بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-10-3 01:42
قوش تىللىق ئوقۇتۇش ۋە ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ مەكتەپ ۋە باشقا ئىدارە - ئورگانلارنىڭ تۈرلۈك ئوقتۇرۇش، ئۇچۇرلارنى چ چ ۋە ئۈندىداردا تارقىتىشى زاماننىڭ ئېھتىياجى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىمۇ خەنزۇ تىلىدا ،ئەلۋەتتە. پەرزەنتىڭىز خەنزۇ مەكتەپتە ياكى خەنزۇ تىلى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بولسا، چوقۇم پەرزەنتىڭىز ئوقۇۋاتقان سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى قۇرىغان توپقا قوشۇلۇپ خەنزۇچە ئۇچۇلاردىن ، تاپشۇرۇقلاردىن خەۋەردار بولمىسىڭىز، ھەتتا بەزىدە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمىسىڭىز بولمايدۇ.
خەنزۇچە بىلمىسەم قانداق قىلىمەن دەمسىز، ئەنسىرمەڭ، مەن ھازىرلا بۇنىڭ يولىنى دەپ بېرىمەن سىزگە:
ئاۋال چ چ ، ئۈندىدار ياكى قىسقا ئۇچۇر كۆزنىكىگە كەلگەن ئۇچۇرنى ئاچىمىز. مېنىڭ چ چ غا ئىككى پارچە ئۇچۇر كېلىپتۇ.
ئاۋال تېكىستنى بارمىقىم بىلەن بېسىپ تۇرسام، بىر قاتار بۇيرۇقلار چىقتى. مەن كۆچۈرۈش(复制)نى تاللاپ چېكەي(ئەگەر قىسقا ئۇچۇردىكى تېكىست بولسا بىردەم بېسىپ تۇرۇپ 复制文字 چېكىمىز) ئاندىن توركۆرگۈچىمنى قوزغىتىپ، بەيدۇغا جۇڭگو مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرجىمە ئىدارسىنىڭ ئىسمنى خەنزۇچە يازاي. 中国民族语文翻译局 بىرىنچى قۇردىلا بۇ ئىدارىنىڭ توربىكىتىنىڭ باش بېتى ئېچىلدى مانا.
ئەمدى 功能翻译 نى چېكىپ 汉文نىڭ ئاستىغا بارمىقىمنى تەگۆۈزسەم粘贴دېگەن خەت چىقتى. بۇ خەتنى چەكتىم. خەنزۇچە تېكىست چاپلاندى.
ئەمدى ئېكىرانى ئوڭغا سېرىپ 蒙古文 نى چېكىپ 维吾尔文 نى تاللايمىز. ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى .翻译 نى چەكسەك، ئاستىغا ئۇچۇرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چىقىدۇ. ئېكىراننى ئىككى تەرەپكە يۈرتۈپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز.
ئەلۋەتتە، بۇ تور بەتنىڭ تېكىست چاپلاش كۆزنىكىنى ئۇيغۇرچىغا توغىرلاپ .ئۇيغۇرچە يېزىپ ، 翻译 چەكسەك، ئۇيغۇرچە تېكستمىزمۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدىكەن(قىسمەن تۈرلۈگۈچى قوشۇمچە قوشۇلغان سۆزلەرنى تەرجىمە قىلالماي قالىدىكەن).
تېمىغا مېنىڭ يېزىق تەرجىمانىم دەپ قويۋېلىشىمدىكى سەۋەپ بۇ تەرجىماننى بەك كۆپ ئىشلەتكەنلىكىم ئۈچۈن. مەنبە : ئۆزۈم