بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 782|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[بىلۋېلىڭ] كىچىك قورساقنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

   مەيلى ئېتىراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن قىزلارنىڭ تۈپتۈز قورساققا ئىگە بولالىشى ناھايىتى تەس. ھەر قانچە ئورۇق قىزلارنىڭمۇ كىچىك قورسىقى ئازدۇر-كۆپتۇر چىقىپ قالىدۇ. بۇ مەسىلە كىشىنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە كىچىك قورساق چىقىپ قېلىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنى يوقىتىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز. كىچىك قورساق چىقىپ قېلىشنىڭ بىرىنچى سەۋەبى دائىم ئولتۇرىۋېلىش. ھاياتلىق ھەرىكەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرماي دائىم ئولتۇرۇۋالسىڭىز، ئۇنداقتا كاسسىڭىزغا ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن سىرت، قورسىقىڭىزنىڭمۇ ئاسانلا سەمرىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ.
   بولۇپمۇ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەن، ھەتتا ئولتۇرۇپ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېگەچ تورغا چىققان ۋاقتىڭىزدا، قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە ۋە قەنت تەركىبلىرى ياغقا ئايلىنىپ يىغىلىۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دائىم ئولتۇرۇۋالماسلىق، ئولتۇرىۋالغان تەقدىردىمۇ كىچىك قورساقنى يىغىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. يول يۈرگەن ۋە ئۆرە تۇرغان ۋاقىتلاردىمۇ قورساقنى يىغىش كېرەك. گەرچە بۇنداق قىلىش جاپالىقراق بولسىمۇ، لېكىن بۇ ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالغاندىن كېيىن، كىچىك قورسىقىڭىزنىڭ كىچىكلىگەنلىكىنى بايقايسىز. كىچىك قورساق چىقىپ قېلىشنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى ئۆزىگە بەك چوڭ بېسىم قىلىش.
   ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلسە زىيادە كۆپ نەرسە يېيىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولىدۇ ياكى دائىم بەك تويۇنۇپ غىزالىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىلىپ-بىلمەيلا، قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى كىچىك قورساقتىن ئىبارەت ياغ ئاسان يىغىلىۋالىدىغان بۇ ئورۇننى سەمرىتىۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كەيپىياتنى تەڭشەش ھەممىدىن مۇھىم. ئەمەلىيەتتە بېسىمنى بىر نەرسە يېيىش ئارقىلىق يەڭگىللەتكىلى بولۇشى ناتايىن. ئەگەر زىيادە كۆپ يېيىشنىڭ ئورنىغا ھەرىكەت قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بېسىمدىن خالاس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ساغلاملىققىمۇ ئېرىشەلەيسىز. بەزىدە بېسىمنى ئۆزىمىز ئاشۇرۇۋېتىمىز. شۇڭا كەيپىياتنى تەڭشەش ھەممىدىن مۇھىم. بەزى ۋاقىتلاردا، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىشمۇ بېسىمنى يەڭگىللىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. كىچىك قورساق چىقىپ قېلىشنىڭ ئۈچىنچى سەۋەبى ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولماسلىق. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا ۋە رۇس بولمىسا، داس سۆڭىكىنىڭ ئالدىغا قىيسىيىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تاشقى كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا گەرچە كاسسا كۆتۈرۈلۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن بەل ئالدىغا ئىتتىرىلىدۇ. يەنە دائىم بەل تېلىپ ئاغرىش تەڭ بولىدۇ.
   شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا كىچىك قورساقنىڭ چىقىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ خىزمەتچىلەر ئۇزۇن مەزگىل ناتوغرا قىياپەتتە ئولتۇرسا، ياغ يىغىلىپ قېلىشتىن سىرت، كىچىك قورساق ئوڭايلا سەمرىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تىك ئولتۇرۇش قىياپىتى ئاساسىدا، يۇقىرى بەدەننى سولغا قىيسايتىپ، بۇ ھالەتنى 15 سېكۇنت ساقلاش، ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ئوڭغا قىيسىيىش كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى ھەر قېتىمدا 30 نۆۋەت تەكرارلاپ، كۈنىگە 3~1 قېتىم ئىشلەشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، قورساقنى كىچىكلىتىش، يوتىنىڭ سىرتقى قىسمى ۋە بەلدىكى ياغنى ئازايتىشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. كىچىك قورساق چىقىپ قېلىشنىڭ تۆتىنچى سەۋەبى چوڭ تەرەتنىڭ ۋاقتىدا قىلىنماسلىقى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىقتەك باش قېتىنچىلىقى بار. چوڭ تەرەت ۋاقتىدا قىلىنمىسا، گەندە تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار بەدەنگە يىغىلىپ تېرىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىپلا قالماي، يەنە كىچىك قورساقمۇ كۆرۈنەرلىك ھالدا چىقىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تەركىبىدە تالا ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى ۋە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال كېرەك. سەھەردە ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان مىنېرال سۇ ئىچكەنگە ئوخشاش، يەنە تەركىبىدە تالا ماددىسى بولغان قېتىق ئىچسە بەدەننى ناھايىتى ساغلام قىلىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى غىدىقلاش مەقسىتىگە يەتكۈزۈپلا قالماي، چوڭ تەرەتنىڭ راۋان ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، قورساقنى چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەش ئارقىلىقمۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-8-26 13:26:29 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت،بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئۇسۇلكەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-8-26 15:21:50 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2016-8-27 16:28:25 | ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت سىزگە......

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.252431 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش