بالىڭىز نېمىشقا «دۆت» لىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟
تاشپولات روزى ئەزىز
ئامېرىكا بالىلار مائارىپى مۇتەخەسسى لليەن كەيس تەتقىقات جەريانىدا شۇنداق بىر يەكۈن چىقارغان : نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتى جەريانىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىق، شۇنداقلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ قىلىشى قارىماققا كىشىگە بۇ بالىلار نېمىشقا ئۆگەنگەنسىرى دۆتلىشىپ كېتىدىغاندۇ دېگەن تەسىرنى بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل «دۆتلۈك» ئۆگىنىۋىلىشتىن كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقۇلۇشى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ كاساپىتىدىندۇر :
ئۆگىنىش نىشانىنى زىيادە يۇقۇرى بېكىتىپ بېرىش
بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتى بىلەن ھېسابلاشماي، ھەمىشە ئۇلارغا ئۆگىنىش ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق يېتەكلەش ئېلىپ بارمايدۇ، چۈشەنچە بەرمەيدۇ، نەتىجىدە بالىلار مەڭگۈ قانداق ئۆگىنىشنى بىلەلمەيدۇ، ھەرقېتىمدا پەقەت مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنىلا تېتىيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتە غەلىبە لەززىتىدىن بەھىرلىنىدىغان چاغلىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىكى بالىلارنى ئاتا-ئانىلار دېمىسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرى «مەن دۆت» دەپ ھۆكۈم پىچىپ بولغان بولىدۇ.
بىلىم ئىگىلىتىش ۋاقتى زىيادە بالدۇر بولۇپ كېتىش
بىرقىسىم پەرزەنتىدىن پەقەت «سۇمۇرۇغ» قا ئايلىنىشنىلا كۈتۈدىغان ئاتا-ئانىلار باركى ، بالىلىرىنىڭ ھەرقانداق رېقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن، زىيادە بالدۇرلا يۇمران بالىغا ئوقۇش، يېزىش، ھېسابلاش مەشىقلىرىنى باشلىۋىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇخىل بىلىملەر گۆدەك بالىلارنىڭ تونۇش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. گەرچە بالىلار شاتۇتىلارچە بۇ بىلىملەرنى ئۆلۈك فورمىدا يادقا ئالالىسىىمۇ، ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا بۇ تېگىدىن ئېيتقاندا بالىلارنىڭ كېيىنكى ئەقلىي قابلىىيتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلار ناھايىتى بالدۇرلا روھىي بىسىم ئېلىپ كېلىپ ، كېيىنكى ۋاقىتتىكى رەسمىي ئۆگىنىش باسقۇچىدا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
پاسسىپ بىشارەتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشى
پسىخىلوگىيىدە شۇ نەرسە جەزىملەشتۈرۈلگەنكى، سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن تىل ۋە ھەرىكەتلىك بىشارەتلەرنىڭ بالىلارنىڭ پىسىخىكا ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن زور. بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار ئاغزىدىن «دۆت»، «كالۋا» ،« پالاكەت» ..دېگەندەك پاسسىپ بىشارەتلەر تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىدە غەزەبتىن يىرىلغۇدەك ھالەتتە زەربىلىك تەنقىلەش، تىللاش بىلەن بالىغا تەربىيە بەرمەكچى بولىدۇ. ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بالىسدىن چۈشۈرۈش بەدىلىگە كەمتەرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . مەسىلەن :« بىزنىڭ ئادىلنىڭ زادى كاللىسى يوق! قاراڭە سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ئەقىللىقىلىقىنى !» دېگەندەك ... بەزىدە ئۆزبالىسىنىڭ ئىسمىنى دۆت دېگەن ئاتالغۇغا ئالماشتۇرۇپ چاقىرىدۇ. مەسىلەن؛ « ھەي دۆت، بۇنداق قىلمايسەن بۇنى !» ...دېگەندەك. ئەسىلى مۇددىئا قانداق بولۇشى ، ئەسلى مەناسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي -نەزەر ، سەبىيلەرنىڭ قۇبۇل قىلىدىغىنى « مەن دۆتكەنمەن!» دېگەن پاسسىپ بىشارەتتۇر. ئەڭ يامىنى بۇنداق ئەھۋال داۋاملىىشىۋەرسە، بالىلاردا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىن گۇمانلىنىش ئېغىرلىشىپ يېڭى بىلىملەرنى ئەستە ساقلىشى كۈنىسىرى تەسلىشىدۇ. ئەلۋەتتە ئاقىۋەتتە ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ « دۆت» لەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ .
ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك ؟
ئادەم غەلىبە قىلغان پەيتتە، چوڭ مېڭە خۇشاللىق ھورمۇنى بولغان « ئىندورپىن» (endorphin) نى قويۇپ بېرىدۇ، بۇ بالىلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ . بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا مۇۋەپپەقىيەت ئانىسى ھېلىقى ھېكمەتتە ئېيتىلغىنىدەك ھەرگىزمۇ مەغلۇبىيەت ئەمەس بەلكى مۇۋەپپەقىيەتتۇر. شۇڭا، ئويۇن ئويناش، قول ئىشلىرىنى قىلىش، ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلاردا بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى «ئىندورپىن» قويۇپ بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك. شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئىش بىجىرىشى ۋە مەلۇم ئىجادىيلىقلارنى ئوروندىشىدىن كېيىن، ئۇلارنى مازاق قىلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر. ناۋادا بالىڭىز ئاتنى كالىغا ئوخشىتىپ سىزىپ قويغان بولسا، سىز ئۇنىڭغا كالا بىلەن ئاتنىڭ پەرقىنى سەمىمىي رەۋىشتە، ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ.
ھەردائىمقى ئىزدىنىشنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش پۇرسىتى، بىراق بالىلارغا بەك يۇقۇرى ئۆگىنىش نىشانى بېكىتىپ بىرىش خاتا. بالىلارغا ھېلىقى «پاكارراق ئالما دەرىخىنى كۆرسىتىپ قويوش» ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، بالىلار تاپىنىنى ئازراق كۆتۈرۈپ، قولىنى قىينالماي سوزۇپ ئالما ئالالىسا ئۇلار ئۈچۈن قالتىس ئىلھام بولغۇسى .
پىسخىكاشۇناسلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بالىلاردا كونكرتنى ئۆز-ئۆزىنى باھالاش ئىقتىدارى يېتىلمىگەن بولغاچقا ئاساسەن ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە ئاساسەن ئۆزىنى باھالايدۇ. ئاتا-ئانىلار شۇنىڭ ئۈچۈن بالىنىڭ ھەربىر مەغلۇبىيىتى ۋە خاتالىقى ئۈچۈن كەڭ قورساقلىق قىلىشى كېرەككى، ئۇلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ سالماسلىقى كېرەك. ئۇلارنى تىللاش، تەنىقىدلەش تېخىمۇ خاتا ئەلۋەتتە. ئىسىڭىزدە بولسۇن ، ھاياتتا پالاكەتلىك قىلىش، يېڭىلىش دېگەنلەر ھەممە ئادەم قىچىپ قۇتۇلالمايدىغان نەرسە، جۈرئەتلىك، سەگەك-زىرەك ئادەملەر ئۇنىڭدىن ئەقىل -ساۋاق ئالالايدۇ، داۋاملىق تىرىشالايدۇ.
بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشىمىزچە، سابىق سۆۋىتلەر ئىتتىپاقىلىق بىر مائارىپشۇناس بالىلارغا دەرس ئۆتكەندە ، بىر « بايانات پومزىكى» تەييارلىۋالغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن يەرگە تاشلىغاچ، بىر تەرەپتىن سوئال سورىغان، كىم توپنى تۇتىۋالسا شۇ جاۋاب بەرگەن. بەزىلەر بۇنى چۈشەنمەي، ئۇنىڭغا بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ جاۋابەن ناۋادا «بايانات پومزىكى» بولمىسا بالىلارنىڭمۇ سۆزلەش قىزغىنلىقىنىڭ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇيەردە ئۆتكەندە بىر ئۈندىدار توپىدا كۆرگەن مۇنۇمەزمۇن يادىمغا يەتتى : چىخوپ ئۆگىنىش ھەققىدە مۇنداق ئېيتقان ئىكەن : « ئۆگىنىش دېگەن نېمە ؟ ئۆگىنىش ھەيران قىلىشتۇر، چۈنكى ھەيران قىلىش بولمىسا، قىزىقىش بولمايدۇ، قىزىقىش بولمىسا ئويلىنىش بولمايدۇ. ئويلىنىش بولمىسا ئىزدىنىش بولمايدۇ، ئىزدىنىش بولمىسا ئىجاد قىلىش بولمايدۇ ...(قىسقارتىلدى) ». شۇنداق، قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئۇستاز ، بالىلارنىڭ ئېندۇئاللىقىنى قوزغاش، قىزىقىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خۇشال ۋە ئاكتىپ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
قوشۇمچە : endorphin( ئەندورپىن) ----- ئەسلى ئېنگىلىزچىدىكى endomorphin دېگەن ئاتالغۇنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇنىڭدىكى endo بولسا ئىچكى دېگەن مەنىدە،morphin بولسامورفىننى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ چوڭ مېڭە ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مورفىن دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.
ئەسكەرتش : بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر ھەپتىدە « ئاتا-ئانىلار سىنىپى» سەھىپىسى بويىچە مۇشۇنداق يازمىلار ئېلان قىلىنىدۇ. بۇلار ئاساسەن مەن مەكتىپىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلار دەرسخانىسى ئۈچۈن تەييارلىغان لېكسىيىلەردىن كېلىدۇ. داۋاملىق قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە:
http://t-rozi.com/?p=150