ئەپ ئېچىشتا مىقدار ئۇلاش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنى ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرگەندە: مەلۇم بەت ئىچىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كود خاسلىقلىرىنى پەقەت بىرلا جايدا ئىنىقلىما بېرىپ، ئۇندىن باشقا جايلارغا باغلاپ ئىشلىتىش؛ ئەپ ئىچىدىكى ئوخشىمىغان بەت ھەتتا ھۆججەت قىسقۇچلار ئىچىدىكى ئامىللارنى ئۆز – ئارا باغلاپ ئىشلىتىش؛ ساندان ۋە ياكى تور مۇلازىمىتىرىغا باغلاپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئەپ ئىچىدە ئىشلىتىش... دېمەك بۇ بىرقەدەر كەڭ دائىرلىك ۋە مۇرەككەپ بولغان باسقۇچ. ھەرقانداق بىر ئەپ دېتالىدا بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتمەي مومكىن ئەمەس. مەسىلەن:ئەڭ ئاددىي بولغان تىزىملاش، كىرىش كۆزنىكى ئۈچۈن چوقۇم يەرلىكتە ساندان قۇرۇپ،تىزىملتىش، كىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى شۇ يەرگە ساقلاش كىرەك.
تۆۋەندە بىز ئەڭ ئاددىي باسقۇچ: مەلۇم بەت ئىچىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ياكى پاسونى %100 ئوخشاش بولىشى تەلەپ قىلىنغان پاسونلارنى باغلاپ ئىشلىتىشنى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرىمىز.
ئاۋۋال قۇرۇق بەتتىن بىرنى قۇرايلى، ئاندىن MainPage.xaml بېتىنى ئېچىپ، پاسون كود رايۇنىغا قارايلى! بىز بەت يۈزىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقىدا كۆرۈنىشىنى تەلەپ قىلىمىز، ئۇنداقتا مەنبە قىسقۇچىدىن(Page.Resources دېگەن قىسقۇچ شۇ) بىرنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاستىغا خاس پاسون (ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى)بەلگىلىۋالايلى، ئاندىن قوللىنىش دائىرىسىنى تېكىسىت قىسقۇچى(TextBlock) قىلىپ توغىرلايلى(چۈنكى بىز يېزىق چىقىرىش ئۈچۈن ھازىر پەقەت ئەشۇ قىسقۇچنىلا ئىشلىتىمىز)! كودى تۆۋەندىكىدەك بولسۇن:
دېققەت(بۇنى Grid نىڭ ئۈستىگە چاپلايسىز) بىز بەلگىلىگەن خاسلىق Style قىسقۇچى ئىچىدە. ئاۋۋال خاسلىق قوللىنىش دائىرىسى،، خاسلىق نامى، ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى بەلگىلەندى. Style نىڭ ئۈستىدىكى ئىككى قۇر، نامى appName بولغان ھەرىپ زەنجىرى (字符串) دىن ئىبارەت. بۇنى سەل تۇرۇپ تېكىسىت قىسقۇچى ئىچىدە نامىنى باغلاش ئارقىلىقلار تېكىستىنى كۆرسىتىمىز.
ئەمدى تېكىسىت قىسقۇچىدىن بىرنى قۇرۇپ، تېكىسىت خاسلىقىنى تۆۋەندىكى كودتەك تەڭشەيلى. دېمەك يۇقاردا ئېنىقلىما بەرگەن ھەرپ زەنجىرىنى چىللاپ ئىشلەتتۇق.
بۇنى Grid قىسقۇچى ئىچىگە چاپلايمىز.
ئاندىن نامى sampleTextBlock بولغان يەنە بىر تېكىسىت قىسقۇچ قۇرايلى، ئاندىن ئۇنىڭغا رەڭدار چوتكا خاسلىلىرىنى يازايلى! كودى تۆۋەندىكىدەك:
ۇنى باياقى تېكىسىت قىسقۇچىنىڭ ئاستىغا چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ. ئاددىي چۈشەندۈرگەندە: قۇرنى ئىكراننىڭ ئوتتۇرىغا توغىرلاپ، بىر قۇرنى يەتتە پارچىگە بۆلۈپ، ھەربىر پارچىگە ئايرىم رەڭ بېرىش(باشلىنىشى 0 دىن، ئاياغلىشىش 1گىچە، سولدىن ئوڭغا).
ئەمدى ئۇنىڭ ئاستىغا يەنە بىر تېكىسىت قىسقۇچى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئالدى رەڭگى (يەنى: Foreground خاسلىقى) ئۈچۈن يۇقاردىكى رەڭلىك چوتكىنى ئۇلايمىز. بۇ يەردە binding دىن ئىبارەت يىڭى نەرسە بىلەن ئۇچىراشتۇق، موشۇ نەرسە مىقدار ئۇلاش دەپ ئاتىلىدۇ. كودى تۆۋەندىكىدەك:
دېققەت: binding نىڭ بىرىنچى خاسلىقى باغلىماقچى بولغان ئەسلى مەنبەنى، ئىككىنچى خاسلىقى ئاشۇ مەنبەدىكى ئېنىق خاسلىقنى كۆرسىتىدۇ.موشۇ ئۇسۇل بىلەن بەت ئىچىدە نۇرغۇن خاسلىقلارنى بىر قېتىملا ئېنىقلىما بېرىپ، تەكرار ئىشلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەپنى ئىجرا قىلغاندىن كىيىن كۆرۈنۈش تۆۋەندىكىدەك:
مەنبە:
http://teshna.me/2013/09/19/1918/