بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2308|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى» خوتەن تارمىقى دەرس باشلايدۇ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
«ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى» خوتەن تارمىقى دەرس باشلايدۇ!
(2016.01 ~ 2015.01 ھەر ئايدا ئىككى كۈن)
كۇلۇب ئەندىزىسى
مۇتەخەسىسلەر لېكسىيەسى ۋە دەرسلىك، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە، كارخانا زىيارىتى، دالا پائالىيىتى، ئىختىساسلىقلارنى ئۇچراشتۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش، تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنى، مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش
مۇتەخەسىسلەر قوشۇنى
شىنجاڭ : رايونىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىچىلار، سودا ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلار
دۆلەت ئىچى : دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسىسلەر
خەلقئارا : خارۋارد( Harvard ) يالې( Yale ) قاتارلىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ، دۇنياۋى داڭلىق كارخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇتەخەسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلار
كۇلۇب ئوبىيكتى
كارخانىچى، مەبلەغ سالغۇچى، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلار، كەسپىي دېرىكتور، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، سودىگەر ۋە تىجارەتچىلەر
دەرس مەزمۇنى
بازار : بازار ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە ئانالىز قىلىش، بازار پۇرسىتىنى ئانالىز قىلىش، ئېھتىياج نەزەرىيەسى ۋە ئىستېمالچىلار ئېھتىياجىنى ئانالىز قىلىش، ئالماشتۇرۇش، سودا ۋە مۇناسىۋەت، ئىستېمالچىلار بازىرى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ھەرىكىتى، ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى بازار
ماركېتىڭ : بازارنى تۈرگە ئايرىش، نىشانلىق بازار ۋە بازار ئوربىتىسى، مەھسۇلات، مۇلازىمەت، قىممەت ۋە ماركا ئوبرازى، باھا بېكىتىش ۋە باھا ئىستراتېگىيەسى، سېتىش يوللىرىنى تاللاش ۋە قۇرۇش، ئېلان، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاممىۋىي مۇناسىۋەت، يېڭى مەھسۇلات ئېچىش ۋە مەھسۇلاتنىڭ بازار ئۆمۈرى دەۋرىيلىكى
تەشكىلىي قۇرۇلما ۋە باشقۇرۇش سېستىمىسى : پايچىكلار قۇرۇلمىسى ۋە شىركەتنى ئىدارە قىلىش، خىزمەت ئانالىزى ۋە بۆلۈملەرنى تەسىس قىلىش، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش، ھوقۇقنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش قاتلىمى، كارخانا تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىرى، شىركەتنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە كونترول سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش ئۆلچەملىرى
ئادەم كۈچى بايلىقى : خادىملارنىڭ ساپا ئەندىزىسى ۋە خادىم قوبۇل قىلىش، خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش ۋە ئۈنۈم باشقۇرۇش، مائاش نەزەرىيەسى ۋە ئىش ھەققىنى لايىھەلەش، رىغبەت نەزەرىيەسى ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە خادىملار تەرەققىياتى، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى
سودا ئەخلاقى : ئەخلاق قارىشى ۋە قوشۇن باشقۇرۇش، خادىملارنىڭ ئەخلاق تەرەققىيات باسقۇچى ۋە ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، كارخانا پەلسەپەسى ۋە يادرولۇق قىممەت قارىشى، مەنپەئەتداشلار ئانالىزى، كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە سىجىل تەرەققىيات
باشقۇرۇش : باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇش نەزەرىيەلىرى، تەدبىر بەلگىلەش نەزەرىيەسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇللىرى، پىلانلاش ۋە پىلان تۈزۈش، رەھبەرلىك نەزەرىيەسى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتى، كارخانا كونترول سىستېمىسى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىسلاھات
مالىيە : بوغالتىرلىق پىرىنسىپى ۋە بوغالتىرلىق تۈزۈمى، مەبلەغ توپلاش، مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، مالىيە جەدۋىلىنىڭ رولى ۋە مالىيە ئانالىزى، مالىيە كۆرسەتكۈچلىرىنى ئانالىز قىلىش، تەننەرخ ھېسابلاش ۋە كونترول قىلىش، مالىيە خامچوتى ۋە خېيىم-خەتەرنى كونترول قىلىش
تەمىنلەش زەنجىرى : سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش زەنجىرى، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش زەنجىرى، ئىسكىلات باشقۇرۇش زەنجىرى، غەملەنمە باشقۇرۇش زەنجىرى، ماركېتىڭ باشقۇرۇش زەنجىرى، تەقسىملەش زەنجىرى
كارخانىنىڭ باج ئىشلىرى : كارخانا باج ئىشلىرىنى پىلانلاش باسقۇچلىرى ۋە لايىھەسى، كارخانا قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى باج ئىشلىرىنى پىلانلاش، كارخانىنىڭ مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش باسقۇچىدىكى باج ئىشلىرىنى پىلانلاش، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت جەريانىدىكى باج ئىشلىرىنى پىلانلاش، ئىمپورت-ئېكسپورت ۋە خەلقئارالىق ئۆتۈنۈپ بېرىش جەريانىدىكى باج ئىشلىرىنى پىلانلاش
كارخانىنىڭ قانۇن ئىشلىرى : شىركەت قانۇنى، توختام قانۇنى، ئاكسىيە قانۇنى، رىقابەتكە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار، ئىستېمالچىلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار، ئەمگەك، مۇھىتقا ئالاقىدار قانۇنلار، كاپىتال يۈرۈشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار
كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش : مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كارخانا قىممىتىنى باھالاش، كارخانا بايلىقلىرى ۋە قىممەت ئامىللىرى، پۇل-مۇئامىلە بازىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش، قوشۇۋېلىش ۋە مۈلۈك ئايرىش، كېڭىيىش تىپىدىكى كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش، مۇداپىئە تىپىدىكى كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش
ئىستراتېگىيە : كارخانا ئىستراتېگىيەسى ۋە كارخانا ئوربىتىسى، رىقابەت ئەۋزەللىكى ۋە رىقابەت ئىستراتېگىيەلىرى، كارخانا تەرەققىياتى ۋە كېڭىيىش ئىستراتېگىيەسى، تاشقى مۇھىت ۋە ساھە رىقابىتى ئانالىزى، ئىچكى مۇھىت ۋە كارخانا ئىقتىدارى ئانالىزى، ئىستراتېگىيە باھالاش ۋە ئىستراتېگىيە تاللاش قورالى
دەرس ۋاقتى
2015 -يىل 1 -ئاينىڭ 3- كۈنى باشلىنىدۇ، ھەر ئايدا  ئىككى كۈن
دەرس ئورنى
خوتەن شەھىرى
تىزىملاش ئورنى
خوتەن شەھىرى  — 315 - دۆلەت يولى 155-نومۇر ئانا تۇپراق تەبىئىي قاشتېشى مەركىزى (2-گاز قاچىلاش پونكىتى ئۇدۇلىدا )
ئۈرۈمچى شەھىرى — ئىتتىپاق يولى 389-نومۇر، تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 5-قەۋەت،   2887000-0991    15099083154
تور ئادرېسى:   http://club.erqal.com
http://v.qq.com/boke/page/x/0/v/x014213bnmv.html


مۇناسىۋەتلىك قېزىلما ئالبوملار:

  • · 9298|تېما: 1, مۇشتەرى: 0
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما1 ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2014-12-7 14:43:30 | ئايرىم كۆرۈش
ئاساسلىق قايسى جەھەتلەردىن دەرس سۆزلىنىدىغاندۇ؟ مېنىڭمۇ مۇشۇنداق لىكسىيەلەرنى بەك ئاڭلىغۇم بار، لىكىن بىزنىڭ بۇ جايلاردا يوقدە.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-12-7 14:49:09 | ئايرىم كۆرۈش
ئەرقاننىڭ لوگوسى بولسا يوللاپ قويسىڭىز، بىكەتكە ئۇلىنىش قىلىۋالايلى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 22:36 , Processed in 0.295447 second(s), 40 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش