تارماق بەت ئۈستى ئېلانى
  • دەھشەت مۇھاببەت خېتى......

    ۋاقىت:2008-09-21 | تۈرى:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/29456107.html

    دەھشەت مۇھاببەت خېتى......
    ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن ،ئالدىنقى قېتىم بۇ تېمىنى يوللىغان چاغدا ،ئوقۇرمەنلىرىمىز نىڭ بەزىللىرى بۇنى راست يازغان خەت ۋەياكى مۇشۇنداقمۇ بۇلامدۇ ۋاھاكازا.....ئىشقىلىپ ئوخشىمغان پىكىرلەرنى بىرىپتۇ،بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس ،بۇپەقەت مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ياكى قىزىقچىنىڭ سۈيىگە چىلىشىپ قالغان خەتتۇر،مەن بۇنى بۇرۇن بىرسىدىن يېزىۋالغان ،بۈگۈن قايتا تەھرىرلەپ قويدۇم،كۆرۈپ بېقىڭلار........... .....

    ئىنقىلابى سالام
    [
    مەن ئۈچۈن دۇنيادا ۋاقىتتىنمۇ قىممەتلىك ،جاندىنمۇ مۇھىم، بىر كۈرۈپ خۇما بولغان،ئىككى كۈرۈپ مەست بولغان ئۈچ كۈرەلمەي سەۋدا ھەم مۇشۇ خەتنى يېزىشقا مەجبۇر بولغان جېنىمنىڭ جانانىسى يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ئالتۇندەك ئەزىز تىنىڭ سالامەتمۇ؟نەچچە كۈن بولدى سىنى كۆرمىگىلىى،توپىغا چۈشكەن تەڭگىدەك يوقاپلا كەتتىڭ !سىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۈزەمنى ئۇنتۇپ قالغاندىمەن،لىكىن سىنى يۈرۈگۈم سۇقۇپ تۇرسىلا ھەر تىنىقلىرىمدا ئويلاپ تۇردۇم،بىلەمسەن ،مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن ،ئۆمرۈڭنىڭ لەغمەندەك ئۇزۇن بۇلىشىنى تىلەيمەن.

    بىلەمسىەن ،مەن بۇخەتنى بەشكىرەمنىڭ ئۈرىكىدەك ئىزىلىپ ئولتۇرۇپ يازماقتىمەن ،ھازىر مەن سىنىڭ ئىشقىڭدا كۈيۈپ كىرىيەنىڭ كىشمىشىدەك قورۇلۇپلا قالدىم ،شۇ تاپتا يېڭىسارنىڭ پىچىقىدا قەلبىمنى يىرتىۋىتىشكە ئاران ئاران تۇرۇپتىمەن ،خوتەن گىلىمىدەك قېپقىزىل يۈزۈم ھازىر شايارنىڭ ئۆپكىسىدەك قورۇلۇپلا قالدى،سىنىڭ ئاشۇ جانان پىيالىسىدەك كۈزۈڭ، ئويماقتەك لەۋلىرىڭ ،قوش مۇشتەك بۇرۇنلىرىڭ،ئاھ،ئات كەبى يۈزۈڭ ،كۆڭۈل ئېكرانىمدا يالت يۇلت قىلىپ تۇرىدۇ،ئەگەر مۈمكىن بولسا سىنىڭ ئاشۇ كورلا نەشپۈتىدەك شىرىن لەۋلىرىڭگە سانجىنىڭ شىلىمىدەك چاپلاشسام دەيمەن .

    ،گاھ سىنىڭ ئاتۇش گىردىسىدەك قىزىل مەڭزىڭگە مەڭزىمنى يېقىپ زەپەناۋاتلىرىدەك «شۇررىدە»ئىرىپ كەتسىەم دەيمەن.

    سىنى ئويلاپ ئاخشاملىرى ماخازا كەبى تولغىشىپ كىتىمەن،ھازىر ساڭا بولغان سۆيگۈم قاراماي نېفىتىدەك ئېتىلىپ چىقماقتا،گاھى كۇچانىڭ كالتە كۆپىسىدەك تۈگۈلۈپ قالىمەن گاھى سىنى ئويلاپ يېتپ باينىڭ قېتىقىدەك ئۇخلاپ ئۇيۇپلا كىتىمەن، سىنى چۈشەپ قالسام،ئويغىنىپ ئاۋاتنىڭ توشقىنىدەك سەكرەپ كىتىمەن، بەزىدە ئى ئاسلاندەك يۇۋاشلاپ كىتىمەن ،سىنىڭ ئالتاي ئاتلىرنىڭ يايلىرىدەك چاچلىرىڭ خىيالىمغا كىلىپ قالسا باغراش كۆلىدەك چوڭقۇر خىياللارغا غەرق بۇلىمەن...

    ئۆيدىكىللىرىڭنى ئويلىسام،قەلبىمنى شەرق شىمال يولۋىسدەك قورقۇنۇچلۇق خىياللار چىرمىۋالىدۇ،يۈرۈگۈم داۋانچىڭنىڭ تاۋۇزىدەك «چارس»قىلىپ يېرىلىپ كىتەيلا دەۋاتىدۇ، قەلبىم ئېلى دەرياسىدەك ئۆركەشلىمەكتە،ھەم ئازابلار دەستىدىن تارىم توغراقلىرىدەك كىسىلىپ كەتتى،قەشقەر ئانارىدەك يۈزۇممۇ شىخەنزىنىڭ قارا ئۈرۈكىدەك بۇلۇپ قالدى .

    ئەگەر سەن تەلىپىمگە قۇشۇلساڭ تىيانشان تاغلىرىدىكى قار لەيلىسىدەك ياشىرىپ كىتەتتىم ئۇ چاغدا سىنى قەشقەرنىڭ بادام دوپپىسىدەك بېشىمغا قۇندۇۋالغان بۇلاتتىم شۇنى ئېيتايكى ئەگەر ساڭامەندىن باشقا بىرسى كۆڭۈل ئىزھار قىلغىدەك بولسا خۇنەن خورىزىدەك سۇقشىشتىن يانمايمەن،ئۇنداق قىلما ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن ......

    ئەگەرچەندە بۇ تەلىپىمنى رەت قىلساڭ تۇرپان ئۈزۈمىدەك ساڭگىلاپ ئۈلۈۋىلىشتىن يانمايمەن ..............

    ئاخىردا ساڭا ئامرىكىچە ئامەت ،پاكىستانچە پاكلىق،ھىندىستانچە مۇھاببەت تىلەپ بىر كوپلىت شېئر سوۋغا قىلاي:
    كۆزلىرىڭگە كىرىپ كىتەي دىسەم ،
    كىر پىكىڭگە ئىلىشىپ قالدىم .
    بۇرۇنلىرىڭغا كىرىپ كىتەي دىسەم،
    تۈشۈكىگە قاپلىشىپ قالدىم ،
    يېنىپ چىقىپ كىتەي دىسەم ،
    ماڭقاڭغا چاپلىشىپ قالدىم.

    خەير .مەڭگۈلۈك ئاشىغىڭدىن.2088-1.1

    ئەگەر خەت قۇلۇڭغا تەگمىسە ياكى يىرتىۋەتسەڭ ئىناۋەتسىز ..........تۆلەيسەن!!! خۇش ساراڭ.........

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى