بىر بۇددا مۇرىتى ئىبادەتخانىغا كىرىپ، بۇدساتۋانىڭ ھەيكىلى ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ باش ئۇرۇشقا باشلاپتۇ، بىر چاغدا ئۇ يېنىدا يەنە بىرىنىڭ تىزلىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ھەمدە ئۇنىڭ بۇدساتۋاغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپ، ھەيران بولغان ھالدا: «سىز بۇ بۇدساتۋاغا بەكلا ئوخشايدىكەنسىزغۇ» دەپ سوراپتۇ.
«مەن دەل بۇدساتۋا بولىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئادەم.
«ئۆزىڭىز بۇدساتۋا تۇرۇپ يەنە نېمىشقا باش ئۇرىسىز؟»
«چۈنكى مەن بىر قىيىن ئىشقا دۇچ كېلىپ قالغانىدىم، — دەپتۇ بۇدساتۋا كۈلۈپ تۇرۇپ، — بىراق، باشقىلارغا يېلىنغىچە ئۆزۈمگىلا يېلىنىشنى ئەلا كۆردۈم.»
ئادەملەرنىڭ ئاددىيلىقى شۇ يەردىكى، ئۇلار بىرەر ئىشقا يولۇقسىلا باشقىلارغا يېلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇدساتۋا ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىگىلا تايانغاچقا، بۇدساتۋا بولالىغان بولسا كېرەك!
ئەگەر ھەممىمىزدە ئۆز — ئۆزىمىزگە تايىنىدىغان قەتىيلىك ۋە ئىشەنچ بار بولغان بولسا، ئېھتىمال، بىزمۇ ئۆز - ئۆزىمىزگە بۇدساتۋا بولۇپ قالار بولغىيتۇق.
تۇرمۇشتا بىز ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشتىن خالىي بولالمايمىز، نۇرغۇن كىشىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھامان ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، باشقىلاردىن ياردەم تىلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئۇنداق چاغلاردا بىز چىقىش يولىمىزنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز، ئۆزىمىزنى كۆپرەك ئامال - چارە تېپىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزدە ئېچىشقا بولىدىغان نۇرغۇن يوشۇرۇن كۈچ بار تۇرسا، نېمىشقا يەنە ئۆز تەقدىرىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولالماي، باشقىلارغا يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ، ئۇلاردا ياردەم تەلەپ قىلىپ يۈرىمىز؟
ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكىمەت - توپلام