ئۈندىدار سالونلىرى ۋە ئەپلەر قانۇنسىز ھاۋارايى ئۇچۇرى تارقاتسا قاتتىق جازالىنىدۇ
سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۈگۈندىن باشلاپ، ھاۋارايى ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە بىر تۇتاش ئېلان قىلىش تۈزۈمى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق شەكىل ئارقىلىق جەمئىيەتكە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشى چەكلىنىدىكەن. قانۇنسىز ھالدا ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقۇچىلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.
جۇڭگو مېتېروئولوگىيە ئىدارىسى يىقىندا 2003-يىلى ئېلان قىلىنغان «ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش ۋە بېسىپ تارقىتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» گە قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش ۋە تارقىتىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» دەپ ئۆزگەرتكەن. بۈگۈندىن باشلاپ، ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى بۇ يېڭى بەلگىلىمە رەسمىي تۈردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋارايى ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە چوقۇم بىر تۇتاش ئېلان قىلىش تۈزۈمى قوللىنىلىدىكەن. ھەر دەرىجىلىك مېتېروئولوگىيە باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا قاراشلىق ھاۋارايى ئىستانسىلىرى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ماس ھالدىكى تارقىتىش يوللىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تارقىتىدىكەن، ھەمدە ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، تارقىتىلغان ئۇچۇرلارغا قارىتا دەل ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش كىرگۈزىدىكەن. باشقا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەر ھەرقانداق شەكىل ئارقىلىق جەمئىيەتكە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتسا بولمايدىكەن.
يۇقارقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇنسىز ھالدا ھاۋارايى ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگەنلەرگە قارىتا، مېتېروئولوگىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورگانلار قانۇنغا ئاساسەن ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرسە، ئاگاھلاندۇرسا شۇنداقلا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدىكەن. بۇندىن باشقا، ساختا ھاۋارايى ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقۇچىلار، ھاۋارايى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەتتە ناچار ئىنكاس قوزغىغانلار ياكى ناچار تەسىر پەيدا قىلغۇچىلارغا قارىتا، مېتېروئولوگىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورگانلار قانۇنغا ئاساسەن ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرسە، ئاگاھلاندۇرسا شۇنداقلا 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدىكەن. ئادەم يارىلىنىش-ئۆلۈش ياكى مال-مۈلۈكى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلار جىنايەت شەكىللەندۈرگەن دەپ قارىلىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىي بويىچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن.
يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تاراتقۇلار ئاممىنى كىلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمىغان ھاۋارايى ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققان. جۇڭگو مېتېروئولوگىيە ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار بۇنىڭغا قارىتا چۈشەنچە بېرىپ، ھەرقايسى سودا خاراكتېرىدىكى ھاۋارايى ئەپلىرى (يانفون ئەپ دېتاللىرى) ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىلىرى ھاۋارايى ئىستانسىلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئالدىن مەلۇمات ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە تارقاتسا، بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن ۋە ئىلھاملاندۇرۇلىدىكەن، بۇنداق ئىشلار چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن. بىراق، شەخىسلەر ھەرقايسى ئاممىۋى تاراتقۇلار (مىكروبىلوگ ئاممىۋى سۇپىسى، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىقلار) ئارقىلىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتسا ھەمدە ئەگەر بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ساختا ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، شۇنداقلا تارقىلىش مىقدارى مەلۇم دەرىجىگە يەتسە، ئۇنداقتا قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن.