بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[تەرمىلەر] ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكىمەت (27)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
   بىر قېرى ئىندىئان بىر كىچىدىلا بېيىپ كېتىپتۇ ھەدە ئەتىسىلا ئېسىل ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. ئاندىن ھەر كۈنى ماشىنىسىنى ھەيدەپ، يېقىن ئەتراپتىكى قايناق ھەم مەينەت بىر كىچىك بازارغا بېرىپ كېلىدىغان بولۇپتۇ. ئۇ بازاردىكى ھەر بىر ئادەمنى كۆرۈشىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىكەن، «ماشىنىسى» بىلەن بازارنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ، ھەربىر ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىدىكەن.
   بىراق، بۇ خىل ناچار ئادەت ئۇنىڭ سالامەتلىكى ۋە بايلىقىغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەپتۇ. سەۋەبى، ئۇ يوغان ھەم چىرايلىق ماشىنىسىغا ئىككى ئاتنى قوشۇۋالغانىكەن.
   سەن بەلكىم «بۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ماتورى چاتاق بولسا كېرەك» دەپ قارىشىڭ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ماشىنىنىڭ ماتورى ساپمۇساق. پەقەت ئۇ قېرى ئىندىئان ئاچقۇچ ئارقىلىق ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنى بىلمىگەن خالاس.
   ماشىنىدا نەچچە يۈز ئات كۈچىگە تەڭ قىلىدىغان ماتور بار تۇرۇقلۇق، قېرى ئىندىئان ئۇنى ئىككى ئاتقا سۆرىتىپ ماڭدۇرغان. بۇنىڭدىنمۇ كۈلكىلىك ئىش بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە سەنمۇ ئۆز ھۇجۇدۇڭدىكى يوشۇرۇن كۈچنى پائال قىزىپ چىقالمىساڭ، ئاشۇ ئىندىئانغا ئوخشاش ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ سالىسەن.
   ھەر بىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا قىزىلمىغان نۇرغۇن يوشۇرۇن ئىقتىدار بار، لېكىن بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلمەي، بىكاردىن - بىكالا ئىسراپ قىلىۋېتىمىز. ئەمەلىيەتتە، بىز ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈش، تېخىمۇ ئازادە ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە، لېكىن ئۆزىمىزدىكى ئاشۇ بايلىق مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلمەيمىز، نەتىجە ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان خۇشاللىقتىن بەھرى ئالالمايمىز، ئەسلى بىزگە مەنسۇپ بولىدىغان شان - شەرەپلەردىنمۇ مەھرۇم قالىمىز.
   نۇرغۇن كىشىلەر ھەمىشە ئەزەلدىن ئورۇندىلىپ باقمىغان ئېسىل كۈيلەرنى قورسىقىغا سېلىۋالغىنىچە قەبرىگە كىرىپ كېتىدۇ، بۇ بىر خىل بەختسىزلىك.
   كۆزلىرىڭنى يوغان ئېچىپ، ھۇجۇدۇڭدا يەنە قېزىپ چىقىلمىغان قانداق يوشۇرۇن كۈچلەرنىڭ بارلىقىغا قاراپ باق. ئاندىن ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈڭنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى نىشانىڭنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئاتلان.

   ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكىمەت - توپلام

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:23 , Processed in 0.245356 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش