وردا تەييار رامكىلار بەك كۆپ، لېكىن ھامان بىر يېرى كىشىنىڭ دېگەن يېرىگە كەلمەيدۇ، شۇڭا ئۆزۈم بىرنى يازغان، تورداشلارغا يارىسا ئىشلىتەر، بولمىسا ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرەر دېگەن ئۈمىدتە بۇ يەرگە يوللىدىم.
ئاۋۋال ئىجرا بولۇش ئۈنۈملىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
مېنىڭ رەسىم يوللاش
نورمام ئېشىپ كېتىپتۇ، شۇڭا كۆپ رەسىم
يوللىيالمايدىكەنمەن، شۇڭا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن
كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ، ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ تەمىنلەندى.
بۇ يەردىن كۆرۈڭ
بۇ
دېئالوگ رامكىسىنىڭ ئۆزۈم ئالاھىدە دەپ قارىغان تەرەپلىرى تۆۋەندىكىچە:
- قېرىپ كوماك بولۇپ كەتكەن IE6 دىن تارتىپ Chromeغىچە بارلىق تور كۆرگۈچلەردە نورمال ئىشلەيدۇ.
- ئەگەر ئېگىزلىكىنى بەلگىلىمىسىڭىز، مەزمۇنغا قاراپ ئاپتوماتىك تەڭلىشىپ، ئاخىرىدا ئېكراننىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلىنىدۇ.
- مائۇس ئارقىلىق ماۋزۇ ئىستونىنى تۇتۇپ سۆرىگەندە ئېكران دائىرىسدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، يەنى گىرۋەككە تاقاشقاندا توختايدۇ.
- ئىشلىتىش بىر قەدەر قولاي، كۆپ handler يېزىش ھاجەتسىز، ئىنكار كۇنۇپكىسىنى باسقانغا قارىتا دېئالوگ يوقاشتىن باشقا ئىش يوق، شۇڭا پەقەت مۇقىملاش كونۇپكىسىغىلا بىر js فۇنكسىيەسى ئەۋەتسەكلا بولدى.
- ئەگەر بەت يۈزىدە مۇنداق بىر فۇنكسىيە ئېنىقلاپ قويسىڭىز، بىر سۆز بىلەنلا دېئالوگنى تارتىپ ئىشلىتەلەيسىز.
- function Alert(msg){
- msjWin.alert({message:msg});
- }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشمەسىلەن: تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چەكسەك بىزگە سالام بېرىدۇ.
بۇ
دېئالوگ رامكىسى چوقۇم JQuery ئامبىرى بىلەن بىللە يۈكلىنىشى كېرەك.
تۆۋەندە بىر قانچە مىسال ئارقىلىق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
تۆۋەندېكىچە:
ئاۋۋال بەت ئىچىگە js ھۆججەتلىرىنى
يۈكلەيمىز. يەنى head
نىڭ ئارىسىغا تۆۋەندىكى كودلارنى يازىمىز.
ئاندىن
دېئالوگ چىقارماقچى بولغان ئورۇندا
تۆۋەندېكىدەك كود يازىمىز.
- msjWin.alert({title:'سالام دۇنيا',message:'ئەسسالامۇئەلەيكۇم', width:400, height:250});
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئەگەر
جەزملەشتۈرۈش رامكىسى چىقارماقچى بولساق:
- function del(id){
- var url="api.html?action=delete&id="+id+"&ts="+new Date().getTime();
- var msgstr="بۇ تېمىنى راستتىنلا ئۆچۈرەمسىز؟ ";
- var _success=function(xhr){
- if(xhr=="ok"){
- Alert("تېما ئۆچۈرۈلدى");
- //بۇ يەرگە شۇ تېمىنى بەت يۈزىدىن يوقىتىدىغان كود يازساق بولىدۇ
- }else{
- Alert(xhr);
- }
- }
- msjWin.confirm({message:msgstr,handler:function(){$.get(url,_success);}});
- }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشبۇ كودتىن سىزنىڭ ئۆزگەرتىشىڭىز زۆرۈر بولغىنى url ئادرېسى، باشقا يەرلىرىنى ئۆزگەرتىش تامامەن ھاجەتسىز، چۈنكى msjWin.confirm
نىڭ handler ئىسىملىك بىر
پارامېتىرى بار بولۇپ، بىر
فۇنكسىيە قوبۇل قىلىدۇ، بۇ
فۇنكسىيە سىز «ھەئە»
نى باسقاندا
ئىجرا بولىدۇ، بۇ يەردىكىسى بولسا:
- function(){$.get(url,_success);}
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشبۇ JQuery ئامبىرى تەمىنلىگەن
فۇنكسىيە بولۇپ،
مۇلازىمىېتىرغا get شەكلىدە بىر ajax ئىلتىماسى يوللايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە url بولسا بىز ئۈستىدە ھاسىل قىلغان ئادرېس شۇ، _success بولسا بىز ئالدىن ئېنىقلىۋالغان بىر
فۇنكسىيە، بۇ بىرلا
پارامىېتېر قوبۇل قىلىدۇ، يەنى
مۇلازىمىتېر بىزگە قايتۇرغان جاۋاب، بىز مۇشۇ جاۋابقا ئاساسەن مەشغۇلاتنىڭ نەتىجىسىگە ھۆكۈم قىلىمىز.
ئەگەر بەت يۈزىدە بىر كىچىك
دېئالوگدا باشقا بىر بەتنى ئاچماقچى بولساق:
- msjWin.win({message:"http://musajan.com",width:600, height:480});
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشئەگەر باشقا كۆپرەك ئۇچۇر ياكى رەسىم كۆرسەتمەكچى بولساق:
- msjWin.panel({message:'كۆرسەتمەكچى بولغان تېكىست، كود بولسىمۇ بولىدۇ. '});
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشئەگەر
دېئالوگنىڭ ماۋزۇ
ئىستونى ياكى
كۇنۇپكا ئىستونى كۆرۈنمىسۇن دېسەك:
- //mawzu sitoni yoq
- msjWin.panel({message:"
",titleBar:false});
- //konupka sitoni yoq
- msjWin.panel({message:"
",btns:false});
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
پارامىتېرلارنىڭ ھەممىسى json شەكلىدە يوللىنىدىغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ مەنىسى
تۆۋەندېكىدەك.
پارامېتىر | رولى | قىممىتى |
title | رامكىنىڭ ماۋزۇسى | خالىغان تېكىست |
titleBar | ماۋزۇ ئىستونىنىڭ كۆرۈنۈشچانلىقى | false بولسا كۆرۈنمەيدۇ |
btns | كۇنۇپكا ئىستونىنىڭ كۆرۈنۈشچانلىقى | false بولسا كۆرۈنمەيدۇ |
message | مەزمۇن | مەزمۇن ياكى تور ئادرېسى |
scrolling | كۆزنەكتە تور بەتنى كۆرسەتكەندە سىيرىلما تاياقچىنىڭ كۆرۈنۈشچانلىقى | yes/no |
width | كەڭلىكى
| |
height | ئېگىزلىكى | بەلگىلەنمىسە ئاپتوماتىكتەڭلشىلىدۇ |
handler | «ھەئە»نى باسقاندا ئىجرا بولىدىغان فۇنكسىيە | |
بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى
ئۈلگە بېتىدىمۇ بار، پىكىر-تەكلىپلەر بولسا قوبۇل قىلىمەن،
تورداشلاردىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم، ئەگەر كودلاردىكى مىقدارلارنىڭ
ئىنگلىزچە ئېلىنغىنىغا قاراپ تەرجىمە قىلغان
قىستۇرما ئىكەن دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ئىنكاسقا يازماي،
كۆڭلىڭىزدىلا ئويلاپ
قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق ئىشلارغا جىق ئۇچراپ كەتتىم، ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەندەك بولۇپ قالىدىكەن.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
msjWin.rar
(83.94 KB, چۈشۈرۈش سانى: 10)
مەنبە:
JQuery ئۇيغۇرچە دېئالوگ رامكىسى
http://www.nurqut.net/ud/forum.p ... 55&fromuid=2441
(مەنبەسى: نۇرقۇت دۇنياسى)