بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 968|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بانكا نېمە ئۈچۈن ما يۈننى تاللىماي ئالما شىركىتىنى تاللايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
تۆت چوڭ بانكا چىقىمدان بىلەن ما يۈننىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئاخىرى ھېس قىلىپ يەتتى. ئەمما ئۇلار يەنىلا ما يۈن بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىماي، ئامېرىكا ئالما شىركىتىنى تاللىدى.
شۇڭا، ما يۈن بىلەن كۈچ سىنىشىش ئۈچۈن، بانكا بىرلەشمىسى ئالما شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالما يانفونىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئالى بابا چىقىمدانى، ئۈندىدار چىقىمدانى قاتارلىقلارنىڭ قولىدىن بازارنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى.
ما يۈننىڭ «كوزىرى»
پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى كۈنجۈت ئىناۋىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا تايىنىش بىلەن بىرگە، مەركىزىي بانكىنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسى، چىيەنخەي ئىناۋەت خاتىرىسى،  ج خ سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق سىرتقى ئورۇنلاردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاق ئىشلىتىپ گىرەلەشمە دەلىللەپ، بۇ ئارقىلىق چىقىمدان سىستېمىسىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىغا ۋاقتىدا نومۇر قويۇش، ئىناۋەت سوممىسىنى بېكىتىش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قەرز بېرىش قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى سىنايدىغان بىر ئۆلچەم، بۇ نومۇر بىلەن سىز باشقىلاردا يوق بولغان بىر قىسىم «ئالاھىدە ھوقۇق»تىن بەھرلىنەلەيسىز، يەنى كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرىغا قارىتىلغان ئىستېمال قەرزى، ئۆي ئىجارە ئېلىش، ماشىنا ئىجارە ئېلىش، ياتاقتا يېتىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشەلەيسىز!

نومۇر قويۇشتا ئۇنىۋېرسال تەرەپلەر ئويلىشىلىدۇ، بۇ ئۇنىۋېرسال تەرەپلەر شەخسنىڭ ئىناۋەت  خاتىرىسى، قىلمىش ئەھۋالى، كېلىشىمنى يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، سالاھىيەت ئالاھىدىلىكى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى قاتارلىق بەش تەرەپتىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

ما يۈن مۇنداق دەيدۇ:«ئالما چىقىمدانى پەقەت يەككە ھالدىكى پۇل تېپىش قورالى، ئۇنى ئالى چىقىمدانى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ!» ما يۈننىڭ بىر ئېغىز گېپى دۇنيانى تىنچ ھالەتكە قايتۇردى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«ئالى چىقىمدانىنىڭ چىقىم قىلىش سىستېمىسى 21-ئەسىردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا تىرەك بولۇشنى مەقسەت قىلغان، ھەرگىز نوقۇل پۇل تېپىش قورالى ئەمەس، مەن پۇل تېپىشقا راستىنلا قىزىقمايمەن!»

ئالما ۋە سامسۇڭدىن ئىبارەت دۇنيادىكى پۇل تېپىشقا ئەڭ ماھىر ئىككى كارخانا بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئەڭ ياخشى پۇل تاپقىلى بولىدىغان يەنە بىر كەسىپ - پۇل مۇئامىلە كەسپىگە كىردى. بىلىش لازىمكى، ئالما بىلەن بانكا بىرلەشمىسى ۋە ھەرقايسى چوڭ بانكىلار پايدىنى تەقسىملەش ئىشىنى سۆھبەتلىشىپ بولالمىغان بولغاچقا، ئالما چىقىمدانى گەرچە خېلى بۇرۇنلا جۇڭگوغا كىرىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تېخى يېقىندا جۇڭگوغا رەسمىي كىردى. ماتېرىياللاردا ئاشكارىلىنىشىچە، ئالما چىقىمدانىدا بولغان ھەر قېتىملىق سودىدا ئالما بەلگىلىك نىسبەتتە شېرىنكانە ئالىدىكەن، كونكرېت شېرىنكانە نىسبىتى %0.15 كە يېتىدىكەن!

ئالما چىقىمدانىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگوغا رەسمىي كىرىشىنىڭ سەۋەبى ئالما ھەرقايسى چوڭ بانكىلار بىلەن بولغان پايدىنى بۆلۈشۈش ئىشىدا بىرلىككە كەلدى! ما يۈننىڭ سۆزى بەلكىم مەلۇم نۇقتىدىن شۇنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن: بۇ يانفون كارخانىلىرىنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىش ساھەسىگە كىرىشى پەقەت ھەييارلىق، ئۇلار بانكا بىرلەشمىسىنىڭ قورچىقى بولۇشنى خالايدۇ، چىقىمدانغا تايىنىپ پۇل تېپىش رېئاللىققا ئانچە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، چۈنكى بانكا بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى چىقىمدانغا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ يانفون سېتىشتىن ئىبارەت !

ئەگەر بىر كۈنى جۇڭگولۇقلار جۇڭگودىكى سودا ساراي، تاللا بازار، تاماقخانا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، كۆكتات بازىرى قاتارلىق جايلاردا نەرسە سېتىۋالغاندا ئامېرىكىنىڭ ئالما چىقىمدانىنى، كورىيەنىڭ سامسۇڭ چىقىمدانىنى ئىشلەتسە، ئۇ ھالدا بۇ بىر خىل پەن تېخنىكىدىكى ئىلگىرىلەش بولامدۇ ياكى بىر مەيدان تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان مەغلۇبىيەت بولامدۇ؟ بۇ بىزنىڭ ئويلىنپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ!

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-7-26 22:52:53 | ئايرىم كۆرۈش
مايۈن ئاجايىپ بىر بالىدە ،   مىنىڭ ئىناۋەت دەرىجەم ئاران 566كەن ، قارىغاندا تازا ئىناۋىتىم يوق ئوخشايدۇ مايۈننىڭ ئالدىدا

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:02 , Processed in 0.284525 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش