ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا يەنە كىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ، قانداق ياردەم كېرەك بولسا سوراڭ ئىنكاس يېزىڭ ، كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن ...

http://bbs.uyblog.cn

  • 2012-05-21

    ئون چوڭ ئىگىلىك تىكلەش پېرىنسىپى - [توردا پۇل تېپىش ئىقتىسات ۋە پۇ]

     

    1. باشقا شىركەتلەرگە بېرىپ ئۈگۈنۈش 
    ئەگەر پۇرسەت بولسا چوڭ كىچىك شىركەتلەرگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرنى تۇلۇق ئىنىچكىلىك بىلەن كۆزىتىش كىرەك . بۇ سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىزدە تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ .
    2.قۇلىدىن ئىش كىلدىغان قابىليەتلىك خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىش كىرەك 
    بەزى خوجايىنلار بەك ئەقىللىق خىزمەتچى ئىشلىتىشتىن قورقىدۇ ، بىراق نۇرغۇن ئىگلىك تىكلۈگىچىلەرنىڭ قارىشىچە قۇلىدىن ئىش كىلدىغان ، ئەقىللىق خىزمەتچى ، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىسى بار بۇلۇپلا قالماستىن ، ئۆزىمۇ شۇ خىزمەتچىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەنگىلى بۇلىدۇ دەپ قارايدۇ . شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلۈگۈچىلەرنىڭ نەتىجىىسى << ئۆزىمىزدىن ئەقىللىق خىزمەتچى ئىشلەتكەنلىگىمىز >> دە دەپ قارايدۇ .
    3.دائىم ئىگىلىك تىكلەش تەجىربىسى مول كىشلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش 
    پەقەت قەرشى تەرەپتە سىزدە كەمچىل بولغان ئەمەلىي تەجىرىبە بولسىلا قارشى تەرەپنى ئاكتىپلىق بىلەن تاماققا تەكلىپ قىلىڭ ، كۆپرەك مۇشۇنداق كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە تەسسەۋۇرىنى ئىگىلىيەلەيسىز .
    4.كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئەسۋاپلىرى ئارقىلق باشقۇرۇش سەنئىتىڭىزنى مۇككەمەللەشتۈرۈڭ 
    تېلۋوزۇردىكى باشقۇرۇش سەنئىتىگە ئائىت نۇمۇرلار ، ۋە ئۇنئالغۇ لىنتىسىغا ئېلىنغان تىجارەت باشقۇرۇش سەنئىتىگە ئائىت دەرىسلىكلەرنى ، ئارام ئالغاندا ۋە ماشنا ھەيدىگەن ۋاقىتلاردا ئاڭلاپ بەرسىڭىز ، چۇقۇم پايدىسى بۇلىدۇ .
    5 .<< خاتالىقنى سىناپ بېقىش >> ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش 
    سىز ئىگىلىك تىكلۈگىچىلەرنىڭ باشقۇرۇش سەنئىتىنى قانداق ئۆگەنگنلىكىنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا ، ئۇلار چۇقۇم سىزگە << مەغلۇبىيەت ئىچىدىن تەجىرىبە توپلىدۇق >> دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ، تەجىربىنىڭ ئاز كۆپلىگى ئەلۋەتتە مۇھىم ، بىراق ئۆزىڭىز ئىگەللەپ تۇرغان تىجارەت ئۇسۇلى ھەممىدىن قىممەتلىك ، ھەممىدىن ئەمەلىي .
    6.خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىللە تاماق يەڭ 
    كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن خوجايىن ۋە خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماقنى بىللە يىسە ، يېڭىلىق يارتىشتىكى ،مەسلىنى ھەل قىلىش ۋە ئۆز – ئارا ئۆگىنىشئالاقسىنى كۈچەيتكىلى بۇلىدۇ 
    7. ئۇچۇر كىلىش مەنبەسىنى كىڭەيتىش 
    كىتاپ – ژۇرناللارنى كۆپ ئۇقۇش . سودا ئالاقىسى ۋە مۇناسىۋەتكە دائىر ژۇرناللارنى كۆپلەپ كۆرۈش كىرەك .
    8. مال تەمىنلەش شىركەتلىرنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىرنى قوللنىش 
    مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بۇ ساھەدىكى كەسىپلەر بىلەن پىششىق بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سىزگە پايدىسى بولغان ئالاھىدە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن .
    9. خېرىدارنىڭ ماختاش ۋە تەنقىدلىرنى تۇلۇق ، ئەستايىدىل ئاڭلاش 
    خېرىدارنىڭ ئىچكى ئاۋازلىرىدىن ،ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرنى كۆرىۋالالايسىز ، ئەگەر سىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى ئاڭلىسىڭىز داۋاملىق ساقلاپ قالسىڭىز بۇلىدۇ . 
    10. ئۆزلۈكسىز ئۆزىڭىزدىن مەسلە ئىزدەڭ
    پەقەت سىز مەسلىنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز ، نۇرغۇنلىغان كىشلەر سىزنىڭ مەسلىڭىزنى خوشاللىق بىلەن ھەل قىلىدۇ ، سىزنىڭ مەسلىڭىز باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ مەسلىسىمۇ سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتسۇن. ئەگەر سىز تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، سىز قوربان بېرىدىغانمۇ كۆپ بۇلىشى كېرەك .

     

    分享到:

ئەگەر ئىنكاس يازىدىغان يەر چىقمىسا كۇنۇپكا تاختىسىدىن f5 نى بېسىڭ

<