ئاڭلىتىش مەركىزىمدە «
Windows 10 ئېلان قىلىندى » ناملىق ئاڭلىتىشنى يوللىغان ئىدىم، تورداشلارنىڭ ئاڭلىتىش مەركىزىگە كىرىپ يېڭىلىقنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
Windows 10 سېستىمىسى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:00 دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باشلاش تىزىملىكى قايتا ئەسلىگە كېلىپتۇ، كۆرۈنمە جەھەتتىن Windows7 بىلەن Windows 8 نىڭ يىغىندىسى دىيىشكە بولىدۇ. سېستىما ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا Windows Technical Preview نەشىرى يەنى تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشىرى تەمىنلىتىپتۇ. تورداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇرۇپ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
سېستىما چۈشۈرۈش:
. ئاۋال ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش مەنزىلىگە كىرىمىز. ئادىرىسى:
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/preview-iso
. ئاندىن كومپىيۇتېرىمىزنىڭ سەپلىمىسى ۋە سېستىمىغا تىلىغا قاراپ ماس بولغان شەكلىنى تاللاپ چۈشۈرسەك بولىدۇ. چۈشۈرگەندە ئامال بار چاقماق (迅雷) ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ.
. سېستىما تەستىق كودى
- NKJFK-GPHP7-G8C3J-P6JXR-HQRJR
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشبۇ تەستىق كودىنى بىر ۋاراق قەغەزگە خاتىرلىۋېلىڭ ياكى يانفونىڭىزغا رەسىمگە تارتىۋېلىڭ، سېستىما قاچىلىغاندا مۇشۇ نۇمۇرنى ئىشلىتىمىز.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
قاچىلاشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇلى بولۇپ، بىلىملەر تورىدا ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان بارماق دىسكا ئارقىلىق سېستىما قاچىلاش دەرسلىك تېمىلىرىنى يوللىدۇق، تۆۋەندە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىم microsoft نىڭ ئۆزىنىڭ بارماق دىسكا ئارقىلىق سېستىما قاچىلاش قورالى بولۇپ ئىشلىتىش ناھايىتى قولاي.
. ئاۋال سېستىما قاچىلاش قورالى Windows 7 USB DVD Download Tool نى چۈشۈرۋالىمىز. چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://download.pchome.net/system/treak/download-176716.html
. ئاندىن قورالنى قوزغىتىپ Browse نى بېسىپ بايا سىز چۈشۈرۈپ تەق قىلىپ قويغان ISO ھۆججەتنى تاللايمىز، Next نى بېسىپ داۋاملاشتۇرمىز.
. ئاندىن usb قوزغاتقۇچ (USB device) نى چىكىمىز.
. ئاندىن سىغىمى 8GB ئەتىراپىدا بولغان بارماق دىسكىنى كومپىيۇتېرغا سالىمىز، سالغاندىن كىيىن كۆزنەك يۈزىدىكى يېڭىلاش كونۇپكىسىنى باسساق يېڭىدىن كومپىيۇتېرغا سالغان بارماق دىسكىمىز چىقىدۇ. شۇنى تاللاپ Begin copying بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
دىققەت: بارماق دىسكىڭىزدىكى مۇھىم ماتىرياللىرىڭىزنى ساقلىۋېلىشنى ئۇنتىماڭ، يوقارقى مەشخۇلاتتا بارماق دىسكىدىكى باھارلىق ماتىرياللىرىڭىز ئۆچۈپ كېتىدۇ.
. ئىككى مىنۇتچە ساقلاڭ. شۇنداق قىلىپ بارماق دىسكىدىن قاچىلىغىلى بولىدىغان Windows 10 تەييار بولىدۇ.
. ئەمدى كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ بارماق Windows 10 نى قاچىلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ.