بىر ئوۋچى ئۆز - ئۆزىگە قەسەم بېرىشكە ئامراق ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئوۋغا چىقماقچى بولۇپتۇ ھەمدە: «بۈگۈن چوقۇم توشقان ئوۋلايمەن» دەپ قەسەمياد قىلىپتۇ. ھالبۇكى، شۇ كۈنى ئۇنىڭغا ساپلا قىرغاۋۇل ئۇچراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇرۇق قول يېنىپ كەپتۇ ھەمدە كېچىسى قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، «ئەتە چوقۇم قىرغاۋۇل ئوۋلايمەن» دەپ ئۆز - ئۆزىگە قەسەم بېرىپتۇ.
ئەتىسى ئۇنىڭغا تۈلكىدىن باشقا ھېچنېمە ئۇچرىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئەتە چوقۇم تۈلكە ئوۋلايمەن» دەپ قەسەمياد قىلىپتۇ.
ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭغا ساپلا ياۋا توڭگۇز ئۇچراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە قۇرۇق قول قايتىپ كېلىپتۇ.
... كېيىن، بۇ ئوۋچى ئاشۇنداق قەسەملەر ئىچىدە جان ئۈزۈپتۇ.
دۇرۇس، خۇددى سەن ئېيتقاندەك، دۇنيادا بۇنداق ئەخمەق ئوۋچى يوق، ئەمما ئاشۇنداق ئەخمىقانە قەسەم بار، بۇنىسى راست.
دۇنيادا بىرەر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۆز - ئۆزىگە قەسەم بىرىدىغانلار، ھەر يىل بېشىدا «بۇ يىل ئۇنىڭ ئۇنى قىلىمەن، بۇنى قىلىمەن» دەپ قەسەمياد قىلىدىغانلار، بىرەر بالىسى تۇغۇلسىمۇ ئۇنىڭغا ئاتاپ قەسەم بېرىدىغانلار يوق ئەمەس. ئۇلار «ئەمەلىيەتكە ماس كېلەمدۇ، كەلمەمدۇ» دېگەننى ئورۇنلاشماستىن، ئاشۇ قەسەملەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا قارىغۇلارچە تىركىشىدۇ. ھاياتلىق بىلەن قەسەم تۇرمۇشتىكى ئىككى چوڭ زىددىيەت. ئادەم قەسەم ئۈچۈن ياشىماسلىقى، بەلكى قەسەم ھاياتلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك.
قەسەم ئادەتتە مەلۇم نىشانغا يېتىش ئۈچۈن باغلانغان ئۈمىدتىن ئىبارەت، ئەگەر ئۇ نىشانغا يېتىشتىكى بويۇنتۇرۇق بولۇپ قالسا، ئەسلىدىكى مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
شۇڭا ئادەم بىر بولسا ئۆزىگە مۇناسىپ قەسەمنى بېرىشى ھەمدە ئۇنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك؛ بىر بولسا قەسەم بېرىش ئارقىلىق ئۆز - ئۆزىنى چۈشەپ قويماي، تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرە ئېلىشى كېرەك.
ئېسىڭدە بولسۇنكى، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى جانلىق ئىگىلە، ئۆزۈڭنى ھەرگىزمۇ قەسەمنىڭ ئاسارىتىگە چۈشۈپ قالغان ئەخمەققە ئايلاندۇرۇپ قويما.
ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكىمەت - توپلام