ئىسمىم ياقۇپ، كەسپىم تىجارەتچى، قىزىقىشىم يانفون، دوستلىرىم مېنى «ياقۇپ يانفون» دەپ ئاتايدۇ، «تازنىڭ كۆزى چاچتا، ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، ياقۇپنىڭ كۆزى يانفوندا» دەپ چاقچاقمۇ قىلىشىدۇ، بۇرۇن كىتابخۇمار ئىدىم، ھازىر يانفونخۇمار. يەنى كۈنلىرىم يانفونسىز ئۆتمەيدۇ، يانفونۇمنىڭ توكى قالمىغان چاغلاردا گېلىمدىن غىزا تۈگۈل، سۇمۇ ئۆتمەيدۇ. ئۆتكەن ئايدا يانفونۇمنى ئوغرىغا بېرىپ قويۇپ، بىر ئاي كۆڭلۈم غەش، كۆزۈم بەش بولۇپ ئۆتتۈم، شۇ كۈنى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى باققال ئالىماخۇننىڭ ئالمىسىنى ئالتە يۈەنگە سېتىۋېلىشقا قورسىقىم ئاغرىپ، ئەرزانراق بېرىدىغان باققال ئىزدىدىم، نەتىجىدە بىر كىلوگىرام ئالمىنى بەش يۈەنگە سېتىۋېلىپ ئۆيىگە قايتتىم. ئۆيگەبارغاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ «ئالما» يانفونىنى 6000 يۈەنگە سېتىۋېلىش ئۈچۈن زاكاز پۇل تاپشۇرۇپ قويدۇم. ئالمىچى ئالىماخۇن 6000 يۈەننى ئالما سېتىپ ئالتە ئايدىمۇ تېپىپ بولالمايدۇ، بىراق مەن 6000 يۈەنگە بىر دانە «ئالما» نى بىر نۆۋەتتىلا سېتىۋالدىم. قارىمامسىلەر، مەن يانفون ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ بەدەل تۆلەۋاتقان تۇرسام، كىممۇ مېنى يانفون مەستانىسى ئەمەسكەن، دېيەلىسۇن؟
سەھەردىمۇ، كەچتىمۇ قولۇمدا سىقىمداقلىقى يانفون. سەھەردە مېنى ئويغىتىدىغان قوڭغۇراقمۇ شۇ يانفون، كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋالقى ئۇيقۇ دوراممۇ يانفون. سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈزۈمنىمۇ يۇمايلا تۇنجى قىلىدىغان ئىشىم ئۈندىدارىمنى ئېچىپ، كېچىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا جاۋاب قايتۇرۇش. ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندىمۇ، ئاشخانىدا ئولتۇرغاندىمۇ قولۇمدا بارى يەنىلا يانفون. تاماق يېيىشتىن بۇرۇن، يېمەكچى بولغان تامىقىمنى سۈرەتكە تارتىپ، «دوستلار چەمبىرىكى» گە يوللىۋەتمىسەم، ئىچىم تىتىلداپ، ئېغىزىمغا تاماق تېتىمايدۇ: مەيلى ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا بولاي ياكى پىيادە بولاي، كۆزۈم يانفوندىلا، شۇ ۋەجىدىن پىيادە ماڭغاندا تۈۋرۈككە تولا ئۈسۈۋېلىپ بېشىمنىڭ ساق يېرىمۇ قالمىدى، يولدىن ئۆتكەندە ھاياتىمدىن ئايرىلغىلىمۇ تاس قالدىم، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ يانفونخۇمارىمنى پەقەتلا تاشلىيالمىدىم، يانفونخۇمارى ماڭا خېروئىن خۇمارىدەكلا يېپىشىۋېلىپ، زادىلا ئارام بەرمىدى، بۇ خۇيۇمدىن خوتۇنۇممۇ زېرىكتى، ئۇ ھەتتا قولۇمنى باغلاپ قويۇپمۇ باقتى، لېكىن ئادىتىمنى تاشلىتالمىدى، مانا ھازىر مىنۇتىغا تەخمىنەن ئىككى قېتىم يانفونغا قارايمەن، قارىماي قالسام، يانفونۇمغا بىرسى ئۇچۇر قىلىۋاتقاندەكلا سەزگۈدە بولۇپ، قولۇم ئىشقا بارمايدۇ.
ئۈندىدار ئىشلىتىۋاتقان ئىككى يىلدىن بۇيان، دوستلار چەمبىرىكىمدىكى دوستلىرىم كۆپيىپ 10 مىڭغا يەتتى، ئەمما بۇمۇ مېنى يانفوندىن يىراقلاشتۇرالمىدى. ئۈندىداردىكى دوستلىرىمنىڭ بەزىلىرى «بۈگۈن كەيپىياتىم بەك ناچار، ھېرىپ ھالىمدىن كەتتىم، ھال-مۇڭ بولىدىغان دوستلار بارمۇ؟»، «ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ، ئۇخلىمىغان كىم بار؟» ... دېگەندەك نىدالىرىنى يوللىسا، بەزىلىرى كۈلگەن، يىغلىغان، ھومايغان،،،ھالەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللايدۇ، يەنە بەزىلىرى ئېشىپ قالغان تامىقىنى، سۇنۇپ كەتكەن تارغىقىنى، چۈشۈپ كەتكەن چىشىنى، ئوسما قويغان قېشىنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۇدۇللا دوستلار چەمبىرىكىگە يوللايدۇ. يېقىندا بىر دوستۇم دوستلار چەمبىرىكىگە مۇنداق بىر يۇمۇرنى يوللاپتۇ:« بىر مېكىيان تۇخۇملاشتىن ئاۋۋال توختىماستىن قاقىلداپتۇ، ئىگىسى: بۇ مېكىيىنىم ھازىرلا تۇخۇملايدىغان بولدى.- دەپ ئويلاپ، كاتەكنىڭ يېنىدا ساقلاپتۇ، بىراق مېكىيان خېلى ئۇزاققىچە تۇخۇملاي دېمىگۈدەك، ئىگىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ مېكىياندىن: شۇنچە قاقىلدىغان تۇرۇقلۇقمۇ نېمىشقا ئۇزاققىچە تۇخۇملىمايسەن؟-دەپ سوراپتىكەن، مېكىيان: تۇخۇملىرىمنى ئۇدۇللۇق «دوستلار چەمبىرىكىمگە چىقىرىۋاتقان»، ئەپسۇس بايا يانفونۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، شۇڭا تۇغقۇم كەلمەيۋاتىدۇ، دېگۈدەك. مانا مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى بىر باشتىن كۆرۈش ئۈچۈن يانفونۇمغا قاراۋېرىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىم ئاجىزلاپ بىر يەرگە باردى، بارماقلىرىم تىترەيدىغان، بىلەكلىرىم تالىدىغان بولۇپ قالدى، شۇنداقتىمۇ يانفونغا قارىمىسام چىداپ تۇرالمايمەن.
مانا ئۈندىدار ئىشلەتكەندىن بۇيان ھېيت-بايرام كەلسە، ھەممەيلەنگە ئورتاق بولغان تەبىرىك ئۇچۇرىدىن بىرنىلا يازىمەن-دە، ئۇنى ئۈندىدارىمدىكى 10 مىڭ ئادەمگە بىراقلا يوللاپ، ھەممىسىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالىمەن، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت تېجەش بولامدۇ دەيسىز؟ ئۆيۈمنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا باغاقلارنى مېھمانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزىدىغان دەۋرگىمۇ ئاللىقاچان خاتىمە بەرگەنمەن، چۈنكى بۇنداق چاغلاردا بازاردىن بىر تال باغاقنى سېتىۋالىمەن-دە، باغاقنىڭ ئىسمىنىلا ئۆزگەرتىپ، سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن مېھمانلارغا ئەۋەتىۋېرىمەن.
يېقىندىن بۇيان يانفونخۇمارى ئاتامغا يۇقتى بولغاي، ھاجەتخانىغىمۇ يانفون كۆتۈرۈپ كىرىپ كېتىدىغان بولدى. ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۇنىڭ يانفونى ئىككى قېتىم ھاجەتخانىغا چۈشۈپ كەتتى. تۈنۈگۈن ئۇنىڭ يانفونى يەنە چۈشۈپ كېتىپتىكەن، ماڭا توردىن ئېلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا 5. 5 دىيۇملۇق يانفون ئەكېلىپ بەردىم. ئاتام:« بۇ يانفون بەك چوڭكەن، بۇ ئەپچىل جۇغۇمغا بۇنى ئىشلەتسەم، ئاغىنىلەر ئۆزۈڭدىن يانفونۇڭ چوڭغۇ، دەپ مازاق قىلىشىدۇ» دېدى. ئۇنىڭغا: «بۇ يانفوننى توردىن سېتىۋالمىدىم، ئەۋرەزدىن سۈزۈۋالدىم» دېۋىدىم، ئۇ ھەيران بولغان ھالدا: «قولۇم-قوشنىلار ئارىسىدا ماڭا ئوخشاش ئادىتى بارلار خېلى باركەندە» دەپ كۈلۈپ كەتتى.
مەنبەسى:
ئالامەت