بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 809|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

Wi-Fi ساغلاملىققا زىيانلىقمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


يېقىندا ئىنتېرنېتتا Wi-Fi نىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ياكى زىيانسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تېما قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

5 نەپەر دانىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى كۈنلۈكسىمان كەرەپشە ئۇرۇقىنى ئايرىم-ئايرىم  Wi-Fi تارقىتىش ئاپپاراتى بار ۋە يوق ئىككى ئۆيدە ئۆستۈرگەن، 12 كۈندىن كېيىن Wi-Fi يوق ئۆيدىكى ئۇرۇقىنىڭ نورما ئۆسكەنلىكىنى، Wi-Fi بار ئۆيدىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ تەجرىبە خەلقئارادىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، شۇ يەردىكى پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ مەسىلە ئىنتېرنېتتا غۇلغۇلا قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ Wi-Fi نىڭ تەسىرى، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنى ۋە ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا ئويغا سېلىپ قويغان.
بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر Wi-Fi ساغلاملىققا تەﻫدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ  قارىسا، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر Wi-Fi نى زىيانسىز دەپ قارىغان. ئارگېنتىنا تەتقىقاتچىلىرى 29 ئەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى Wi-Fi چېتىلغان كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا قويۇپ 4 سائەتتىن كېيىن 25 پىرسەنت ئىسپېرما ﻫەرىكەتتىن توختىغانلىقىنى، كومپيۇتېردىن يىراق جايغا قويغاندا پەقەت 14 پىرسەنتى ﻫەرىكەتتىن توختىغانلىقىنى بايقىغان. لېكىن  Wi-Fi ئېتىۋېتىلگەن كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا قويغاندا ﻫېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. شۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر Wi-Fi ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.
بۇنىڭغا قارشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىر سىمسىز روتېر دائىم ئوچۇق تۇرغان ﻫالەتتە، ئۇنىڭ بىر يىل جەريانىدا تارقاتقان رادىياتسىيەسى 10 مىنۇت تېلېفون سۆزلەشكەن بىلەن باراۋەر بولغانلىقتىن Wi-Fi ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز دەپ قارىغان.
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگو «قىزىق نۇقتا ﻫەققىدە سۆﻫبەت» پىروگراممىسىمۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، Wi-Fi ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز دەپ تەكىتلىگەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +5 يىغىش سەۋەبى
995903222 + 5 ئالامەت!

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 09:53 , Processed in 0.245943 second(s), 43 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش