بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 429|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] PHP ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
PHP دېگەن نېمە؟
•PHP دېگىنىمىز ئېنگىلىزچە "PHP Hypertext Preprocessor" دېگەننىڭ تۇنجى ھەرىپلىك قىسقارتىپ يېزىلىشى.
•PHP كەڭ قوللىنىۋاتقان بىر خىل ئوچۇق كودلۇق تەگكود تىلى
•PHP تەگكودى مۇلازىمىتىردا ئىجرا بولىدۇ
•PHP گە مەبلەغ كەتمەيدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ

PHP ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خىل مودا تىل
•ئۇ كۈچلۈكلىكىدىن توردىكى ئەڭ چوڭ بىلوگ سېستىمىسى (WordPress) نىڭ يادروسى بولالىغان!
•ئۇ چوڭقۇرلۇقلىقىدىن ئەڭ چوڭ ئالاقە تورى (facebook) نىڭ نورمال يۈرۈشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان!
•ئۇنىڭ قوللىنىشچانلىقى ۋە ئىشلىتىشكە ئاسانلىقى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىن تاللايدىغان مۇلازىمىتىر تەگكودى ھېسابلىنىدۇ!

PHP ھۆججىتى دېگەن نېمە؟
•PHP ھۆججىتى تېكىست، HTML، CSS شۇنداقلا PHP كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
•PHP كودى مۇلازىمىتىردا ئىجرا بولىدۇ، ئەمما نەتىجىسى ساپ تېكىست شەكلىدە توركۆرگۈچكە قايتىدۇ
•PHP ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىمە نامى ".php"

PHP نېمىش قىلالايدۇ؟
•PHP ھەرىكەتچان بەت مەزمۇنى ھاسىل قىلالايدۇ
•PHP مۇلازىمىتردىكى ھۆججەت قۇرۇش، ئېچىش، ئوقۇش، يېزىش، ئۆچۈرۈش شۇنداقلا تاقاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ
•PHP فورما سانلىق ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلالايدۇ
•PHP تىلى cookies يوللىيالايدۇ ۋە قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيدۇ
•PHP ساندىكى سانلىق ئۇچۇرنى قوشۇش، ئۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتى قىلالايدۇ
•PHP ئابونتلارنىڭ توربېكەتتىكى بەزى بەتلەرنى كۆرۈشىنى چەكلىيەلەيدۇ
•PHP سانلىق ئۇچۇرنى مەخپىيلەشتۈرەلەيدۇ

PHP ئارقىلىق چەكلىمىسىز ھالدا پەقەت HTML چىقىرالايمىز. يەنە رەسىم، PDF ھۆججىتى، ھەتتاكى Flash فىلىممۇ چىقىرالايمىز. يەنە ھەرقانداق تېكىست ئۇچۇرىنى چىقىرالايمىز، مەسىلەن XHTML ۋە XML.

نىمىشقا PHP نى ئىشلىتىمىز؟
•PHP ھەرخىل سۇپىلار (Windows, Linux, Unix, Mac OS X قاتارلىقلار) دا ئىجرا بولالايدۇ
•PHP ھەرقانداق مۇلازىمىتىر (Apache, IIS قاتارلىقلار) نى قوللايدۇ
•PHP كۆپ خىل سانداننى قوللايدۇ
•PHP ھەقسىز بولۇپ PHP ئورگان تورىدىن خالىغانچە ماتېرىياللارنى چۈشۈرەلەيسىز: www.php.net
•PHP ئۆگېنىش ئاسان، شۇنداقلا مۇلازىمىتىر بۆلىكىدە يۇقىرى ئىجرا بولۇش ئۈنۈمى يۇقىرى

مەنبە: ئۇزدىل تورى، ئادىرىسى: http://uzdil.com/php/php_intro.asp

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 11:34 , Processed in 0.424744 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش