-
ھەي لىۋەن چۈش - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2012-02-23
مەن ئۆلدۈم ، دېرىزىدىن يانتۇ چۈشىۋاتقان ئاي نۇرى چوقۇم يالغۇز جەسىدىمنى يورىتىپ تۇرۇپتۇ...ئەتراپىمدا نۇرغۇن نەرسىلەر ... سارغىيىپ كەتكەن كىتابلار ، چېچىلىپ ياتقان ، سىياسى قۇرۇپ كەتكەن قەلەملەر ، قەدىمى قوليازمىلار ، ئۆرۈلۈپ كەتكەن شامدانلار ھەمدە يۈزۈمگە ساڭگىلاپ چۈشكەن ئۆمۈچۈكنىڭ ياشقا ئوخشاش بىچارە تورى...
مەن ئۆلدۈم ، خۇددى شۇنىڭدەك !
-
ئەتتارغاـــقىپقىزىل غازاڭلار چۈشەر قەلبىمگە - [شىئېرلار]
2011-05-25
-
داغ - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2011-05-23
داغ
ھېكايە
ئۇ ھەۋۋانىڭ لېۋىدىكى قارا ئىزنى كۆرۈپ ئىچ-باغرى پىژىلداپ كۆيۈپ،ئاغرىشقا باشلىدى .
ـ ئاخشام قارا باسقان ئېدى ،چۆچۈپ كەتكەن ئوخشايمەن،ئوچۇق چىقىپتۇ..،- ھەئە،دىمىسىمۇ بىر ئوچۇقنىڭ ئىزىدەك قىلاتتى،لېكىن نېمىشقىدۇرقاتتىق بىئارام ب... -
يىراقتىكى يار - [شىئېرلار]
2011-05-07
پەرىشان ئاپتاپ
ئاپتاپ چىقتى
بەش بالىسىنى سۆرەپ سۆرىلىپ
يامغۇردىن كېيىنكى پەرىشان ئاپتاپ
كۈنلۈك بولۇپ ئۆزۈمنى تۇتتۇم
چۇل چۇل بولدى يىرتىلدى
كۆك رەڭلىك ئاپتاپلىق
قولۇڭدىكى يوپۇرماقلاردەك تىتىلدى
سوزۇلۇپ ياتقانسەن بەلكىم ئۇ يەردە
... -
ئايال شائىرلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى - [شىئېرلار]
2011-05-05
ئايال شائىرلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى
ناھايىتى رەزىل دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمەن
تامنىڭ تۆشىكىدىكى مەخپى كۆرۈنۈشلەردەك
شېئىرنى گۈزەل يازىدىغان ئاياللارنى
ئىككى قولى قان دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمەن
ئايال شائىرلار
بوغما يىلانلاردەك... -
مېۋىلەر تۆكمە بولدى - [شىئېرلار]
2011-02-18
( 1 )
ئاسمانرەڭ يوپۇرماقلار
غۇۋا شاماللار
گويا چۈشكە ئوخشاش پىلدىرلاپ تۇراتتى
يەلكەنلەردەك يەلپۈنۈپ تۇرغان
قارا رەڭلىك بىر بايراق كېچە
كىچىككىنە بىر قولۋاق كەبى توختىماي چايقالماقتا ئېدى
ئۆرۈلدى!
تورۇك تورۇك تورۇك...
... -
تۈننىڭ قۇشى - [شىئېرلار]
2011-02-17
تۈننىڭ قۇشى
مەندىكى زۇلمەتلەر ئاسماندۇر ،ئاسمان
سەندىكى باھارغا تەلپۈنەر تۈگۈل
مەندىكى پەريادلارئۇزۇندىن ئۇزۇن
يىلاندەك تولغىنار قەلەندەر كۆڭۈل!
ۋاقىراپ ۋاقىراپ ئەينەك يىغلىدى
باقمىدىم نېمىشقا بىر رەت ئۈكۈنۈپ؟
م... -
كۆڭۈلنىڭ قالغان يېر - [شىئېرلار]
2011-02-07
كۆڭۈلنىڭ
قالغان يېرىمى
سېنى
ئويلىمايدىغان بوپ قالغىلى نىكەم
ھەئە ،سېنى ئويلىمايۋاتىمەن
ھېلىقى يارا
پۈتتى،پۈتمىدى
مەن بىلمەيلا
كېتىۋاتىمەن
بىلمىگىنىم
ئۇنتۇغىنىم ئەمەستۇر
بىلمىگىنىم
ئۇنتۇغىنىم ئەمەس!
كۆڭلۈم
يېرىمدىدۇ... -
قاراڭغۇدا ئېچىلغان گۈللەر - [شىئېرلار]
2011-02-07
قاراڭغۇدا ئېچىلغان گۈللەر
تىرەن كىرىپ كەتتى ، بەكمۇ تىرەن
بىر
نەرسە بار مېنىڭ قەلبىمدە
يالقۇنلىرى
ئاراخىرامان
بىر
توپ گۈللەر پورەكلىمەكتە
شامال
چىقماقتا ،سۇسقىنا شامال
ئەمما
ئۇنچە مەيىن ئەمەستۇر
ئەمما تۇغلارنى
يەلپ... -
رەسىم سىزغۇچى - [شىئېرلار]
2011-02-07
رەسىم سىزغۇچى
قولۇمدا
كىچىككىنە شېغىل تېشى بار
يەرگە
رەسىم سىزىۋاتىمەن،
سىزىپ
بولۇشتىن كېيىن ئۆچۈرۈش كېلىدۇ،
ئۆچۈ... -
نىگار بىر كەلدى، بىر كەتتى - [شىئېرلار]
2011-01-13
نىگار بىر كەلدى، بىر كەتتى
ئىشق قەدرىمنى ئاز قىلدى، ئېگىلدى،سۇنمىدى قەددىم،
كۆيۈپكى ئەۋجىدىم ئەمما ، مېنىڭ ھېچ بولمىدى ھەددىم.
يېقىلدى تاغلىرىم ھەيھات،دېڭىزنىڭ سۈلكىتى ئۆلدى،
سېنى ھېچكىممۇ بۇ ئەلدە مېنىڭدەك يۇتمىغاي دەردىم.
&n... -
بۇدۇشقاق - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2011-01-11
بۇدۇشقاق
ھېكايە
_ ئەسسالامۇئەلەيكۇم!ياخشى تۇرۇپسەنمۇ؟ۋاي ئەجەپ يوقاپ كەتتىڭ ئاچا، كۆپ سېغىندىمغۇ سېنى...
مېنى قىزغىنلىق بىلەن قۇچاغلاپ يۈزلىرىمگە ھەدەپ سۈيۈپ كەتكەن بۇ سىڭلىم دوستۇمنى ئەمدى كىم بولغىيدى ،دەپ ئېسىمگە كەلتۈرەلمەي بى... -
بىر كۆلگە ئايلانغىنىمدىن كېيىن - [نەسىرىي ئەسەرلەر]
2010-12-27
بىر كۆلگە ئايلانغىنىمدىن كېيىن
نەسرى شېئرلار
مۇھەببەت قوياشقا ئايلانغاندا
نە يېقىن كەلگىلى بولسۇن، نە يىراق كەتكىلى بولسۇن مۇھەببەتتىن
سىزنى سۆيۈش
ياۋايى قۇشتەك ئېتىلىپ تۇرغان چاغلىرىمدىن ... -
سېرىق دەريا بويىدا - [شىئېرلار]
2010-12-21
سىزنى سۆيگىنىم ئۆچۈن
بىر رەسىم سىزدىم
بىر شېئىر يازدىم
بىر ناخشا ئېيتتىم
بىر مۇزىكا چالدىم بىر گۈزەل مۇزىكا
سىزنى سۆيگىنىم ئۆچۈن ياشىدىم
ھايات نېمىدىگەن گۈزەل، دەپ تەنتەنە قىلدىم
يۇپۇرماقلاردەك سىلكىندىم
قومۇشلۇقلاردەك لەرزان ئۇسسۇلغا چ... -
سەن كەلمىسەڭ - [شىئېرلار]
2010-11-23
سەن كەلمىسەڭ
ئاندا - سانداغىنا...
بىزنىڭ تۇرپاندا باھار كەلمىسىمۇ ئۈجمىلەر تۆكمە بولىدۇ ،
ئۆيۈمنىڭ كەينىدىكى ھېلىقى ئىسمى يوق دەرەخ قىش كۈنلىرىدىمۇ يۇپۇرماق چىقىرىپ قالىدۇ؛
بىر پارچە بولۇتنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ يامغۇر تامچىيدىغان چاغلار بول...