ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
كەڭ ئۇيغۇر تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر !
تور يەرشارىنى كىچىكلەتتى شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمىشىغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن تۇرمۇش رېتىمىمىزنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە.ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ توربىكەتلىرىنى قۇرۇپ يوقلىقتىن بارلىققا كىچىكلىكتىن چوڭلىققا تەرەققىي قىلىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تور تەشنالىقىنى مەلۇم جەھەتتە قاندۇرۇپ كەلدى . توربىكەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھەرخىل مەزمۇنلارمۇ كۆپەيدى . ئېھتىياجىمىز بىر ياكى ئىككى بىكەتلەردىن قانمايدىغانمۇ بولدى .توختىماي يېڭىلىقنى ئاختۇرىمىز ۋە ياخشى كۆرگەن تورمەنزىللىرىنى ساقلىۋالىمىز دېسەك بىزگە بىر ئاز قولايسىزلىقلارمۇ بولدى . توربىكىتىمىز بۇخىل ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە ئۇيغۇر بىكەتچىلىكىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە
دىسكازدىن پايدىلىنىپ ئۇلانتورنى قۇرۇپ چىقتۇق بىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇلازىمىتى بولسا كونا يېڭى قۇرۇلغان توربىكەتلەرنىڭ مەنزىلىنى جەملەپ زىيارەتچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇش تور دۇنياسىدىكى ياخشى بولغان مەزمۇنلارنىڭ تور مەنزىلىنى ساقلىۋېلىش كېرەك بولغاندا ئوڭايلا ئۇنىڭغا ئېرىشىش ، بۇنداق بولغاندا سىز ئۆزىڭىزگە كېرەللىك ماتىرياللارنى دەل توغرا تاپالايسىز. ھەمبەھىرلەش ، ئۆزىڭىزمۇ ياقتۇرغان تورمەنزىللىرىنى بۇ يەردە باشقىلارغا ھەمبەھىرلىيەلەيسىز .ئەگەر سىز يېڭىدىن بىكەت قۇرغان بولسىڭىز سىزنى ۋاقتىنچە ھېچكىم بىلمەيدۇ سىز مانا بۇيەردە بىكىتىڭىزنىڭ سەرخىل مەزمۇنلۇق تورمەنزىلىنى ئۇلانتوردا تىز ھەم ھەقسىز ئېلان قىلىپ ئۆز توربىكىتىڭىزنى باشقىلارغا جۈملىدىن تېخىمۇ كۆپ زىيارەتچىلەرگە بىلدۈرەلەيسىز . ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز بىز نۇرغۇن بىكەتلەرنىڭ تور مەنزىلىنى جەملىگەنمۇ بولدۇق شۇنداق بولسىمۇ يەنە بەزىلىرى چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن ئەگەر شۇنداق بولسا ئۆز توربىكىتىڭىزنى قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ ...توربىكىتىمىز يېڭىدىن قۇرۇلدى تۈرلۈك سەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەس ئەلۋەتتە ... قىممەتلىك پىكىر تەلەپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...بىكەت تۇغى:
تور مەنزىلىمىز: