بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1332|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەۋەسكار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-10 18:30  



جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى بىلەن شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي تىل بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىخانىسى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسى يېقىندا تورغا چىقىرىلىپ (http://www.mzywfy.org.cn)سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلدى. بۇ سىستېمىغا خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان NiuTrans تەرجىمە قوزغاتقۇچ تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ Web مۇلازىمېتىرىنىڭ زىيارىتىنى ۋە 2-ئەۋلاد تەرجىمە بۇلۇتى API چېتىش ئېغىزىنى قوللايدۇ؛ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مېخانىزمى ئورنىتىلغان، تەرجىمە قىلىش سۈرئىتى تېز، تەرجىمە سۈپىتى يۇقىرى؛ خەنزۇ تىلىنى موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلالايدۇ؛ مەملىكىتىمىز بويىچە خەنزۇ تىلى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى بىر-بىرىگە تەرجىمە قىلالايدىغان تۇنجى قوش يۆنىلىشلىك تەرجىمە سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سىستېما ھازىر جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

 خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىق تەرجىمە خىزمىتىنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىق تەرجىمە خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ سىستېما گېزىتخانا، نەشرىيات، ژۇرنال تەھرىراتى، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرىنىڭ تەرجىمە ئاپپاراتلىرىدا ئىشلىتىلسە، تەرجىمە خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت سىجىللىقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەرجىمە سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدە بۇ سىستېمىغا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قوشۇش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭ تىل تاۋۇشلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگىلى بولىدۇ.

 ئاساسلانغان تىل ماتېرىيالى ئامبىرى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە بۇ سىستېمىنىڭ سىياسىي-نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى. كەلگۈسىدە خەنزۇچە-مىللىيچە جۈملە سېلىشتۇرمىسى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش ۋە گىرامماتىكا قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، باشقا ساھەلەردىكى تەرجىمىنىڭ سۈپىتىنىمۇ پەيدىنپەي ئۆستۈرۈپ، قوللانغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا داۋاملىق ئۇيغۇنلىشىمىز.

                                                              جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى
                                                              2015-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى

بۇ خەۋەر راستىنلا خۇشال قىلارلىق خەۋەر بوپتۇ، بۇ خەۋەرنى كۆرۈپلا مۇناسىۋەتلىك بىكەتكە چىقىپ سىناپ باقتىم، تولۇق تىكىستلىك تەرجىمە قىلىدىكەن
مەنمۇ كۆپ يىللاردىن بىرى مۇشۇنداق بىر قۇرالنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن، ئاخىرى ئوتتۇرىغا چىقىنىدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بۇ ئۇيغۇرچە تولۇق تىكىستلىك تەرجىماننىڭ تۇنجىسىمۇ ياكى بۇندىن بۇرۇنمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانمۇ تازا ئىنىق تەپسىلاتلارغا ئىرىشەلمىدىم، ئىزدىنىش ئارقىلىق بەنە بىر تولۇق تىكىستلىك تەرجىماندىن بىرنى بايقىدىم ، سىناپ باقسام ئىككىسىنىڭ قىلغان تەرجىمىسىدە پەرىق باركەن، دىمەك ئىككىسىنىڭ ئاساسلانغان تىل ماتېرىيالى ئامبىرى ئوخشاش ئەمەس دەپ قاراشقا بولىدۇ، يۇقىرىقى ماتىريالدا دىيىلگىنىدەك جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى بىلەن شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي تىل بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىخانىسى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ سىياسىي-نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈنۈمى يۇقىرىكەن، يەنە بىرسىنىڭ ئاساسلانغان تىل ماتېرىيالى ئامبىرىنىڭ ئىنىق مەنبەسى توغۇرلۇق ئىنىق بىر ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىدىم، قالغىنىنى ئۆزۈڭلار ئىشلىتىپ كۆرگەندىن كىيىن ھىس قىلغانلىرىڭلارنى بايان قىلساڭلار ھەممەيلەن تەڭ بەھىرلەنسەك
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى بىلەن شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي تىل بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىخانىسى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ ئادىرىسى : http://www.mzywfy.org.cn/translate.jsp
خاڭجۇ ياتوۋ تور تىخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن كىچىك كالا خەنزۇچە-مىللىيچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ ئادىرىسى : http://fanyi.zjyatuo.com

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 23:09 , Processed in 0.237736 second(s), 40 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش