بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 821|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۈلكە—بايلىق(2)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
سودا سۆھبىتىدىمۇ كۈلۈمسىرەش كەم بولسا بولمايدۇ. ناپالىئون شىير ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر پىسىخولوگى . ئىككى مال ساتقۇچى ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ ئۇنىڭغا ژۇرنال ساتقان. بىرىنچى مال ساتقۇچى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، << شەنبىلىك كەچلىك گېزىتلەر >> ژۇرنىلىنى ساتماقچى بولغان . مال ساتقۇچىنىڭ چېھرىدە ھىچقانداق چىراي ئىپادىسى بولمىغاچقا، شېير ئۇنىڭ ژۇرنىلىنى سېتىۋېلىشنى سىيلىققىنە رەت قىلغان. يەنە بىر مال ساتقۇچى بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن شىيرغا 6 خىل ژۇرنال ساتقان. بۇنىڭ ئىچىدە << شەنبىلىك كەچلىك گېزىتلەر>> ژۇرنىلىمۇ بار ئىدى. ئۇ شېيرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ،ئالدى بىلەن ژۇرنال سېتىش ئىشىنى تىلغا ئالماي ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغان. ئاخىرىدا ئاندىن ژۇرنال سېتىش ئىشىنى تىلغا ئالغان. شىير 6 خىل ژۇرنالنىڭ ھەممىسىگە مۇشتەرى بولغان. مانا بۇنىڭدىنكۈلكە ئېلىپ كېلىدىغان بايلىقنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.  ھىلتون ئۆزىنىڭ كۈلۈمسىرىشىگە تايىنىپ دۇنيادىكى مېھمانخانا كەسپىي پادىشاھى بولۇپ قالغان. ھىلتون باشقىلارنى ئۆزى كۈلۈمسىرەپ كۈتۈۋېلىپلا قالماستىن ، بەلكى قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلىرىگىمۇ خېرىدارلارغا كۈلۈمسىرەپ مۇلازىمەت قىلىش تەلىپىنى قويغان. ئامېرىكا ئىقتىسادىدا چوڭ داۋالغۇش بولغان مەزگىلدە ، زاۋۇت، كارخانا ، بانكا، مېھمانخانىلار ئارقا- ئارقىدىن تاقىلىپ قالغان ۋاقىتتا ، ھىلتون مېھمانخانىسى كۈلۈمسىرەپ مۇلازىمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن سودىسى يەنىلا جانلانغان.   ئائىلە تۇرمۇشىدىمۇ كۈلۈمسىرەش كەم بولسا بولمايدۇ. ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئۆز ئارا كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە بولغان ھوزۇرلىنىش ، غەمخورلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدىكى بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرغىلى ۋە تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئەكسىچە ، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدا كۈلۈمسىرەش كەنچىل بولسا ، دائىم بىر- بىرىنى ئەيىپلەپ ، بىر- بىرىدىن رەنجىپ، جىدەللىشىپ يۈرسە، ئۇنداقتا بۇ خىل نىكاھنى ساقلاپ قېلىش ناھايىتى تەس بولىدۇ. تولىستوينىڭ نىكاھ ئىشى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. تولىستوي ئۆز خوتۇنىنى << ساراڭ ئايال>> دەپ ئەيىپلەيتتى. ئائىلىسنى بولسا << ساراڭلار ئائىلىسى>> دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ << كىمنىڭ سەۋەنلىكى>> دېگەن كىتاپنى يېزىپ جاۋاپ قايتۇرغان. ئەڭ ئاخىرىدا نىكاھى بۇزۇلغان. سۇقراتنىڭ نىكاھ ئىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.شۇڭا كۈلۈسىرەش بولمىسا ، بەختلىك ئائىلىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس . دۇنيادا ، قەيەردە كۈلۈمسىرەش بولىدىكەن ، شۇ يەردە ئىناقلىق ، ئىللىقلىق ۋە بەخت بولىدۇ. قەيەردە كۈلۈمسىرەش يوقايدىكەن ، شۇ يەردە تەشۋىشلىك، ئۆچمەنلىك ، دۈشمەنلىك بىلەن قاراش ۋە ئارازلىق بولىدۇ. شۇڭا بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ھاياتىي كۈچكە ، جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولسۇن دەيدىكەنمىز،ھەر بىرىمىزنىڭ چېھرىدە كۈلۈمسىرەش جىلۋىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك.(تۈگىدى)

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-7-18 17:19:29 | ئايرىم كۆرۈش
哈哈哈哈哈哈哈哈哈哈哈哈哈哈

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.253747 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش