-
2012-05-13
مۇھەببەت توختامى(فىليەتون) - [نادىر تور ئەسەرلىرى]
مۇھەببەت توختامى(فىليەتون)
ئا تەرەپ : جان
ب تەرەپ: گۈل
توختامنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1 .ئا ب ئىككى تەرەپ مۇھەببەت ئارمىيىىسىگە قاتناشقان بولۇشى كېرەك (ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى ئۆز ئىچىگە ئېلىنمايدۇ). ئىككى تەرەپ مۇھەببەت قانۇنىغا قاتتىق بوي سۇنىشى، قوغلاشقانلىقAAAگۇۋاھنامىسىنى، يۈرگەنلىكLOVEلاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى، ئاشىق-مەشۇق لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئالغان بولۇشى لازىم، ساختا گۇۋاھنامە ئىشلەتكەنلەر مۇھەببەت قانۇنى بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ، قوشۇمچە گۇۋاھنامە ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن 100يىل مەھرۇم قىلىنىدۇ.
2.ئا ب تەرەپ بىر-بىرىگە ۋاپادارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ۋاقتى-ۋاقتىدا تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇشى، ئىزدەپ تۇرۇشى، كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن كىچىك سوۋغىلارنى ئېلىپ بېرىشى، ئاغرىپ قالغاندا دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرسىتىپ، داۋالىنىپ بولغىچە ياخشى ھەمراھ بولىشى كېرەك.
3.ئا ب ئىككى تەرەپ ئىقتىسادى چىقىمدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ئىقتىسادى چىقىمنى خالىغان بىر تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ ياكى ئورتاق ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ، مەجبورلانمايدۇ. ئاتچوت (报销) قىلىنمايدۇ. شۇڭا بىر-بىرىگە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بېرىشتىن ساقلىنىشى، ئازراق پۇلنى دەپ قىيا-چىيا بولۇپ، بىر-بىرىگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىكى، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، چۈشىنىشى، بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلالايدىغان بولىشى لازىم.
4.ئا ب ئىككى تەرەپ Ⅲ-شەخىستىكىلەر بىلەن دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بولمايدۇ. قارشى تەرەپكە يامان غەرەزلەردە بولماسلىقى كېرەك، چەكتىن ئاشقانلار مۇھەببەت قانۇنى بويىچە 15 كۈنلۈك تەنھا قالدۇرۇش سىياسىتى بويىچە جازالىنىدۇ ھەم ئىقرارنامە، تۆۋۋىنامە يازدۇرۇلىدۇ، ئىپادىسى ياخشىلار كەڭچىلىككە ئېرىشىدۇ، ئېغىرلىرى مۇھەببەت تۈرمىسىدە ياتىدۇ.
5.توختامنىڭ ۋاقتى يېزىلغان ۋاقىتتىن باشلىنىپ ئۆلگىچە بولغان قىسقا مۆھلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئا ب ئىككى تەرەپ ئوڭ يېتىپ، سول يېتىپ، دۈم يېتىپ تۇرۇپ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىنى، مۇھەببىتىنى، كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا توختامغا ئىمزا قويۇشى، قول بارمىقىنى، پۇت بارمىقىنى بېسىشى لازىم. توختامغا ئىمزا قويغان كۈندىن باشلاپ، مۇھەببەت قانۇنىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە رەسمىي كۈچكە ئىگە. توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
6. توختام ئا ب ئىككى نۇسخا بولۇپ، سۈرۈشتۈر قىلىنمايدۇ. تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ، شۇڭا توختام ئىگىلىرى توختامنى پۇختا ساقلىشى لازىم، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئىناۋەتسىز.
قوشۇمچە ماددا:
سىز مەزكۇر توختامغا قول قويۇشتىن ئىلگىرى ياخشى ئويلىنىڭ، سىزنى مەجبۇرلىمايمىز، ئىختىيارلىق تاللاش يولى سىزدە. سىز توختامغا قىزىقامسىز قىزىقمامسىز، خىلاپلىق قىلامسىز، قىلمامسىز ئۇنىسى مۇھىم ئەمەس، سىز پەقەت يالغان سۆزلىمىسىڭىزلا بولدى. ئەگەر سىز باشقا بىرىنى ياخشى كۆرسىڭىز بېرىڭ، ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىڭ، چۈنكى بۇ بىر ئەرزىمەس توختام ئۈچۈن ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى!...
گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئورۇن:
مەنزىل:شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى
<