بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1123|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈندىدار يوق ۋاقىتلارنى بەكمۇ سېغىنىدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەۋەسكار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-6 14:12  


سەھەر سائەت 4 تە، قارا بېسىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، ئادىتىم بويىچە يانفونۇمنى قولۇمغا ئالدىم دە ئۈندىدارنى ئاچتىم. خىزمەتداشلار توپى ئىچىدە يېڭى ئۇچۇر بار ئىكەن، قارىسام تەخمىنەن بىر سائەت ئىلگىرى خىزمەتداشلار ئەتە ئەتىگەن قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا بىر نېمىلەرنى يوللاپتۇ، بولدىلا، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن، كۆرمەسكە سالساممۇ بولغىدەك. دوستلار چەمبىرىكىگە يەنە ئىككى ئۈچ ئادەم بىر نېمىلەرنى يوللاپتۇ، بۇ خەقلەر ئۇخلىمامدىغاندۇ؟ ئۈندىدار ئېتىپ داۋاملىق ئۇيقۇغا كەتتىم.
ئەتىگەن سائەت ئالتىدە، يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ يەنە ئۈندىدارنى ئاچتىم، بۇ چاغدا نۇرغۇن ئۈندىدار توپلىرىدا كىچىك قىزىل بەلگىلەر تۇراتتى، دەرھال مۇھىم دەپ بىلگەنلىرىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاشۇ ئومۇمىي ئۇچۇر يۈزدىن ئېشىپ كەتكەن توپتىكى ئۇچۇرلارغا بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ چىقتىم، قارىسام كەم دېگەندە ئۈچ تال «بارمۇ ؟» دېگەن ئۇچۇر تۇراتتى، بىر قاراپلا QQ دىكى مۇھىم دوستلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ھەممىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن بولسا، ئاللىقاچان ئەتىگەنلىك تاماقنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.

چۈشتە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيداندا، iPhone 6 دە تەخمىنەن يەنە % 20 ئەتراپىدا توك قالغانىدى، كۆچمە توكداننى چىقىرىپ توك سىمىنى چاتتىم، يەنە 4 تال ئاممىۋى سۇپا ۋە زاۋۇتتىن كەلگەن ئۇچۇرنى قايتۇرمىدىم. چۈشتىن بۇرۇن ئۇچۇر كۆپ ئەمەس، باشقىلارنى زورلاپ تۇرمىسا گەپ قىلمايدۇ، باشقىلار يەنە مېنى مۇكاپات توپىغا قوشۇپ قويۇپتۇ، ئەمدى مۇكاپات تارقاتمىسا چېكىنىپ چىقىپ كېتىمەن. بىلوگ مەزمۇنىغا قارىسام بالا چولپان تاللاش توغرىلىق خەۋەرلەر مۇھاكىمە قىلىنىۋېتىپتۇ، ئازراق گەپ قوشۇپ قويدۇم، 15 مىنۇت ۋاقتىم كەتتى، بولدى ئەمدى گەپ قىلمايمەن. بىر دوستۇم كېلىپ مۈرەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، «سەن راستتىنلا يان تېلېفونغا تايىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپسەن ھە؟ سەن بۇ يەرگە كىرگەندىن بېرى تېلېفوندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭ» دېدى.

كەچتە بىر دوستۇم بىلەن بىللە تاماق يېدىم، بۈگۈن قەتئىي يانفونغا قارىماسلىق قارارىغا كەلدىم-دە، يانفوننى جوزا ئۈستىگە قويماي يانچۇقۇمغا سېلىۋەتتىم. ۋاي، تۇيۇقسىز ئۇچۇر كەلدى، خوجايىن مېنى ئىزدەۋاتامدىغاندۇ-يە؟ دەرھال ئېچىپ قاراپ باقتىم، نەتىجىدە يەنە دوستۇمنىڭ كىنايە سۆزلىرى، ئىش بولسا چوقۇم ھازىر بىر تەرەپ قىلىش كېرەكمىدى، ئازراق ۋاقتىمنى چىقارمىغانغا خىزمەت ۋەزىپىسى ئورۇندىيالماي قالاتتىمۇ؟ گەپ تاپالماي قالدىم، لېكىن ....
يۇقىرىقىلار مېنىڭ بىر كۈنلۈك ئۈندىدار ئىشلىتىش ئەھۋالىمنىڭ قىسقارتىلمىسى، مۇشۇ سەھىپىنى يازغانغا قەدەر، مېنىڭ ئۈندىدارىمدا 815 ئادەم بار، تېخى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆپەيمەكتە. ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى تازىلاپ تۇرساممۇ يەنىلا 1.5G  بوشلۇق ئىگەللىنىپ تۇرىدۇ.
ئۈندىدارنى يېڭى ئىشلەتكەن ۋاقىتنى ئەسلىسەم، ئۇ چاغلاردا توپتا پاراڭلىشىش ئىقتىدارى بۇنچە قولايلىق ئەمەس ئىدى، ئۇچۇرلار دائىم كېچىكىپ كېلەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ( BBM (BlackBerry Message دىن باشقا كۆچمە سۇپىسىدا  پاراڭلاشقىلى بولىدىغان ياخشىراق قورال يوق ئىدى، كېيىن ئۈندىدارنىڭ ئىقتىدارى بارغانسېرى ياخشىلاندى، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈندىدارغا يۈزلەندى، ئىلگىرى ئانچە كۆرۈشۈپ بولالمايدىغان دوستلارمۇ ئالاقە قىلىشقا باشلىدى، ئاستا-ئاستا خىزمەتداشلارمۇ ئۈندىدار ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بولدى، ئېلخەتكە قارىغاندا ئۈندىدارنىڭ ئۈنۈمى خېلىلا يۇقىرى ئىدى.

لېكىن، ھازىر مەن ھەقىقەتەن ئۈندىدار يوق ۋاقىتلارنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇ چاغلاردا ھېچقانداق نەرسە سىزگە ئۈندىداردەك چاپلىشىۋالمايىتتى، ئىلگىرى قىسقا ئۇچۇرنى كۆرمەي قاپتىمەن دېيىشكە بولاتتى، ھازىر ئۈندىدارنى كۆرمەي قاپتىمەن دېگەن گەپكە باشقىلارنى ئىشەندۈرمەكچى بولسىڭىز پەقەت، سىگنال يوق ياكى بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۇچۇر قايتۇرالمىدىم دېيىشكىلا بولىدۇ.
ئۈندىدار يوق چاغلاردا، خىزمەتتە ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشاتتۇق، كىچىك ئىشلاردا QQ، مۇھىم ئىشلاردا تېلېفون بېرىپ ئالاقىلىشاتتۇق، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان دوستلارمۇ قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەھۋال سورىشاتتى، گەرچە ئۇ چاغلاردا ھەر ئايدا سەرپ قىلىنغان قىسقا ئۇچۇر ھەققى، ھازىرقى ئېقىم مىقدارى ھەققىدىن خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چاغلاردا دوستلارنىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋېلىش بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى، بەلكى ھازىرقىدەك «مۇشۇنداق ئالدىراش ۋاقىتتىمۇ ئۇچۇر كېلىپ.... » دەپ بىزار بولمايىتتۇق.  

ئەگەر ئۈندىدار خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئالاقە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا سىز راستتىنلا ھەرقانداق خىزمەت ياكى ساھەنىڭ ئىش ئۈنۈمىنىڭ، ئۈندىدارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق ئۆسكىنىنى كۆرگەنمۇ؟ خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى كىشىلەرنىڭ خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ سىزنى ھەر ۋاقىت ئىزدەپ تاپالىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر سىز خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاقىدار ھەرقانداق بىر كىتابنى ئوقۇسىڭىز، مەسىلەن David Allen نىڭ 《Getting Things Done》 دېگەن كىتابىدا، سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە قۇراللىرىنى، كېرەكسىز تور بېكەتلىرىنى ئېتىۋېتىشىڭىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۈندىدارنى ئېتىۋېتىش خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئالاقە ۋاسىتىسىنى ئېتىۋېتىش بىلەن باراۋەر.

بەلكىم بۇمۇ بىر سەۋەب، نېمە ئۈچۈن ياشلارنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىش نىسبىتى تۆۋەن، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ئۇنچە كۆپ ئالاقىلىشىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئۇلار QQ بوشلۇقىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، توپ مەيدانىدا يۈگۈرۈشكە، قىرائەتخانىدا كىتاب ئوقۇشقا، تورخانىلاردا ئويۇن ئويناشقا ئامراق. باشقىلارنىڭ ۋاقتىدا ئىزدەپ تاپالىشى ياكى باشقىلارنى ۋاقتىدا ئىزدەپ تېپىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش ئەمەس.
ھازىر مەن ھەقىقەتەن ئۈندىدار يوق ۋاقىتلارنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم.

ئەسلى مەنبە: نۇر تورى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-7 11:13:30 | ئايرىم كۆرۈش
سازكۇي يوللىغان ۋاقتى  2015-7-6 19:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ؟
http://www.080308.cn/ توربىكەت ...

تېما بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟
تور بىتىڭىزنى ئىلان قىلماقچى بولسىڭىز بىكەت باشقۇرغۇچىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-7-7 11:44:08 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يازمىكەن،مەنمۇ ھەقىقەتەن زىرىكتىم، ئوينىماي دىسە تېخى تۇغان ،ئويناپ قويغاندىكىنلا بىرمۇنچە باش قېتىنچىلىقى،ئىشىقىلىپ چ چ ئۈندىداردىن راۋرۇسلا زىرىكتىم جۇمۇ

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2015-7-7 11:47:20 | ئايرىم كۆرۈش
سازكۇي يوللىغان ۋاقتى  2015-7-6 19:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ؟
http://www.080308.cn/ توربىكەت ...

سەن لاۋزا گۇي ئاشۇ ئەسكى بىكىتىڭنى ھەممە يەرنى سېستىپ تەشۋىق قىلىپ يۈرەمسە،ۋاي پۇل دىسە ئانىسىنى ساتىدىغان بەدىبەخ،ۋىجداننىڭنى نىمە يەپكەتكەن نىمە سەن چ چ دىمۇ دىسەڭ،ھەرقانچە تەشۋىق قىلساڭمۇ تۈزۈك بىر نەسەڭنى تەشۋق قىلمامسە http://www.nurqut.net/ud/thread-24674-1-1.html بۇنى كۆرەپ ئەمدى قوڭاڭنى قىسىپ بىلىملەردىن ئاستا يوقال ھە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2015-7-7 13:43:16 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى تېما ئىكەن، تېمىڭىز نادىرلاندى. مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنىڭ كۆپلەپ يوللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

باھا سۆز

رەخمەت، قولۇمدىن كىلىشىچە تىخىمۇ ياخشى يوللاشقا تىرىشىمەن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-7-9 21:38
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-9 21:38:46 | ئايرىم كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2015-7-7 13:43
بەك ياخشى تېما ئىكەن، تېمىڭىز نادىرلاندى. مۇشۇنداق ياخ ...

رەخمەت، قولۇمدىن كىلىشىچە تىخىمۇ ياخشى يوللاشقا تىرىشىمەن

باھا سۆز

تەرەقىيات ئۈچۈن بىللە تىرىشايلى.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-7-9 22:30
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2015-7-9 22:30:58 | ئايرىم كۆرۈش
ھەۋەسكار يوللىغان ۋاقتى  2015-7-9 21:38
رەخمەت، قولۇمدىن كىلىشىچە تىخىمۇ ياخشى يوللاشقا تىرى ...

تەرەقىيات ئۈچۈن بىللە تىرىشايلى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2015-7-10 10:19:17 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشى  ئەسەركەن  .   رەھمەت  سىزگە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2015-7-14 07:37:22 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنچىۋىلا تىللىشىپ كەتمەيلى تورداشلا

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
ۋاقتى: 2015-7-14 07:39:07 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەنغۇ ئۇندىدارنىڭ سالونىدىنلا پايدىلىنىمەن. باشقا گەپ قىلىدىغان ئادەم يوق

باھا سۆز

ئوخشاپ قالىدىكەنمىز، مەنمۇ ئۈندىداردا قەتئى پاراڭلاشمايمەن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-7-14 10:24
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-14 10:24:22 | ئايرىم كۆرۈش
تەنھا0903 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-14 07:39
مەنغۇ ئۇندىدارنىڭ سالونىدىنلا پايدىلىنىمەن. باشقا گەپ ...

ئوخشاپ قالىدىكەنمىز، مەنمۇ ئۈندىداردا قەتئى پاراڭلاشمايمەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
12#
ۋاقتى: 2015-7-22 02:00:14 | ئايرىم كۆرۈش
سىزنى خوتەنگە قاتتىق بىر تەكلىپ قىلىمەن  

باھا سۆز

ئاللاھ خالىسا قاتتىق بىر بارىمەن «بىر كۈنى»  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-7-22 13:16
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
13#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-22 13:16:16 | ئايرىم كۆرۈش
555 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-22 02:00
سىزنى خوتەنگە قاتتىق بىر تەكلىپ قىلىمەن

ئاللاھ خالىسا قاتتىق بىر بارىمەن «بىر كۈنى»

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
15#
ۋاقتى: 2015-7-27 16:56:36 | ئايرىم كۆرۈش
قارشىمىز ئوخشاشكەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 23:09 , Processed in 0.264408 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش