بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[تەرمىلەر] ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكىمەت (32)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
   مەلۇم كەنتىدىكى غەلىتە بىر بوۋاي كەپتۇ، ئۇ ئوتنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان قاچىنى تاياق بىلەن قوچۇپ يۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئالتۇن پەيدا قىلىپتۇ. بۇنى ئۇ كەنتتىكىلەرگە «ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بوۋايدىن كەنت باشلىقى بۇ ھۈنەرنىڭ سىرىنى دەپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بوۋاي ماقۇل بولۇپتۇ ھەمدە «لېكىن، ئالتۇن توۋلاۋاتقان چاغدا دەرەخنىڭ ئۈستىدە تۇرغان مايمۇننى ھەرگىز ئويلىماڭ، بولمىسا ئالتۇننى تاۋلاپ چىقالايسىز» دەپتۇ.
   بوۋاي كەتكەندىن كېيىن، كەنت باشلىقى ئالتۇن توۋلاشقا باشلاپتۇ. ئۇ دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى مايمۇننى قەتئىي ئويلىماسلىققا تىرىشىپتۇ، بىراق ئويلىمايمەن دېگەنسېرى مايمۇن ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋاپتۇ. ئۇ نائىلاج قولىدىكى ئىشتىن باشقا بىرگە تۇتقۇزۇپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى مايمۇننى ئويلىماسلىقنى قايتا - قايتا جېكىلەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ خىل ئالتۇن تاۋلاش ماھارىتىنى كەنتتىكى ھەممەيلەن سىناق قىلىپ بېقىپتۇ، ئەمما ئالتۇننى ھېچكىم تاۋلاپ چىقالماپتۇ. سەۋەبى دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى مايمۇن ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن نېرى كەتمەي تۇرىۋاپتۇ.
   «ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى» دېگەننى ئەلۋەتتە بىر ئالدامچىلىق، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ. ئەمما، ئۇ بىر ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىپ بەرگەن، سەن بەلكىم بەزى چاغلاردا «ئۈزۈم قىلىۋاتقان ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن كىرىشىپ كەتتىم» دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، مەلۇم بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندا، بولۇپمۇ ناھايىتى ئادەتتىكى بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندا، ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا يۈزدەيۈز كىرىشىپ كېتەلىشى تولىمۇ تەس، ئەڭ بولمىغاندا سەن ئۇ ئىشقا نىسبەتەن كىرىشەلەيسەن خالاس.
   ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە مايمۇن بولىدۇ، بۇ مايمۇن ئۆزىنىڭ ھەر خىل غەلىتە قىلىقلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئازدۇر - كۆپتۇر پاراكەندە قىلىپ تۇرىدۇ.
   كىشىلىك ھايات سەپىرىڭدە ئاشۇنداق مايمۇنلار ھەر ۋاقىت ئالدىڭلارغا سەكرەپ چىقىشى مۇمكىن، شۇنداق چاغلاردا قانداق قىلىسەن؟
   بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇنى قوغلىۋېتىشىڭ كىرەك! توغرا، بىردىنبىر چارە شۇ.
   كونىلاردا: «ھەر قانچە كۈچتۈڭگۈر شىرمۇ ئالدىدا بىر توشقاننى تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلمىسا بولمايدۇ» دېگەن گەپ بار. يۇقىرىقى گېپىمىزمۇ دەل مۇشۇ مەزمۇندا. ئەلۋەتتە، پۈتۈن ۋۇجۇت بىلەن كىرىشىش تەس، بولۇپمۇ ساڭا ئوخشاش ياشلارغا نىسبەتەن شۇنداق. ئەمما، سەن ئۇ ئارقىلىق ئۆز ئىرادەڭنى نامايەن قىلالايسەن.
   مايمۇننى قوغلىۋېتەلمىسەڭمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سەپىرىڭگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ھەرگىز يول قويما. ئەڭ ياخشى چارە ئۇنى ئۇنتۇپ كەت، ھەتتا كۆزۈڭگە ئىلما. ئۇنىڭ تەسىرگە ئۇچىرمىساڭلا ئۆز ئىشىڭغا كىرىشىشىڭدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئازىيىدۇ.
   قەلبىڭدىكى مايمۇندەكلەرنى ئوبدان باشقۇرغىن!

   ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكىمەت - توپلام

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:06 , Processed in 0.233865 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش