرىدىن :

1) يىراق مۇساپىدە يانفۇننى قۇلۇپلاش. باشقىلار يانفۇننىڭ ئىكران قۇلىپىنى ئاچالمايدۇ.

2) ئاۋاز سىگنالى چىقىرىش. يانفۇن ئوغۇرلانغاندىن كىيىن كۈچلۈك ئوغرىدىن ساقلىنىش سىگنالى ياكى ئاۋازلىق ئەسكەرتىش بېرىدۇ.

3) يانفۇن ئورنىنى بەلگىلەش. يانفۇننىڭ GPS ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى ئېچىلغان بولسا، يىراق مۇساپىدە يانفۇننىڭ ئورنىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

4) مۇھىم ئۇچۇرلارنى يۇيۇش. ئەگەر يانفۇنىنى تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يانفۇننىڭ ئىچىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى پۇتۈنلەي يۇيۇپ تاشلاپ، ئاشكارلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



2. ئالما تېلفۇنى بىلەن ئاندىروئىت تېلفۇنىنىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىدىكى پەرىق

يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنىڭ پىرىنسىپى يانفۇن يۈتكەندىن كىيىن، يىراق مۇساپىدە يانفۇننى كونتىرول قىلىپ، يانفۇن ئورنىنى بەلگىلەش،ئاۋازلىق سىگنال چىقىرىش، يانفۇن كامىراسىدا رەسىمگە تارتىش، يانفۇندىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى يۇيۇشتىن ئىبارەت. ئالما يانفۇنى يېپىق سېستىمىلىق يانفۇن، ئۇنىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ئۇنىڭ سېستىمىسىدا ئەسلىدىنلا بار. ئاندىروئىت يانفۇنىنىڭ سېستىمىسى ئوچۇق كودلۇق سېستىما، يۇمشاق دىتال ئاچقۇچىلار ئوغرىدىن ساقلىنىش پىرىنسىپى بويىچە يانفۇن يۇمشاق دىتالىنى ياساپ چىقالايدۇ.



3. يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى

سۇئال: يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى چوقۇملا يانفۇن يۈتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالامدۇ؟

جاۋاب: ياق.

يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئەمەلى قوللىنىشچانلىقى بەلگىلەنگەن ئالاھىدە مۇھىتتا بىكىتىلىدۇ. ئەگەر بىز يانفۇننى ئۆزىمىز ئۇنتۇپ قېلىپ تاپالمىغاندا، يۇقۇردا دىيىلگەن ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ئارقىلىق يانفۇنىمىزنى تېپىپ چىقالايمىز. ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن يانفۇندا توك بولىشى كېرەك، بولمىسا پۈتۈن تېرىشچانلىقىمىز يوق بولىدۇ. ئورۇن بەلگىلەش GPS سىگنالى بولىشى كېرەك، بولمىسا بۇ ئىقتىدارىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى كەسپىي ئوغرىلارنىڭ ئالدىدا ھېچ قانچە ئىش بولماسلىقى مومكىن، لىكىن يانفۇننىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا يۇقۇردا دىيىلگەندەك قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىشى مومكىن.



4. يانفۇن ئوغرىلانغاندىن كىيىن قانداق قىلىپ زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىمىز



كىشىلەر يانفۇنىنىڭ ئوغرىلىنىشىنى قوبۇل قىلالىسىمۇ، لىكىن ئوغرىلانغان يانفۇننىڭ ئىچىدىكى شەخسىي رەسىم، سىن ھۆججەتلىرى ، پۇل مۇئامىلە ئەپلىرى ۋە بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارلىنىشىدىن كىلىپ چىققان زىياننى قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇڭا يانفۇن ئۇغۇرلانغان ھامان ئالاقىدار بانكا ھېسابات، ئاكسىيە، چىقىمدان ۋە ئۈندىدار نۇمۇرلىرىنى يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويىدۇ.

كۆپچىلىككە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئوغرىدىن ساقلىنىش دىتالىنى قاچىلاش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزدىمۇ ئوغرىدىن ساقلىندىغان ئاڭ بولىشى كېرەك. بەزىدە بىخەتەر بولمىغان WiFiدا تورغا چىقىش ۋە كىلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ۋىروسلىق ئەپ دىتالىنى قاچىلاش ئىشلىتىش ئارقىلىق يانفۇنىمىزنى يۈتتۈتمەي تۇرۇپمۇ يانفۇنىمىزدىكى سەخسىي ھېسابات ئۇچۇرلىرىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويىشىمىز مومكىن. شۇڭا كىلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئەپ دىتالىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشتىن، ھەقسىزكەن دەپ خالىغان WiFiدا تورغا چىقىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +6 يىغىش سەۋەبى
seher + 6 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 09:30 , Processed in 0.240330 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش