بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1284|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دىتاللار] [ئەپ] يانفۇن مەۋھۇم كۇنۇپكىسى«بەك قولايلىق»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۈگۈن سېلەرگە يانفۇنغا مەۋھۇم كۇنۇپكا چىقىرىپ بېرىدىغان ئەپ ئەكەلدىم

تەپسىلاتى:
ئىسمى:fullnexus4
سىغىمى:124.16kb
تىلى: خەنزۇچە
سېستىما تەلىپى:android 4.0

چۈشەندۈرلىشى:
بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۈچۈن يانفۇنىڭىزدا root بۇلىشى، busybox قاچىلانغان بۇلىشى كېرەك، بولمىسا نورمال ئىجرا بولالماسلىقى مۇمكىن.
بۇ ئەپ google nexus 4 (android 4.0 api) ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ياسالغان بۇلۇپ، بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سېستىما نەشىرى 4.0 دىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئەپنى قاچىلىغاندىن كېيىن ئېچىلغان كۈرۈنۈشتىن ئالدىنقى ئۈچ دانە كەتەككە ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن توغرا بەلگىسى قۇيىمىز .
1.كاتەكچە؛ پۈتۈن ئىكراندا چىقىدىغان ئەپ ۋە ئۇيۇنلارنى ئاچقان ۋاقىتتىمۇ ئىشلىسۇن دېسەك توغرا بەلگىسى قۇيىمىز.)
2.كاتەكچە؛ مەۋھۇم كۇنۇپكىنى چىقىرىش بۇنىڭغا چۇقۇم توغرا بەلگىسى قۇيىمىز .
3.كاتەكچە؛ مەۋھۇم كۇنۇپكىلارنى باسقان ۋاقىتتا تىترەش بۇنى ئىھتىياجىڭىز بولسا تاللاڭ.

تەڭشەش چۈشەندۈرلىشى؛
كۇنۇپكىلارنى خالىغانچە بەلگىلەش ئۈچۈن 自定义按键 نىڭ ئاستىدىكى قۇشۇش بەلگىسىنى بېسىپ ئىچىدىكى كۇنۇپكا ياكى ئەپلەرنى تاللىساقلا بۇلىدۇ. تاللاپ بولغاننى ئۈچۈرۋەتمەكچى بولساق شۇ كۇنۇپكىنى ئازراق بېسىپ تۇرساقلا بۇلىدۇ.
ئاپتۇماتىك يۇشۇرۇش ۋاختىنى 按键自动隐藏时间 نىڭ ئاستىدىكى يەرنى سىيرىش ئارقىلىق تەڭشىسىڭىز بۇلىدۇ
按键位置 كۇنۇپكىنىڭ ئورنى  
بۇنى ئاستى، ئوڭ، سول تەرەپلەرگە تەڭشىگىلى بۇلىدۇ.
按键区高(宽)度 كۇنۇپكا رايۇنىنىڭ ئېگىزلىكى
بۇ ئارقىلىق كۇنۇپكىنىڭ ئىكراندا كۈرۈنىدىغان ئېگىزلىكىنى تەڭشىگىلى بۇلىدۇ ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.
按钮间隔 كۇنۇپكا ئارلىقى
بۇ ئىقتىداردا بىر كۇنۇپكا بىلەن يەنە بىر كۇنۇپكىنىڭ ئارلىقىنى تەڭشىگىلى بۇلىدۇ.
按键区透明度 كۇنۇپكا رايۇنىنىڭ سۈزۈكلۈكى
بۇنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مەۋھۇم كۇنۇپكا رايۇنىنىڭ سۈزۈكلۈكىنى تەڭشەشكە بۇلىدۇ.
按键区背景色 كۇنۇپكا رايۇنىنىڭ ئارقا رەڭگى
بۇنىڭدا كۇنۇپكىلارنىڭ ئارقىسىدىكى رەڭنى ئۆزگەرتكىلى بۇلىدۇ قىزىل، قارا، كۆك، يېشىل ئىشقىلىپ خالىغانچە بۇلىدۇ.

يۇقارقى تەڭشەكلەرنى خالىغىنىڭىز بۇيىچە تەڭشەپ بۇلۇپ ئاستىدىكى 保存设置 دېگەننى بىر قېتىم بېسىۋەتكەندىن كېيىن 重启按键服务 دېگەننى بېسىۋەتسىڭىزلا بۇلىدۇ .

مەۋھۇم كۇنۇپكا ئاپتۇماتىك يۇشۇرۇنغاندىن كېيىن يانفۇننىڭ ئاستىغا توغۇرلىغان بولسىڭىز ئاستىنى ئۈستىگە سىيرىسىڭىز بولمىسا توغۇرلىغان تەرەپنى سىيرىسىڭىز كۈرۈنىدۇ.

ئەسلىدە تەرجىمە قىلىپ يوللىماقچىدىم لىكىن تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەپنى ئاچسام ئۇيغۇرچە خەتلەر قالايمىقان چىقىۋالدى شۇڭا تور يۈزىدە چۈشەندۈرۈپلا يوللاۋەردىم
بۇ ئەپنىڭ 6.0 نەشىرىمۇ چىقىپ بوپتىكەن شۇنى يوللاي دەپ قارىسام ئۇنىڭ تەلەپ قىلىدىغان ھۇقۇقلىرى بەكلا كۆپكەن ئىقتىدارىمۇ بۇنىڭغا قارىغاندا پەرىقلىنىپ كەتمەيدىكەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم ئىشلەتكەن 3.0 نەشىرىنى يوللۇدۇم


چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://qiannao.com/file/adilahtam/4a1839d4/

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2014-9-12 12:57:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنداقتا بۇ تېمىدىكى دىتال ، مەن يوللىغان /ud/forum.php?mod=viewthread&tid=10759 تېمىدىكى باسقۇچلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بىرىدىكەندە؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 22:34 , Processed in 0.233802 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش