بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 761|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسى ۋە ئۇنى يېڭىش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
شەخسىيەتچىلىك بىر قەدەر ئۇمۇمىيۈزلۈك بۇلغان، بىنۇرمال ھالەتتىكى پىسخىك ھادىسىدۇر. ‹‹شەخسىيەتچىلىك››دېگەندە، ئۈزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلار، كۇللېتىپ، دۈلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتى بىلەن كارى بۇلماي، ئۈز نەپسىگە چۇغ تارتىش، باشقىلارغا زىيان سېلىش بىلەن ئۈزى مەنپەئەتلىنىش، دېگەن سۈز- ئىبارىلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى شەخسىيەتچىلىك دائىرىسىگە كىرىدۇ. شەخسىيەتچىلىكنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. يېنىكرەك بۇلغاندا شەخىسنىڭ پايدا- مەنپەئىتىنى قۇغلىشىش، شەخسىي غەرەز كۈچلۈك بۇلۇش، ئىجتىمائىي ئۇمۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئېغىر بۇلغاندا ئۇمۇمنىڭ پۇلىنى يۇتۇۋېلىش، باشقىلارغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش، ئادەم ئۈلتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلىش، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .
ھەسەتىۇرلۇق، قىساسخورلۇق، بېخىللىق، شۈھرەتپەرەسلىك قاتارلىق بىنۇرمال ئىجتىمائىي پىسخىكىنىڭ ھەممىسى ماھىيەت جەھەتتە شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. شەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسىنىڭ سەۋەبىنى ئۇبىيكتىپ ۋە سۇبىيىكتىپتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن تەھىلىل قىلىشقا بۇلىدۇ. ئوبىيكىتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، ھەر خىل مۇرەككەپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، يەر شارىدىكى ھەر خىل بايلىقلارنىڭ تۈرى ۋە شەكلى جەھەتتىن ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە تەقسىملەشتە تەڭپۇڭسىزلىق ۋە نامۇۋاپىقلىق مەۋجۇت.سۇبىيكىتىپلىق جەھەتتىن قارىغاندا، شەخىسنىڭ ئىھتىياجى ئىجتىمائىي قائىدىدىن ئايرىلىپ قالغان نامۇۋاپىق ئېھتىياج بۇلسا، ئادەم شەخسىيەتچىلىك خاھىشىغا يۈزلۈنۈپ قالىدۇ.
شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىپادىلىرى ئىنتايىن كۈپ بۇلۇپ، ئۈز مەنپەئىتىنى ئويلاپ، ئۇمۇمنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان سالىدىغان، پۇلغا تايىنىپ شەخسىيەتچىلىك قىلىدىغان، ھۇقۇق، پۇل سودىسى، ھۇقۇق ۋە شۈھرەت سۇدىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ خىل شەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسىنى ئۈزگەرتىشتە تۈۋەندىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئۈز-ئۈزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ: بۇ پىسخولوگىيەدىكى مەشغۇلات خاراكتېرلىق رېفلىكىس قانۇنىيىتىنى ئاساس قىلغان . شەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسىنى ئۈزگەرتىش ئىرادىسىگە كەلگەن بولسىڭىز، شەخسىيەتچىلىك ئوي-خىيالى ۋە قىلمىشىنى ھېس قىلغان ھامان ، خاتالىقىڭىزنى تۇنۇپ، تۈزەتسىڭىز بۇلىدۇ.
ياخشى ئىشلارنى كۈپرەك قىلىڭ: مەسىلەن: باشقىلارغا غەمخۇرلۇق قىلىڭ ۋە ياردەم بېرىڭ. ئۈمۈد قۇرۇلۇشىغا ئىئانە قىلىڭ. باشقىلارنىڭ غەم-قايغۇسىنى يېنىكلىتىڭ. سىزدە بۇ خىل ئىشلارنى قېلىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ. شەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسى ئېغىر بۇلسا، باشقىلارغا ئۇرۇن بېرىش، نەرسىلەرنى ئارىيەت بېرىپ تۇرۇش دېگەندەك ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاپ ، ياخشى ئىشلارنى كۈپرەك قىلىڭ، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ماختاشلىرىدىن خۇشاللىق تېپىپ، ئۈز رۇھىيىڭىزنى پاكلاشتۇرالايسىز.
ئۈز-ئۈزىڭىزنى چەتكە ئېلىڭ: بۇ پىسخۇلوگىيەدە مەشغۇلات خاراكتېرلىق رېفلىكىس قانۇنىيىتىنى ئاساس قىلغان مەنپىي كۈچلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى بۇلۇپ، چۈشۈنۈشلىك قىلىپ ئېيتىقاندا، ئۇمۇمەن شەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسىنى ئۈزگەرتىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئادەم، شەخسىيەتچىلىك ئوي-خىيالى ۋە قىلمىشلىرىنى ھېس قىلغان ھامان، مەلۇم ھەرىكەتلەر، مەسىلەن: ئۈز-ئۈزىنى چىمداپ چىمداپ بېقىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئۈز-ئۈزىگە ئاگاھلاندۇرسا، ئۈزىنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلمىشىنى تۈزىتىۋىلېشىغا  تۈرتكە بۇلىدۇ.  



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2015-3-24 22:40:54 | ئايرىم كۆرۈش
  شەخسىيەتچىلىك يامان بولغاچقا شەخسىيەتچىلەر يولۋاس نامىدا...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 10:13 , Processed in 0.410697 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش